پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 13

ئېشەك سۈتى( ھېكايە )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 00:37:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېشەك سۈتى( ھېكايە )
ئوسمانجان ھۈسەن


مەن بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ كېرەم « ئاخبارات »تىن ئاڭلىغان . كېرەم ئاخبارات دېگىنىم قانداقتۇر بىر ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان كىشى ئەمەس ، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى . لېكىن ئۇنىڭ جاھاننىڭ نە – نەلىرىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قۇلىقى ئۇنىڭغا « ئاخبارات » نامىنى ئاتا قىلغان .
- ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ - دېدى ئۇ شۇ كۈنى .
- نېمىنى ؟
- ئىدارىدىكى مۇرادجاننى ئېلىشىپ قاپتۇ دەيدۇ .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىدىغان خۇيىنى بىلگەچكە .
- ماۋۇ بالىنىڭ جاھاندىن بىخەۋەر يۈرگىنىنى ، - دېدى ئۇ ئەزۋەيلەپ ،- مەن بۇ خەۋەرنى ئىدارىدىكى ئىشەنچلىك بىرسىدىن ئاڭلىدىم . ھېلىقى مۇرادجان راستىنلا ئايلىنىپ قاپتۇ . بىز ئالدىراپ نامىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەيمىنىدىغان تۇ جۈيجاڭنى « نەپسى بالا توڭگۇز » دەپتۇ . ئىدارىگە يېڭىلا يۆتكىلىپ كەلگەن ھېكىمجاننى « يۇندىخور » دەپتۇ . ئىشقىلىپ ئىدارىدىكى خېلى – خېلى كاتتىلارنى ئاشۇنداق بىزەپ سۆزلەر بىلەن تىللاپ يۈرەرمىش . مىش – مىش گەپلەرگە قارىغاندا بەزى ئادەملەر ئۇنىڭ كۆزىگە ھايۋان سىياقىدا كۆرۈنىدىكەن .
- ئۇنداق دېسە نېمە بوپتۇ ؟ راست دەپتىغۇ . ئۇ ھېكىم نايناقنى كىم بىلمەيدۇ ؟ كىچىككىنە ئەمەل – مەنسەپ دېسە ئانىسىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان نېمىغۇ ؟ - دېدىم مەن پەرۋاسىزلا . بۇ گەپنى دېدىم – يۇ ، بۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا دەپ سالغىنىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئۇكا ، قازان بېشىغا يېقىنراق تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق . شۇڭا يۇقىرىدىكىلەرگە ئازراق ئېگىلىپ قويسا نېمە بوپتۇ ؟
- ئۇغۇ راست ، - دېدىم مەن مۇنۇ « ئاخبارات »نىڭ ئالدىدا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويۇشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ .
- شۇڭا دەيمەن ئەمدى ، ئاڭلىسام ئۇ بالا بىلەن يېقىن ئۆتىدىكەنسىز ، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشكەنسىلەر . ئۇنى ئىشتىن توختىتىپ قويۇپتۇ دەيدۇ . يېقىن ئۆتكەندىن كېيىن < ھالىڭ نېچۈك > دەيدىغان يولىڭىز بار . ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ دېگەنمۇ گەپمۇ ؟ ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ، ئۇ بالا قاراپ تۇرۇپ نابۇت بولۇپ كېتىدۇ .
- ئىش ئۇ دەرىجىگە بېرىپمۇ يەتمەس ، - دېدىم مەن سەل ئىككىلىنىپ .
- باياتىن بېرى نېمە دەۋاتىمەن سىزگە ؟ ئۇ يېقىنىڭىز ھازىرغۇ خىزمەتتىن توختىتىلىپتۇ ، يەنە شۇنداق كېتىۋەرسە ھەيدىلىشىمۇ مۈمكىن . سىز ئاغىنىسى بولغاندىكىن ، ئىش نەدىن نەگىچە ، سۈرۈشتۈرۈپ بىر چارىسىنى قىلمامسىز ، - دېدى ئۇ سەل كايىغاندەك قىلىپ .
ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىدىن سەل گاڭگىراپ قالدىم ، شۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتكىنىگە قارىغاندا راستمۇ نېمە دەپ ئويلىدىم . مۇرادقا تېلېفۇن قىلىپ ئۇقۇشۇپ باقايمۇ يا ؟ ياق ! بۇ ئويۇمدىمۇ دەررۇ يالتايدىم . بىر ئادەمگە ئوچۇقتىن ئوچۇق < سېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ ، راستمۇ ؟ > دېگىلى بولسۇنمۇ ؟ شۇڭا، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزۈم بېرىپلا كۆرۈشۈپ كەلمەكچى بولدۇم .
※  ※  ※
ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرگىلى ئانچە – مۇنچە بىر نەرسە كۆتىرىۋالدىم . ھىلىغىچە ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ كاللىسى خېلى جايىدا يىگىت ئىدى . ئۇ مېنىڭ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ساۋاقدىشىم ، ياتاقدىشىم ، ئەڭ مۇھىمى يېقىن سىردىشىم ئىدى . ئۇ ئوقۇغاندىمۇ جايىدا ئوقۇدى ، ئوقۇش جەريانىدا سەككىز – ئون پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى ، بىرلا يېرى ، ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن ئېقى كېلىشەلمەي ئاران – ئاران ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولدى . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى بولغاچقا ئىدارىگىلا ئىشقا  چۈشتى  .  ئەمدى ئۇ تۇرۇپلا قانداقمۇ ساراڭ بولۇپ قالسۇن ؟ . . . لېكىن،ئادەم دېگەنگە بىر نېمە دەپ بولمايدۇ – دە . تەڭرىنىڭ  قۇدرىتى بىلەن بىر كېچىدىلا ئوڭ – تەتۈر سۆزلەپ قوپىدىغانلارمۇ چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ كېلىپ قاپتىمەن .
- كەل ، كەل ، - دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپ ، - ئۇزۇن بولدى ، قاراڭنى كۆرمىدىم . بۈگۈن قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى ؟
- كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، سېنى يوقلاپ ئۆتەي دەپ كېلىشىم . قانداق ، تېنچلىقتۇ ؟
- ئوبدان بوپتۇ ، ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن ، ئۆيدىكىلەرچۇ ؟
- ياخشى ، ھەر راست ، پەرىدە كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
- ئانىسىنىڭكىگە كەتتى . ئولتۇرىۋەر ، ئۆزۈممۇ بىر قوللۇق كۈتەلەيمەن سېنى ، بۈگۈن باشقا مۇھىم ئىشلىرىڭ يوقتۇ ؟
- ياق ، شۇ سېنى يوقلاپ كېلەي ، نېمە قىلىپ يۈرىسەن ، ھال – ئەھۋالىڭنى بىلەي دەپ كەلدىم .
- ئىشىڭ بولمىسا ياخشى گەپقۇ ، تازا زېرىكىپ تۇراتتىم ، ئوبدان كەپسەن . بىرەردىن قېقىشمىساق ، گېپىمىزمۇ قىزىمايدۇ ھەقىچان ، - دېدى ئۇ ئىشكاپنى ئاختۇرغاچ .
توۋا دەيمەن ، ئۇنىڭ گەپ – سۆزى جايىدىغۇ ، قارىغاندا « ئاخبارات » ئاشۇرىۋەتتىمۇ قانداق ؟
- ئەكەلگىنىڭ نېمە ئۇ ؟ قارىغاندا زاكۇسكىمىزمۇ تەيياركەنغۇ ، ئېسىڭدىمۇ، ئوقۇۋاتقاندا سوغۇق سۇ بىلەنمۇ ھەر شېشىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىرىمىز .
- ئېسىمدە بولماي ، - دېدىم مەنمۇ جانلىنىپ ، - قۇيە ئەمسە .
ئۇ – بۇ پاراڭلار بىلەن شېشىنى يېرىم قىلدۇق .
- يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭ قانداق ؟ - دېدىم مەن ئالدىمدىكى رۇمكىنى كۆتىرىۋېتىپ .
- ياخشى . . . بىرەر گەپ – سۆز ئاڭلىمىغانسەن ؟ - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن .
- سېنى شۇ . . .
- ھە ، ئېلىشىپ قاپتۇ دەمدۇ ؟ - دېدى ئۇ ئالدىدىكى چاينى بىر ئوتلىۋېتىپ .
- ھەئە ، تازا ئىشەنمەي تۇراتتىم ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ، ساپ-ساقكەنسەنغۇ ؟
- ئەمدى شۇنداق گەپ چىقىدۇ دېگىنە ! توۋا دەيمەن ، ئۆزۈممۇ ھەيران، بەزىدە سەن – بىزدەك ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەملەر كۆزۈمگە ئىت – ئېشەكتەك بىرنېمە بولۇپ كۆرۈنىدۇ .
<  نېمە دەيدىغاندۇ ؟ -دېدىم مەن ئىچىمدە ، - شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە نېمە بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقاندىمەن ؟ >
- ئۇنداقتا ، مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم راستكەندە ؟
- سەن نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭ ، ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئىشقىلىپ ، ئۈستۈمدىن چىققان سۆز – چۆچەكلەر ئاز ئەمەس . . .
شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ، بىر چاغ بولغاندا يېتىپ قېلىشتۇق .ئەتىسى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن پاراڭلىشىپ باقماقچى بولۇپ ، خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم . . .
※  ※  ※
- سىزمۇ كۆرگەنسىز ؟ - دېدى ئايالى يىغلامسىراپ ، - قارىسا ساپساقلا تۇرغان . تۇرۇپلا ئاشۇنداق بۇلار – بولماس گەپ قىلىپ قويىدۇ ، شۇڭا بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدۇق . ئۇ يەنە شۇنداق كېتىۋەرسە ، كېيىن نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىز ؟ ئىككى ئىدۇق ، ئەمدى ئۈچ بولىمىز . بىر ئۆينى چۆرۈيدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا ، مەن بىر جېنىمغا بۇ ئۆينىڭ ئېغىرىنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيمەن ؟
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ، ئۇمۇ شۇنداقلا كېتىۋەرمەس ، بۇ ئىشنىڭمۇ ئامالى بولار . ئۆي دېگەندە بىر – بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىشىپ ئۆتىدىغان گەپ . سىزمۇ سەل سەۋرچان بولۇڭ ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ .
سالا – سۈلھى بىلەن مۇرادنى ئالدىمىزدىكى ماي بايرىمىدا شەھەردىكى چوڭراق بىرەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىشنى كېلىشىپ ، پەرىدەنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدۇم .
※  ※  ※
شەھەر دېگەنمۇ غەۋغاسى تولا يەر دەڭلا ، مىڭ تەسلىكتە روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنى تاپتۇق . نېرى – بېرى سۈرۈشتۈرۈشلەردىن كېيىن ، مۇشۇ دوختۇرخانىدىكى خېلى نامى بار بىر دوختۇرنى ئۇقۇشتۇق .
- كېلىڭلار ، - دېدى دوختۇر ، - بىمار قايسىڭلار ؟
- مانا بۇياق ، - دېدىم مەن مۇرادنى كۆرسىتىپ ، - لېكىن بەك ئېغىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، مۇنداقلا كۆرسىتىپ كېلەيلىمىكىن دەپ كەلدۇق .
- ھە ، مۇنداق دەڭ ، ئاۋۋال تەكشۈرىمىز ، ئېغىر – يېنىكلىكىنى كېيىن بېكىتىمىز ، كېسەللىك ئىپادىسى قانداق ؟
- بۇ . . . – دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ . مۇرادنىڭ ئايالى ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
- قاراڭ دوختۇر ، بۇ ئاغىنەمنىڭ كۆزىگە سىلى – بىزدەك ساپساق ئادەملەر ھايۋان سىياقىدا كۆرۈنىدىكەن ، باشقا ئىشقۇ يوق .
- شۇنداقمۇ ؟ ئۇنى كىرگۈزىۋېتىڭ ، دىئاگنوز قويۇپ كۆرەي .
يېرم سائەتلەردىن كېيىن مۇراد يېنىپ چىقتى .
- سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، - دېدى ئۇ . < بۇ دوختۇرمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ھېلىقىدەك ئىت – ئېشەك بولۇپ كۆرۈنۈپ ، تاقا – تۇقا سۆزلەپ قويمىغاندۇ ھە ؟ - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، - ئۇنداق بولسا ماۋۇ ئاق خالاتلىق ئەبلەخ مانا ئەمىسە دەپ ئەپلەشمىگەن دورىدىن بىرنى بېرىپلا بۇ ئاغىنىمىزنى نەق ساراڭنىڭ ئۆزىلا قىلىپ قويمىغىيدى > .
- سىزنى رەنجىتكۈدەك گەپ قىلىپ قويمىغاندۇ ؟ - دېدىم مەن خوشامەت تەلەپپۇزىدا .
- ياقەي ، ئۇنداق يېرى بولسىمۇ قېتىمىزغا كەلمەيدۇ . سىز بىلمەيسىز، بۇ يەردە كۈن – كۈنلەپ تامغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ، زادى نېمە خىيال سۈرگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىچارىلەردىن تارتىپ ، ئادەمنى كۆرگەن ھامان يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلىپ ، قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ سۈر – توقاي قىلىدىغان ياۋايى مىجەزلىكلەرگىچە ھەممىسى تېپىلىدۇ . كۆنۈپ كېتىمىز - دە .
-سىزنىڭچە ئۇنىڭ كېسىلى قانداقراق ، ئېغىر ئەمەستۇ ؟
-بەك ئېغىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.ئادەمنىڭ ئەسلى پسېخولوگىيىلىك تەبىئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇنىڭدا كېسەل يوق . ئەمما، ئادەم دېگەن جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغاندىكىن،پسېخولوگىيىسىمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك . . .
دوختۇر يەنە نېمىلەرنى دېدى ، تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىدىم، ئەمما كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقان قىياپەتتە پات – پات بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇردۇم .
-ئۇنداقتا سىز دەۋاتقان ئاشۇ پسېخىكىسىنى تەڭشەيدىغان ئامال بولارمۇ ؟ - دېدىم مەن ئالدىراپ .
- بولىدۇ ، ئامالى بولىدۇ – دېدى دوختۇر سالماق قىلىپ ، - مەن رېتسىپ يېزىپ بېرەي ، شۇ بويىچە داۋالىساق ، پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدۇ،-ئۇ ئېڭىشىۋېلىپ بىر نېمىلەرنى يازدى ۋە ماڭا سۇندى .
-نېمە ، ئېشەك سۈتى ؟ !
-ھەئە ، ئېشەك سۈتى،ھېلىقى قۇلىقى ئۇزۇن ، بوز تۇمشۇق مەخلۇقنىڭ سۈتى . كۆرۈپ باقمىغانما ؟
- ئاران تۇرغان ئادەمنى راستلا ساراڭ قىلاي دەمسىز ، ئېشەك سۈتىدە كېسەل داۋالىغان نەدە بار ؟ - دېدىم مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي .
- نېمە دېدىڭىز ؟ ئادەمنى ساراڭ قىلىدۇ دېمەي ، بۆشۈكتىكى بالىڭىزغا قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى تولۇقلايمىز دەپ، ئېشەك سۈتىدىن ياسالغان بىر نېمىلەرنى بېرىپ چوڭ قىلىسىز. ئەمدى ئادەمنى ساراڭ قىلىدۇ دەيسىزغۇ ؟ بوپتۇ، بىمار مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، كېيىن ئىت، چوشقا سۈتى بىلەنمۇ قۇتۇلدۇرالماي قالىسىز ، - دەپ قايناپ كەتتى دوختۇر .
< راست ، دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى باردۇ ، - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، - نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ شۇ كەسپنىڭ ئەھلى – دە > .
-بوپتۇ ، ئاغىنەم ساقىيىدىغانلا بولسا ، ئىچكۈزسەكمۇ ئىچكۈزەيلى . لېكىن قانداق ئېشەكنىڭ سۈتىنى،قايسى ۋاقىتتا ، قانداق ئۇسۇلدا ئىچكۈزىمىز ؟
- تەخىيى بار ، ئېشەك ئاتىقى بارلىكى ئېشەكنىڭ سۈتى بولسا بولىۋېرىدۇ . ئامال بار سۈت يېڭى بولسۇن ، - دېدى دوختۇر دانىمۇ – دانە قىلىپ .
- قانچىلىك ۋاقىت ئىچكۈزسەك بولىدۇ ؟
- سۈت ساپ ، يېڭى بولسا بىر ھەپتە ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر قېتىملا ئىچسە بولىدۇ،ئەگەر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا سۈتنى ئۆزىمىز تەمىنلەيمىز .
-بولدىلا دوختۇر ، سەھرا يېرى دېگەندە ئېشەك سۈتى تېپىلىپمۇ قالار، ئۇنى ئېلىپ كېتەيلىمىكىن .
-بولىدۇ ، سۇسلۇق قىلىپ بىمارنى تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قويماڭلار – ھە .
نېرى – بېرى گەپ – سۆزلەر بىلەن مۇرادنى ئېشەك سۈتى بىلەن داۋالىماقچى بولۇپ قايتىپ كەلدۇق .
※  ※  ※
تەلىيىمىزگە خوشنىمىزنىڭ ئېشىكى تەخەيلىگىلى ئۇزۇن بولماپتىكەن.«جىددىي كېسەل دەيسىز، ساقايمىغان ئۆپكە كېسىلىمۇ يا ؟ ئېشەك سۈتى شۇنداقراق بىر كېسەلگە داۋامىش  دەپ  ئاڭلىغان  »  دېدى خوشناممۇ  . شۇنداق  قىلىپ  ئاغىنەمنىڭ  بىر  ھەپتىلىك  « دورا »سى خوشنامدىن پۈتتى . ئۇنى مۇرادنىڭ ئايالىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردۇم، ئايالىدىن ئاڭلىسام راستلا ئۈنۈمى كۆرىلىۋېتىپتۇدەك .
خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ مۇراد بىلەن كۆرۈشەلمىدىم . ئەمما، كېرەم « ئاخبارات »تەكلەردىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم .
- ئىدارىمىزدىكى ھىلىقى مۇرادجان دېگەن بالا ئىدارىدىكىلەرگە چوڭ چاي بېرىپتۇدەك ، چايدا بىرقانچەيلەندىن ئەپۇ سوراپتۇ .
- ھىلىقى ئاينىپ قالغان بالا ئىدارە باشلىقى بىلەن ئىچكىرىگە ساياھەتكە كېتىپتۇدەك .
- مۇرادجان بۆلۈم باشلىقى بوپتۇ . . .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى پالانى < جاڭ > بولۇپتۇدەك ، پۇستانى < جاڭ > بولۇپتۇدەك دېگەندەك خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم . ئارىلىقتا بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكىلى بېرىپ ، تېخى يېقىندىلا ئاڭلىۋالغان بىرنېمە < جاڭ > دېگەندەك ئاتىقى بىلەن چاقىرىپ قويۇپ ، بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك قورساق كۆپۈكى تارتىۋالدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تازا سەت ئالىيىشلىرىنى ئويلىسام ھىلىمۇ تېنىم شۈركىنىدۇ . كېيىن ئۇنى ئىزلىمەيلا قويدۇم . ئەمما باشقىلاردىن ئۇ ھەققىدىكى مىش – مىش گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن .
بىر ۋاقىتتا كىمدۇر بىرى ئۇنى قايسىدۇر بىر شەھەرگە باشلىق بولۇپتۇ دېدى ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدىم . . .
ھىلىلا مۇراد تېلېفۇن قىپتۇ « نېمە قىلىسەن پايدىسى يوق ئوقۇتقۇچىلىقنى ، بىزنىڭ شەھەرگە كەل ، شەھەر ئەتراپىدا بىر ئېشەك فېرمىسى قۇرغىلىۋاتىمىز ، بۇنىڭغا سېنى مەسئۇل قىلايمىكىن » دەيدۇ . ئۇنىڭ دېيىشىچە شەھەردە ساراڭلار كۆپىيىپ قاپتۇدەك .
(ئاپتور:باي ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

«مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 1-سانىدىن
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:47:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ ھېكايىلىرىگە ئوخشاش يېڭى ئېقىمدىكى ھېكايىمۇ نېمە؟
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5087 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9298 سەر
شۆھرەت
4205 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:53:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .  
ھىلىلا مۇراد تېلېفۇن قىپتۇ « نېمە قىلىسەن پايدىسى يوق ئوقۇتقۇچىلىقنى ، بىزنىڭ شەھەرگە كەل ، شەھەر ئەتراپىدا بىر ئېشەك فېرمىسى قۇرغىلىۋاتىمىز ، بۇنىڭغا سېنى مەسئۇل قىلايمىكىن » دەيدۇ . ئۇنىڭ دېيىشىچە شەھەردە ساراڭلار كۆپىيىپ قاپتۇدەك .
بۇ جۇملىلەر ئادەمنى ئويغا سېلىپ قويىدىكەن .
رەھمەت

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 21:31:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھىيكايىكەن .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 19:51:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 11:47
ھېكايە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئ ...

بەلكىم  شۇنداقتۇ. رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 19:51:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 12:53
بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .  
ھىلىلا مۇراد تې ...

شۇنداق   رەھمەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 00:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 00:02:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 00:02:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 00:02:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:07, Processed in 0.386352 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش