ئىگىسى: armanlirim

بارى مۇسابىقىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
37
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1027
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 14:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق ئادەملەر جىقتە بۇ دۇنيادا،  پاكزاد  توغرا دەپتۇ ،ئەمدى ئۇيغۇردا ئىسىم ئۆزگەرتىش دولقۇنى پەيدا قىلساق بۇلامدۇ قانداق كىم داڭ قازانسا شۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ئابدۇل نى قوشايلى،دادىسى بارى دەپ ئەرزان توۋلاتقۇزۇپ  موللام قۇشۇلۇپ قويغان ئىسىمنى توردا ۋاققىدە پەيدا بوپ بارى شۇنداق دېسەڭلار مەيلى دېگەن دەپ ئابدۇلبارى دەپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلماي،ئىسمى بىلەن نىم كارىڭلار دەيمەن،تارىخ بەگ ئەپەندىم ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە بىر دەپ بىرەمسىز ماڭا ،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭمۇ ئالدىغا مەن بىر نام قۇياپ بىرەي...بولدى ، بۇ تالاش-تارتىشنى قىلماڭلار،مۇشۇ گەپنى باشقا مىللەت كۆرۈپ قالسىمۇ ھەممە يىرىدە كۈلەر،نىم كارىمىز باشقىلارنىڭ ئىسمى بىلەن،موللاملىق قىلمايلى.ياخشىسى بارىغا ،مەدەت بۇلىدىغان.ئۇنى قوللايدىغان ئىنكاسلار بولسا يازايلى.بولمىسا ئارتۇق گەپ قىلمايلى،ئابدۇلبارى دەپ ئىسىم ئۆزگەرتمەي.

UID
10584
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1046
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 14:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ بىر كوماندىغا يىغىلىپ، مەشق قىلىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قاپتۇ. بۇ مۇسابىقىدە رېپىر بىر توپنى ئېتىراپ قىلمىدى، يەنە بىر مۇنچە سەۋەپلەر بارىكەن. گەرچە مۇسابىقە جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بۇ مۇسابىقىنى بارىنىڭ غەلبىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بارى خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ئەمەلىي ئىقتىدارىنى، روھىنى نامايان قىلدى. cctv نىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى بارىغا ئوبىكتىپ لىللا باھا بەردى. جۇڭگۇ كوماندىسىدىكى قەھرىمان، جوڭگۇ كوماندىسىنىڭ مەنىۋى داھىيسى دەپ باھا بېرىشتى.

ئەلبەھرە تورى www.elbehre.com

UID
11134
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1905
تىزىملاتقان
2011-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 14:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمسىزلىكىمىزدىن نەدە توخۇنىڭ تۈكىنى يۇڭداپ ئولتارغان، بىز ئەرەپ بولمىغاندىكىن " بارى " دەپ چاقىرساق نىمە بوپتۇ، ئۇنىڭ ئىسمى نەگە پۇتلىشىپتۇ ؟

UID
12607
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2011-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 18:56:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش قېرىنداشلار ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم !
  مەن ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى كورمەيتتىم ،لىكىن سىلەر يازغان ئىنكاسنى كۇرۇپ كۆرگۇم كىلىۋاتىدۇ ،لىكىن يوللاپ قويغان ئادرىس بويىچە كىرسەممۇ كۇرەلمىدىم بولسا مۇسابىقىنىڭ پۇتۇن جەرياننى مۇشۇ تور بەتكە يوللاپ قويغان بولساڭلار  ، رەھمەت ...  
مەن ئىشىنىمەن چوقۇم بىرەر قېرىندىشىم بولسىمۇ مىنىڭ بۇ ئۇمىدىمنى يەردە قويمايدۇ  

UID
9520
يازما
87
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2277
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 20:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن توپچى ئوغلانىمىز ئابدۇلبارىغا رەھمەت . چۈنكى ، ئۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى پۇتبولدا ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقىدەك رەھىمسىز رېئاللىقنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن توپ ئويناپ ، جۇڭگو جامائەتچىلىكدە ھەيرانلىق ، قايىللىق ۋە پەخىرلىنىش ھىسىياتىنى قوزغىتىۋەتتى . مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئابدۇلبارى ئۈچۈن زور نەتىجە .
ئەمدى يۇقىرىدا تورداشلار ئابدۇلبارىنىڭ ئىسىمىنى زادى ئابدۇلبارى دىيىش كېرەكمۇ ياكى بارى دىيىش كېرەكمۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپتۇ . بۇمۇ ياخشى ئەھۋال . چۈنكى ، مۇنازىرە بىلەن ھەقىقەت نامايان بولىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ ھەقتە مىنىڭ قارىشىم مۇنداق :
دىنى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بارىنىڭ ئىسىمىنى ئابدۇلبارى دەپ ئاتاش مۇۋاپىق . چۈنكى ، بارى ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتىنىڭ بىرى . توپچى ئوغلانىمىز ئابدۇلبارى بولسا يىگانە ئاللاھنىڭ ئاجىز بىر بەندىسى . ( بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاجىز بەندىلەرمىز ) يەنى ، ئابدۇلبارى ئاللاھ ياراتقان بىر بەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ بەندىسى - بارى دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم - ئابدۇلبارى - دەپ چاقىرىلىشى كېرەك . بۇ ھەم مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇلبارىنىڭ دىنى كىملىكى نۇقتىسىدىن توغرا بولغان چاقىرىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . يۇقىرىدا بىر تورداش ئابدۇلبارىنىڭ ئۆزىنىڭ - ئابدۇلبارى - دەپ چاقىرىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ . بۇمۇ مىنىڭچە مۇھىم ئىش .
مىللى كىملىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئابدۇلبارىنىڭ ئىسىمى - بارى - دەپ چاقىرىلغاندا ( خەنزۇ يولداشلار - بارى - نى توغرا تەلەپپۇز قىلالماي  - بالى - دەپ چاقىرسا   ) ئابدۇلبارى مىللى ئېتنىك تەركىبى ، ئېرقى جەھەتتىن خەنزۇ توپچىلارغا ئوخشىمىغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنى كۈرۈپ باقمىغان ( دۆلەت كوماندىسدىكى ئابدۇلبارىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلمەيدىغانلار ) بالى - بالى دەپ چاقىرىشلاردىن باشقىلار ئاسانلا ئابدۇلبارىنى بىرەر چەتئەللىك توپچى ئوخشايدۇ - دىگەن تۇيغۇغا كىلىپ قالمايدۇ ، دىگىلى بولمايدۇ . بۇنداق بولغاندا بارىنىڭ مىللى كىملىكى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىنمۇ ؟! ... مىللەتنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتقان ئابدۇلبارى بۇنداق نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئى خالىماسلىقى مۇمكىن . شۇڭا مەن يۇقارقى سەۋەبلىرىمى بىلەن ئوغلانىمىز بارىنى يەنىلا - ئابدۇلبارى - دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .

UID
3896
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 21:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 28 قەۋەتتىكى   (tahirbeg) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان...

tahirbeg ئەپەندىم :

بارى دىگەن ئىسىمنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى نىمىكىن، ئاۋۋال مۇشۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالساق، ئاندىن شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىگە قاراپ بىرنىمە دىسەك ياخشى بولاتتى.

ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلىگەن ئادەمنىڭ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قىممىتى بولىدۇ .

UID
3896
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 22:05:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا بارى نام چىقارغان توپچى بولماي ئاددى ئادەم بولغان بولسا، ھىچكىمنىڭ كارى بولماس بولغىيتى، مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىسىلىۋالمىساق نىمە بولار، كىچىكىدىن تارتىپ بارى دەپ ئاتاپ كەلگەن ئادەمنى، ئاتىسى كۆرمىگەن، ئانىسى كۆرمىگەن ئادەملەر ئۆرگەرىتكىلى تۇرۇپتۇ، بىزگە قىلىدىغان ئىش چىقماي قالغان زادى.

ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلىگەن ئادەمنىڭ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قىممىتى بولىدۇ .

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 22:11:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلبارىنىڭ ئىسىم مەسىلىسىدە تاھىربەگ ۋە ي.م ئىلقۇت ئەپەندىلەرنىڭ دىگىنى توغرا.
بۇ ئىسىملار يالغۇز بارى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن راخمان، غەنى، ۋەلى، رەشىد، ۋارىس، قادىر، ئەزىز، زاھىر، ۋاھىد، قەييۇم، كەرىم، ھافىز، ھەكىم، باسىت، راززاق، قاھھار، غاففار، خالىق، ئەزىز، مۆمىن، قۇددۇس، رەھىم، مالىك... قاتارلىق ئىسىملارنىمۇ يالغۇز چاقىرىشقا بولمايدۇ.
بىراق، ئوخشىمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئىسىملار ئاساسەن ئومۇملىشىپ كەتتى، ئۇنداقتا بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟

UID
11145
يازما
37
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1027
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 23:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]تەنتەربىيەگە، بولۇپمۇ پۇتبولغا ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، شارائىت يار بەرسىلا، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى قالدۇرماي كۆرەتتىم. 1994-يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگىنىمدىن تاكى ھازىرغىچە ھېسابلىسام، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمغا مانا 17 يىل بولۇپ قاپتۇ. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ئامېرىكا قىتئەسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن تاكى ياۋروپادىكى ئىتالىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىگىچە، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىلەرگىچە... مەيلى تېلېۋىزوردا ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن بولسۇن ياكى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرگەن مۇسابىقىلىرىم بولسۇن، مۇشۇ كەمگىچە قانچىلىك مۇسابىقە كۆرگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ھەتتا، 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى «چاڭگا» دا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىمۇ مېنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدى. ئەلۋەتتە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنە «چاڭگا» دا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنى ئېنتىر مىلان كوماندىسى بىلەن AC مىلان كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىمۇ مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى، مەندە پۇتبولغا نىسبەتەن مۇھەببەت چوڭقۇر.

[align=justify] 

[align=justify]

 

[align=justify]خۇددى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمغا ئوخشاش، پۇتبول ئويناش مەن ئۈچۈن يەنە بىر خۇشاللىق. دادامنىڭ «پۇتبول ئوينىمايسەن» دەپ توسۇشلىرىمۇ كار قىلمايتتى. مەيداندا پۇتبول تېپىۋاتقان بالىلارنى كۆرسەم، خۇشال بولۇپ كېتەتتىم. يۈگۈرگىنىمچە ئۇلارغا قېتىلىپ كېتەتتىم. بۇ جەرياندا قانچە قېتىم تاياق يىگىنىم ئېسىمدە يوق. يىغلايتتىم-يۇ، ئەتىسى يەنە پۇتبول ئوينايتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مەزگىلىمگىچە پۇتبول ئويناپتىمەن. بۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقىم چەكسىز. «ئەمدى خىزمەتكە چىقتىم، پۇتبول ئويناش پۇرسىتىم ئىلگىرىكىدەك كۆپ ئەمەس» دەپ ئاھ ئۇرغانىدىم، كىم بىلسۇن، ئىدارىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش مەركىزىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتىم. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ كوماندىمىز ئاخىرى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بوينۇمغا ئېسىلغان مېدالنى خېلىغىچە سىلىدىم. بۇ مېنىڭ بوينۇمغا ئېسىلغان تۇنجى مېدال ئىدى.

[align=justify]ئۆزۈم بىر جۇڭگولۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئىزچىل جۇڭگو كوماندىسىغا مەدەت بېرىپ كەلدىم. 1997-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئەۋزەل شارائىتتا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو كوماندىسى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىدىن مەھرۇم بولدى. شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولغانىدى. لېكىن كىم بىلسۇن، 2001-يىلى شىنياڭ «ۋۇلىخې» تەنتەربىيە مەيدانىدا جۇڭگو كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئوممان كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. 2002-يىلى ياپونىيە-كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىناتتى. چەت ئەللىك ترېنېر مېلودىنوۋىچنىڭ جاپالىق ئەجرى، خاۋ خەيدۇڭ، فەن جىيى، ما مىڭيۈ، لى تيې، سۈن جىخەي، ياڭ چېڭ...قاتارلىق ماھىرلارنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالىدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە كوستارىكا، بىرازىلىيە، تۈركىيە كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن «كوستارىكا كوماندىسىنى يەڭسە، تۈركىيە بىلەن تەڭلەشسىلا، گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ» دەپ چوت سوقۇپ ئولتۇرغانىدىم، لېكىن ئويلىغىنىمدەك بولمىدى...

[align=justify] 


 

[align=justify]يىللار ئۆتۈۋەردى، گەرچە جۇڭگو كوماندىسى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەممۇ، لېكىن مېنىڭ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش قىزغىنلىقىم قىلچە سۇسلاشمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇسلاشمايدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى، مىرەخمەتجان مۇزەپپەر، بارى مۇھەممەتئېلى قاتارلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمىز بۇ كوماندىدىن ئورۇن ئالدى. مەن ئىزچىل ئۇلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە بارى مۇھەممەتئېلى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئۇنىڭ خاڭجۇ «لۈچىڭ» كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان مۇسابىقىلىرى ئۇلاپ تارقىتىلسىلا، قولۇمدىكى ئىشىمنى تاشلاپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرەتتى. مېنىڭچە، بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، چاققانلىقى، پاس بېرىشتىكى ئەپچىللىكى، مەيداندا توختىماي يۈگۈرۈشى، كېيىنكى مەيدانغا قايتىپ توپ ئېلىشى، شەخسىيەتچىلىكتىن خالىيلىقى...ئۇنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارايمەن.

[align=justify]19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ساھىبخان كوماندا سۈپىتىدە ئوممان كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغانىدى. ئۇ سەپداشلىرىغا پاسنى جايىدا، ئەپچىل بېرەتتى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىمۇ بارى مۇھەممەتئېلىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشكەنىدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 15 مىنۇتچە قالغاندا، يەنە بىر سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز مىرەخمەتجان مۇزەپپەر مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئىككى مىنۇت قالغاندا، مىرەخمەتجان مۇزەپپەر سەپداشلىرىغا ئىككى پاس بەرگەن بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. مۇسابىقە تۈگىگەندە بولسا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى دۈەن شۈەن: «مىرەخمەتجان مۇزەپپەر بالدۇر مەيدانغا چىققان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى-ھە!» دېدى.

[align=justify]قاراڭ، بۇ باھالارغا! بۇ باھالارغا كىم ھاياجانلانمىسۇن؟ كىممۇ سۆيۈنمەي تۇرالىسۇن!

[align=justify]بارى مۇھەممەتئېلى، مىرەخمەتجان مۇزەپپەر — بۇ ئىككەيلەننىڭ بىزگە بەرگەن خۇشاللىقى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقىتلىرى بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلىرى بولسۇن، بىزنى ئىزچىل سۆيۈندۈرۈۋاتاتتى.

[align=justify]بارى مۇھەممەتئېلى مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى، مەن بۈگۈنكى غەلبەمنى ئاتامغا سوۋغا قىلىمەن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى. مېنىڭچە، ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ياخشى ئىپادىسىنىڭ ئۆزىلا مۇھەممەتئېلى ئاكىمىزغا سۇنغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسىدۇر.

[align=justify]جۇڭگو كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئوممان كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. ئۇلارنى تۆت كۈندىن كېيىنكى كەسكىن جەڭ كۈتۈۋاتاتتى.


[align=justify]23-ئىيۇن، ئومماننىڭ پايتەختى ماقسات. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00 دە.

[align=justify]جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئوممان كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى باشلاندى. قولۇمدىكى ئىشلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بارى مۇھەممەتئېلى يەنىلا چەبدەسلىكى بىلەن رىياسەتچىلەرنىڭ ماختاش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى. مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم. بارى مۇھەممەتئېلى توپ ئالسىلا، «بارى، غەيرەت قىل» دەيتتىم. شۇنداق، يالغۇز مەنلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى بارلىق توپ مەستانىلىرىمۇ بارى مۇھەممەتئېلىغا مەدەت بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

[align=justify]ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشتى. نەتىجە يەنىلا نۆلگە قارشى نۆل ئىدى. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، جۇڭگو كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە مەغلۇب بولاتتى. ھېچبولمىغاندا بىر توپ كىرگۈزۈپ، تەڭلىشىۋېلىشى كېرەك. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆزگۈرۈش بولدى. قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا ئۈزۈلدۈرمەي «ئوق ئېتىلىۋاتاتتى». ئەلۋەتتە، بۇ «ئوق» بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ قولىدىكى «مىلتىق» تىن چىقىۋاتاتتى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار بولسۇن ياكى تېلېۋىزور ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەر بولسۇن، ھەممەيلەن بارى مۇھەممەتئېلىگە مەدەت بېرىۋاتاتتۇق. رىياسەتچىلەر توختىماي: «ياخشى توپ، بارى پاس بەردى. ياخشى»، «مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، بىزدە ئۈمىد بار»، «بارى توپ ئالدى، ئۇ سەپدىشىغا پاس بەردى، ھەي، ھېچقىسى يوق»، «بارى جۇڭگو كوماندىسىغا يېڭىچە كۈچ بېغىشلىدى»... دەۋاتاتتى.

[align=justify]دەل شۇنداق پەيتلەرنىڭ بىرىدە، بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ پۇتىغا توپ چۈشتى. ئۇ ئىككى بېكنىڭ مۇھاسىرىسىدىن ھېچكىممۇ ئويلىمىغان ھالدا ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، ۋاراتارنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتى. «بارى، ئۇرە!» دېدىم مەن ئورنۇمدىن سەكرەپ. لېكىن توپ كىرمىدى. رىياسەتچىمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئۈنلۈك ۋارقىرىغاچقىمىكىن، بىر-ئىككى دەقىقە جىمىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇلارمۇ بايىقى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

[align=justify]«ھېچقىسى يوق، ئۈمىد بار. غەيرەت قىل بارى!» دېدىم ئىچىمدە. داڭلىق پۇتبول رىياسەتچىسى ليۇ جيەنخۇڭمۇ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىۋاتاتتى. نېمە ئامال؟ شۇنچە ئىسسىقتا توختىماي يۈگۈرۈش ئاسانمۇ؟ بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ ئىككى بېكنىڭ مۇھاسىرىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈشى دۇنياۋى چولپانلاردىن رونالدو، مېسسىلارنىڭ بېكنىڭ مۇھاسىرىسىدىن ئۆتۈشىدىن قېلىشمىدى، دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەس.

[align=justify]ئۇزۇن ئۆتمەي، بارىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن توپ ئاخىرى قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا كىردى. توۋلىدىم، شۇ تاپتا نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ماڭا ئوخشاش توۋلىغاندۇ؟ بارى مۇھەممەتئېلى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ پاس بېرەتتى، كەينى مەيدانغا قايتىپ توپ تالىشاتتى. «ھازىر مەيداندا پەقەت بارىلا توختىماي يۈگۈرەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، غەيرەت قىل، بارى» رىياسەتچىلەرمۇ شۇ تاپتا بارى مۇھەممەتئېلىغا مەدەت بەرمەكتە...

[align=justify]90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاياغلاشتى. ئىككى كوماندا قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا ئوخشاشلا بىر توپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن، نەتىجە يەنىلا تەڭلەشتى. ئۇزارتىلغان مۇسابىقە باشلاندى. جۇڭگو كوماندىسىدىكى بىر ماھىرغا ئاللىقاچان قىزىل كارتا بېرىلگەنىدى، يەنە بىر ماھىر بولسا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئادەم ئالماشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى (چۈنكى، ئۈچ ماھىر ئاللىقاچان ئالماشتۇرۇلغان). مەيداندا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئارانلا توققۇز ماھىرى بار ئىدى، قارشى تەرەپ يەنىلا 11 ئادەم. لېكىن مەيداندا يەنىلا بىر جۇڭگولۇق توختىماي يۈگۈرەۋاتاتتى. ئۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتاتتى. ئۇ دەل بارى مۇھەممەتئېلى ئىدى. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ بۇنداق كۈچىشى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ-دە!

[align=justify]كامېرا يەنە بىر قېتىم بارى مۇھەممەتئېلىغا توغرىلاندى. ئۇنىڭدىن ئاققان تەرلەر كىيىمىنى خۇددى ھازىرلا سۇغا چىلاپ، يەنە ئالغاندەكلا ھالەتتە كەلتۈرۈپ قويغانىدى. ئۇ قېينالدى. 120 مىنۇت توختىماي يۈگۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەستە. بارى مۇھەممەتئېلى ئالقىشلاندى. بىز بۇنى ليۇ جيەنخۇڭ (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى) نىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن بېلىۋالالايمىز: «بارىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. ئۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىشىدىكى مەنىۋىي داھىيسىگە ئايلاندى. بارىغا كۆپ رەھمەت».

[align=justify]مۇسابىقە ئاياغلاشتى. بارى مۇھەممەتئېلى ئەمدىلىكتە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەۋاتاتتى. توختىماي يۈگۈرۈش، قارشى تەرەپ ماھىرىدىن توپ تالىشىش، ھۇجۇم تەشكىللەش، پاس بېرىش... ئۇ ھەقىقەتەن تىرىشتى. بىز ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. «ساڭا رەھمەت، بارى. سەن بىزنىڭ پەخرىمىز!» دېدىم ئىچىمدە.


مەنبە:جۇڭگو رادىئو تورى

UID
12661
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 23:24:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداقلا بولسۇن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،يىتىشۋاتقان تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ئۇچۇن
زور ىئلھام

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش