ھۆرىيەت شىركىتى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى < مىليون گۈل> ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ موھىم بىر قسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كارتىنا بۇلۇپ ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھىكايە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۈلۈك تىما بولغان مىھرى مۇھەببەت . غەزەپ نەپرەت، ئىقتىسادى گۈللىنىشىنى مەخسەت قىلغان ھەر بىر تىرىك جاننىڭ تىرىشىچانلىق كۆرەشلىرى ۋە سۇيقەسىتلىرى، ئاددى ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى لەرزىگە كەلتۇردىغان ياشاش ھەقىقەتلىرى بايان قىلىنغان بۇلۇپ ۋەقەلىك ئەگىرى توقاي .ئوبرازلار خارەكتىر جەھەتتىن بىر بىرىدىن تامامەن پەرىقلىق . موھىت تەسۋىرى رەڭدار بۇلۇپ فىلىم تاماششبىنلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان موھىت ئىچىدىكى مۇرەككەپ تۇرمۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان موھىت ئىچىدە ئوخشىمىغان ھىس تۇيغۇ قايناملىرىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ئەقىللىق تاماششبىنلار فىلىمنى كۆرگەندىن كىين ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا قايتىدىن نەزەر سىلىش بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە جىددى ئويلىنىشقا ئىلھاماندۇرىدۇ .
ئالدىنقى قېتىم ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق <مىليون گۈل>تۇنجى سۈرەتكە ئېلىنىش ھەم باشلىنىش جەريانى ھەققىدە تېما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن<مىليون گۈل> بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ قىززىقىدىغان مۇھىم نوقتىلىرىنىڭ بىرى بوپ قالدى.ئەلكۈيى تورى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى< مىليون گۈل>نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن <مىليون گۈل > ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىز بۈگۈن فىلىم ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى قىسىم ھەققىدىكى بىر قىسىم ماتىرياللارنى بىزگە تەمىنلەپ بىرىشى بىلەن بۇي ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
يېقىندا تېلىۋىزىيە تىياتىرى <مىليون گۈل>نىڭ 3- قىسىم ۋە 4-قىسىم رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىپ پۈتۈپ چىقتى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3- ۋە 4-قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ۋە 3-4-قىسىمدىكى 2مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى كەڭ ئەلكۈيىداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بارلىق تورداشلارنىڭ يېقىندا بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئەڭ يېڭى قىسىملارنى كۆرۈشكە ئالدىرىشىنى سورايمىز.
3-4-قىسىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
باھادىر تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئايالىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنغىنىنى، شۇنداقلا، شىركەتتىكى مەبلەغ ۋە ئىسكىلاتتىكى كۆپ قىسىم ماللارنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلىرگە بىلالغا ئەگىشىپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ قىيىنچىلىق ئۆتكەللىرىدىن بىرگە ئۆتۈش توغرىسىدا يوليۇرۇق ۋە چۈشەنچە بېرىدۇ.
ئەزىمەت سەتەڭ ئەختەمنىڭ ئىش-ھەركىتىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ تۇرىدۇ ۋە بەزىدە ئۇنىڭغا ئەسكەرتمە بېرىپ تەھدىت سالىدۇ.سەلىمەمۇ ئەختەمنىڭ بەزى گەپ-سۆزلىرىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالىدۇ.
يۇلتۇز كۈتۈلمىگەن تېلىفون قوبۇل قىلىدۇ ۋە نۇرنىڭ ۋاپاتىدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىدۇ.
ھەسەن ساقچى بىلەن رىشات باھادىرغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.
ئەزىز سادىقنى مۇھىم مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سادىق ئېنتىرنىت تورىدا كۈشەندىسى ئەختەمنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ..
باھار تۇيۇقسىز باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ قاتتىق چۆچۈيدۇ ۋە شۆھرەتباي بىلەن ئەزىمەتنى ئىزدەپ بارىدۇ ئۈچەيلەن ئالاقزادىلىك ئىچىدە دەرھال بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسلىھەتلىشىدۇ.
ئابباس قىلمىشلىرىدىن بىلالنىڭ خەۋەر تېپىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ۋە پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن شىركەتكە ئىستىپانامە سونۇپ چىكىنىپ چىقىدۇ.
باھادىرنىڭ يېقىنلىرىدىن قۇدرەت، ياسىنلار كەيىپكە ئۆگىنىۋېلىپ بىر قىسىم كومىدىيىلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.فىلىمنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز ‹‹مىليون گۈل›› فىلىمىنىڭ 3-4-قىسىمىدا بولسۇن. ‹‹مىليون گۈل›› فىلىمى داۋاملىق تۈردە ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىدۇ.
تور بېكىتىمىزنىڭ روخسىتىسىز خالىغانچە باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ