باھاسى ھەققىدە بىر نەرسە دىمەي، يەنە شۇ دىسەم يەنە شۇ، نەق مەيدان ئاۋازى ئالغانلىقىغا خوشال بولدۇم. دەرۋەقە دىئالوگلاردا سۈنئىيلىك ئېغىر.
چەتئەلىنىڭ كىنولىرىدا 7-8ياشلىق باللارمۇ(ياكى بۇلار پىشقان سەنئەتچىلەرمۇ ئەمدى گىرىم بىلەن شۇنداق قىلامدىكىن دەپمۇ قالىمەن) شۇنداق تەبئىي رولغا چىقىدۇ.
شوڭا مۇشۇ كىنوغا قاتناشقان ئارتىسلار سىنارىيەنى يادىلىۋالغان ھالىتىدە ئۈلۈك سۆزلەپ بەرمەستىن، چىراي ھەركىتى، گەپ سۆزى جەھەتلەردە تەبئى بولغان بولسا، ئۈزىنى <مەن تىلكامىرا ئالىدىدا، سىنارىيەدە مۇنداق دىگەن، گەپ ماۋۇ يەرگە كەلگەندە ئاسمانغا بىر قارايمەن، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئېغىز ئۇھ تارتىمەن....> دىگەندەك قېلىپلاشقان ھەركەت ئۇرۇنلاشقا ئېسلۋالماي، ئۈزىنى شۇ ۋەقەلىكىدىكى بىر ئادەمدەك، ئۈزى ئۇرۇنلاۋاتقان ئىش ھەركەت ئەمىلى بولۋاتقاندەك ھىس قىلسا دەيمەن.
بۇنداق دىسەم، دىيىش ئاسان قىلىش تەس دىيىشڭلار مۇمكىن، مەنمۇ ئىككى يىل بۇرۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيچە سەنئەت ئۆمەك بىلەن 2ئاي تۆۋەنگە چۈشۈپ <ئارتىس> بولغانمەن، بىر قانچە ئىتۇتنى ئەنە شۇنداق تۇيغۇ بىلەن ئۇرۇنلاپ دىھقانلىرىمىزىنىڭ ۋە پىشقەدەم سەنئەتچىلىرىمىزىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. (تاس قالغان ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن كادىرلىقىنى تاشلاپ سەنئەتچى بولغىلى)
