بۇ 18قەۋەتتىكىdilkax198451 يوللىغان 2011-05-28 13:48 غا قارتىلغان :
كونىلار ئاياللار ئەرلەرنىڭ شېرىن دۈشمىنى دىگەن، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئەر ئايال ئىككى جىنىسنىڭ تارىختىن بۇيان توختاۋىسىز رىقابەتلىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، تارىخى تەرەققىيات جەريانىدىكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ،دىگەن ئاتالغۇلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ ھېكايىدە ئېيتلىۋاتقان ئەرلەر قېچىڭلار دىگەن چاقىرىق ھەرگىزمۇ ئەرلەرنى ئاياللاردىن قېچىپ ئۆلۈۋىلىڭلار دىگەن چاقىرىق بولماستىن بەلكى ،ئۆزەڭلارنى ھازىرقى ئاجىز زەئىپ ھالىتىدىن نېرى قېچىڭلار دىگەندىن ئىبارەت دەپ چۈشەندىم،دېمەك بۇ ھېكايە بىزنى ئەركەكلىكنى ئۇلۇغلاشقا، ھەقىقىي بىر ئەركەك بولۇشقا ئۈندەپ تۇرۇپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئەرلەرگە تايىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈگى دەپ قارايدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ ماھىيىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇلار ئەرلەرگە بۇيسۇنىدۇ، ئەرلەرگە مەپتۇن بولىدۇ، دەرۋەقە دۇنيامۇ ئەر -ئايالنىڭ شۇخىل مۇقەددەس ھەمكارلىقىدىن تەرەققى قىلىدۇ، ھالبۇكى ئاياللار ئەر جىنىسقا ئەمەس ھەقىقىي ئەركەككە ئىتائەت قىلىدۇ، تەسەۋۋۇر قىلايلىكى :شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ئەرلەرنىڭ ھەممىسى زەيپانىلىشىپ ،ئەركەككە خاس روھى ۋە جاسارىتىنى يوقاتقان ۋاقىتتا ئېنىقكى ئاياللار ئەرلەرگە ئىتائەت قىلمايدۇ، ئىتائەت دىگەننىڭ ئۆزى قايىللىق بىلەن بويسۇنۇش دىگەن بولۇشى كېرەك، ئەگەر بىز شۇ يېرىم دۇنيالارنى غەيرەت شىجائەتتە ،ئىنسانى كامالەتتە قايىل قىلالمىساق ئەجىبا يەنىلا شۇ ئاياللاردىن ئاغرىنىشىمىز توغرا بولامدۇ؟ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بولغاندەك ئىنساننىڭمۇ ئۆز تەرەققىياتى بولىدۇ، تەرەققىيات دىگەنلىك پايدىلىق ئۆزگىرىش دىگەنلىكتۇر،بىز قوبۇل قىلغان يېڭىلىقلار ھەر قايسىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ ،بىزنى تاكامۇللاشتۇرالىسا ئاندىن بۇ تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا ،خىزمەت ئورنىمىزدا ھەرخىل ئاتاق ،ئونۋانلارنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، يول ماڭىمىز ،جاپا تارتىمىز. ئويلاش كېرەككى ئەركەكلىك ھەربىر ئەر زاتى ئېلىش زورۈر بولغان رەببىمىز بىزگە ئاتا قىلغان ئالى ئونۋان. ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق گۇۋاھنامىسى يوق، يۇلتۇز باسقان يۇمىلاق تامىغىسىمۇ يوق، ئۇ ھەر بىر ئەركەكنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.ھامىيلىقىمىزدىكى ئاياللارنى ئىتائىتىمىزگە كىرگۈزسەك، دۇنيانى ئىتائىتىمىزدە تۇتۇشقا گۇمان بارمۇ؟! 
بۇ ئىنكاس ناھايىتى جايىدا يېزىلغان، مەنمۇ شۇنداق قارايمەن. ئەرلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلىش بىر ئايالنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بۇرچى. ئەمما ھازىر بەزى ئەرلەرنىڭ ئىش-ھەركىتى ئاياللارنى ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئىتائەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ قويىۋاتىدۇ...