بۇ 3قەۋەتتىكىدوپپام يوللىغان 2011-05-27 10:19 غا قارتىلغان :
سىز بۇ ھېكايە ئارقىلىق نېمە دېمەكچى؟
راستنى دېسەم مەن چۈشىنەلمىدىم،بىر ھېكاينىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە مەنىۋى قىممىتى قانچىلىك دېگەن نوقتا بۇيىچە بۇ ھېكايىنىڭ بىزگە بىرىدىغان قىممىتى زادى قانچىلىك؟ 
پەقەت كۆڭۈل ئچىش .سىز گېزىتىنى بىر مەنىۋىيەت ئۈچۈن ئوقۇمىسز ؟
ئاۋۇ گېن ھەققىدىكى نەرسىلەرنى مەن قىسقا يېزىپ قويدۇم ،ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى ماتىرىيال كۆرۈپ باقسىڭىز بىلىسىز ... .خوش بۇ بىر ھېكايە ،قىممىتىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ .
مەن چۈشەنمىدىم سىزنىڭ مەنىۋىيەت ياكى ئىجىتمائى قىممىتى دېگىنىڭىزدە مەن نېمىلەرنى يېزىشىم كېرەك ؟خالىسڭىز بىر ماشىنا لاباكۇ ئىشتان كېيگەن ،چېچىنى بۈدۈر قىلغان يىگىتلەرنى سەلبى ئوبراز قىلىدىغان ھېكايىلەرنى ئىشىك ئالدىڭىزغا تۆكۈپ بېرىمەن .يەنە خالىسىڭىز سىزگە قىشىچە يەتكۈدەك ۋەزخانلىق قىلىدىغان قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولغان ماقالىلەرنى يېزىپ بېرەي .
ئەدەبىياتتا ھەممە ئۇسلۇب بولۇشى كېرەك .ھەم بۈگۈنكى ئېقىم تۆنۈگۈنكى ئېقىمنى رەھىمسىزلەرچە سۈپۈرۈپ تاشلىغاندا ئاندىن گۈللىنىش بولىدۇ .تۆنۈگۈن شىنجاڭ داشۇنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرنىڭ دېسسرتاتسيە ياقلاش يېغىنىغا باردىم .يېزىلمىغان بىر-ئىككى يازغۇچى قاپتۇ . ھەتتا قايسى بىر روماندا ئىشلەتكەن ھەرقايسى ئىتلىستىكىلىق سۆزلەرنى سىتاتىستىكلاپ چىقىپ ماقالە يازغانلارمۇ بار .ئەگەر مۇشۇنداق كېتۋەرسە ،ئەتە-ئۆگۈن ئوقۇغۇچىلىرىمىز پالانى روماندىكى ھەرقايسى ھەرپلەرنىڭ سانى ھەققىدە دەپ بىر نەرسە يازىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ .مەن ھەم كەسپى يازغۇچى ئەمەس ،بىر تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ،ئەدەبىياتىنى سۆيىدىغان بىر بالا .
مەنمۇ بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن نېمىنى ئوقۇش كېرەكلىكىنى بىلمەن .ھازىر ماڭا پەقەت بىر قانچە يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئەسەر تېتمايۋاتىدۇ .بۇنى كىمدىن كۆرىمەن ؟ئۆزۈمدىنمۇ ؟ ياق ،مەن قۇچقاچ تىلى بىلىپ كەتسەممۇ ،ئۆز تىلمىدا ئوقۇغان ئەسەرلەر ماڭا يەنە باشقىچە ھوزۇر بېرەلەيدۇ .ئەمما مەن ئاشۇ ھوزۇرنى ئۆز ئانا تىلمىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن تاپالمايۋاتىمەن .ئەجىبا مېنىڭ "قۇم باسقان شەھەر'نى يەنە قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ ؟ئۇ روماننى يادلاپ بولاي دەپ قالدىم .گەپنىڭ قىسقىسى پروزىچىلقىمىزدا يېڭىلىق ئېنتايىن ئاز .
بۇ راست گەپ ،بۇ يەردە ماڭا قارشى ھەرىدەك ھۇجۇم قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،پەقەت ماۋۇ بالا نېمە دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قويسڭىز بولدى .
يا بىر ژورنال چىقمىدى ،ئەڭ رادىكال ۋە ئەڭ يېڭى ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلەرنى چىقىرىدىغان .پەقەت بولمىغاندا ئاۋۇ ئەدەبىي ژورناللار يىلدا پەقەت بولمىغاندا بىر سان ژورنالنى بۇ يېڭى ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلەرگە ئاجرىتىپ بەرسە بولاتتى .