baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 2

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى 30 تۈرلۈك ياخشى ئادەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

354

تېما

66

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3469 سەر
تىللا
1659 دانە
تۆھپە
2842 سەر
شۆھرەت
1433 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 00:24:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى 30 تۈرلۈك ياخشى ئادەت
ھاياتلىق-سېلىنما سېلىش ۋە مەنپەتلىنىش جەريانىدۇر.ئەگەر پۇلىڭىز بولسا پۇلىڭىزنى مەبلەغ سالىسىز.تەجرىبىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بولسا ئۇنى مەبلەغ ئورنىدا سالىسىز.ئەگەر سىزدە قىزغىنلىق،تىرىشچانلىق بولسا ئۇنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىسىز.ئەگەر يۇقارقىلاردىن ھېچقايسى بولمىسا يۇقارقىلارنى ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇكى،ئۇلاردا ئالاھىدە تۇغما قابىلىيەت ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار يوق.بەلكى ئۇلار ياخشى ئادەت يىتىلدۈرگەن ھەم شۇ ئادەتنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان.
مۇۋاپىقىيەتمۇ،مەغلۇبىيەتمۇ بىر خىل ئادەتتىن كېلىدۇ.
مۇۋاپىقىيەتشۇناس ناپائىلون خېئول <<ئادەت بىر ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكىمۇ ئېرىشتۈرەلەيدۇ،ۋەيرانىمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ>>دېگەن.بىز نىشانسىز  ھالدا كۈنلىرىمىزنى لاغايلاپمۇ ئۆتكۈزىۋېتەلەيمىز.شۇنداقلا،ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان كىچىك ئىشلارنى سىجىل قىلىپ ئۆزىمىزنى مۇئەييەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىتەلەيمىز.
  مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ناھايىتى تەس دەپ ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىۋالماي،كىچىك ئىشلارنى سىجىل قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىش كېرەك.ھەر قانداق مۇۋاپىقىيەت كىچىك-كىچىك ئىشلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
بىز كىچىك،ئۇششاق ئىشلارنى مۇھىم ئەمەس دەپ ئويلاپ چوڭ ئىشلارنىلا قىلىشنى ئويلىشىمىز.ۋاقتى كەلگەندە چوڭ ئىشلارنى قىلالمايلا قالماي،كىچىك ئىشلارنى قىلىدىغان پۇرسەتلەرنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىمىز.
بىز كۆزگە ئىلمىغان،ياراتمىغان كىچىك ئىشلار بىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتچى ياكى مەغلۇبىيەتچى بولىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

بىز تۆۋەندە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارغا دەپ يۈرمىگەن،لېكىن ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرغان 30 تۈرلۈك ئادەتنى سىزگە سۆزلەپ بېرىمىز.سىز بۇ ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ھايات مۇساپىسىدە سىجىل قىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىزلا______سىزمۇ مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىسىز.
1.ھەر كۈنى مۇھىم بولغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشىڭىزنى تىزىملاپ چىقىڭ،ھەم شۇ كۈنى ئۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈڭ.
2.خىزمەت ئورنىڭىزغا باشقىلاردىن 10 مىنۇت بالدۇر بېرىڭ،10 مىنۇت بالدۇر كېلىش پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بولماستىن ئىش بېجىرىشتىكى پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر.
3.سۆزلەشتىن بۇرۇن ئويلىنىۋېلىپ سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
4.ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن بىردىن ئوتتۇزغىچە سانىۋېتىڭ.ئاچچىقلىنىشنىڭ -باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزنى جازالاش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ.
5.ئىشلاردا بىر قارارغا كېلەلمىگەندە ئەڭ مۇرەككەپ ئىشلارنى بېجىرىڭ.شۇندىلا بەزىبىر ئىشلار ئەسلى مۇرەككەپ بولماستىن بىزنىڭ ئىرادىمىزنىڭ سۇسلىقىنىڭ سەۋەبىدىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.
6.قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىشنىڭ تاماملاش ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ،ھەم شۇ بويىچە تاماملاڭ.
7.ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇرۇڭ.ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش بىر خىل ئاكتىپ بولغان روھىي ھالەت بولۇپ ئالدىنقى ئورۇننى تالىشىدىغان،ئالغا قاراپ ئىنتىلىدىغان جۈرئەت ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش روھى يېتىلىدۇ.
8.يولباشچىلارنى ئۈلگە قىلىڭ.تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ يولباشچىلىرى بار.ئۇلارنىڭ سىز ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار،ئۇلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش كېرەك.
9.باشقىلاردىن 10 مىنۇت ئارتۇق بەرداشلىق بېرىڭ.ھەر قانداق ئىشتا ئوتتۇرا يولدا بەل قۇيىۋەتمەڭ.
10. ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى چۇقۇم يادلىۋېلىڭ.ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.چۈنكى،ئۇلار بىزگە پۇرسەت بەرگۈچىلەردۇر.
11.ھەر قانداق ئىشنى تالىشىپ قىلىڭ.تازلىق ئىشى بولسىمۇ مەيلى.ئىشلارنى تالىشىپ قىلغاندا ئۆزىنى چېنىقتۇرغىلى،بىلىم تېخنىكا ئىگەللىگىلى،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
12.باشقىلارنى ئۇ يوق يەردە ماختاپ تۇرۇڭ.بۇ ھەرىكىتىڭىز ناھايىتى تېزلا سىز ئويلىمىغان نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
13.ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى قەدىرلەڭ.سىز ئۇلارنى قەدىرلىسىڭىز ئۇلارمۇ سىزنى قەدىرلەيدۇ.
14.ھەر قانداق ئادەمنىڭ گېپىنى تۈگىتىپ ئاڭلاڭ.باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپ ئۆزىنىڭ گېپىنىلا قىلىش ئادەمنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
15.باشقىلارغا سىزدىن كۈتكىنىدىن ئارتۇقراق بېرىڭ.باشقىلارغا خۇشاللىق بېرەلىسىڭىزلا ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.
16.باشقىلارنى تەنقىتلىمەكچى بولسىڭىز ئالدىدىن ماختاڭ.باشقىلارنى بەش ئېغىز ماختاپ بىر ئېغىز تەنقىتلەڭ.
17.ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا خاتىرە ۋە قەلەم ئېلىۋېلىڭ.جەمىئىيەت بىر تېمى يوق ئالىي مەكتەپ.ھەر ۋاقىت سىزگە لازىملىق بىلىم،ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىسىز.ئۇنى خاتىرلەپ ئادەتلىنىڭ.
18.سەھەردە ئويغىنىپلا ئىككى مىنۇت چۈشلىرىڭىزنى خاتىرلەپ ئادەتلىنىڭ.چۈشلىرىڭىزگە نۇرغۇن قىممىتى بار ئۇچۇرلار،يېڭى-يېڭى ئىلھاملار كىرىپ تۇرىدۇ،بىشارەتلەر بولىدۇ.ئەمىليەتتە سىز ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى چۈشلىرىڭىز ھەل قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
19.ئۆزىڭىزنىڭ ئون تۈرلۈك كەمچىلىكىنى خاتىرلەپ،ئاندىن ئۇلارنى تۈزىتىڭ.ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرىپىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىلا ،قەلبىدىكى توسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندىلا غالىپلاردىن بولالايدۇ.
20.ھەر قانداق مۇھىم قارارلىرىڭىزنى ئىجرا قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىڭ.ھەرگىز بالدۇر ئېلان قىلىۋەتمەڭ.ئورۇنسىز ئاۋارچىلىققا قالىسىز.
21.ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت تەپەككۇر قىلىڭ.يەنى شۇ كۈنلۈك قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ،كام قالغان ئىشلارنى،ئەتىسى قىلىدىغان ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىڭ.
22.خىزمەتلىرىڭىزنى تەبەسسۇم بىلەن بېجىرىڭ.تەبەسسۇم سىز ھەر ۋاقىت بىرگە ئېلىپ ماڭالايدىغان بايلىق بولۇپ،سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز ئىچ-ئىچىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بولسىلا،ئەتراپىڭىزنى تەبەسسۇم قاپلايدۇ.
23.خىزمەتنى ئائىلىڭىزگە ئېلىپ بارماڭ.خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا نەتىجىلىك ئىش قىلغىلى بولىدۇ.
24.ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرگە ناشتا قىلىڭ.
ھەر قانداق ئادەم ئائىلە ۋە كەسپىي ئىشلىرىگە تەڭ كۆڭۈل بۆلگەندىلا،ئاندىن ھەقىقىي مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
25.ھازىرقى دوستلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ يىڭى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ تۇرۇڭ.
سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىڭىز قانچە كېڭەيگەنسىرى ئىشلىرىڭىز شۇنچە يۈرىشىدۇ.
26.ھەر كۈنى چۇقۇم يېرىم سائەت كىتاپ كۆرۈڭ.بىلىم قۇرۇلمىڭىزنى تۇلۇقلاپ تۇرۇڭ.كىتاب بىزگە ئادىمىيلىك يوللىرىنى،ئىش بېجىرىش چارىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
27.تۆت تۈرلۈك پىلان،بىر تۈرلۈك نىشان بېكىتىڭ.ھاياتىنى نام-نىشانسىز ئۆتكۈزۈش ئۆلۈمنى كۈتۈشتىن ئىبارەت.چۇقۇم ئۆمۈرلۈك نىشان ۋە ئۇنىڭغا يىتىشتىكى تۈرلۈك پىلانلار ئەتراپلىق تۈزىلىشى كېرەك.
28.پۇل تېپىش ھاياتىڭىزدىكى بىردىن-بىر نىشانىڭىز بولۇپ قالمىسۇن.ھاياتىڭىزدىكى پۇلدىنمۇ مۇھىم نىشانىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ ھەم شۇ نىشانىڭىزغا يىتىش جەريانىدا پۇلمۇ تېپىڭ.
29.نىشانىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ ھەم ھەر كۈنى يۇقىرى ئاۋازدا 10 قېتىم ئۇقۇشقا ئادەتلىنىڭ.شۇندىلا نىشانىڭىز بويىچە ئىلگىرلىيەلەيسىز،مۇۋاپىقىيەت سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
30.دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ،دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ،دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ.

مەنبە:<<مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئۆزىدە ھازىرلىغان 30 تۈرلۈك ياخشى ئادەت>>ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.(لىياۋنىڭ مائارىپ نەشىرياتى)
تەرجىمە قىلغۇچى:جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرى ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

271

تېما

77

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5975 سەر
تىللا
1391 دانە
تۆھپە
10055 سەر
شۆھرەت
4958 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:51:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارغا سىزدىن كۈتكىنىدىن ئارتۇقراق بېرىڭ.باشقىلارغا خۇشاللىق بېرەلىسىڭىزلا ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

.باشقىلارنى تەنقىتلىمەكچى بولسىڭىز ئالدىدىن ماختاڭ.باشقىلارنى بەش ئېغىز ماختاپ بىر ئېغىز تەنقىتلەڭ.

خىزمەتلىرىڭىزنى تەبەسسۇم بىلەن بېجىرىڭ.تەبەسسۇم سىز ھەر ۋاقىت بىرگە ئېلىپ ماڭالايدىغان بايلىق بولۇپ،سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز ئىچ-ئىچىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بولسىلا،ئەتراپىڭىزنى تەبەسسۇم قاپلايدۇ.

يوقارقىلار ھازىرقى جەمىيىمىزدىكى كىشىلەردە كام بولىۋاتقان خاراكتىرلار.     مۇۋاپىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن بۇ خىل خاراكتىرنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ، شۇندىلا ككزلىگەن نىغانغا يېتەلەيدۇ .
رەھمەت

باھا سۆز

XAM تەپسىلى ئوقۇپ چىققانلىقىىزغا رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 17:40
ئۆزىگگ ئىشەنگەن ئادەم باشقىلارغىمۇ ئىشىنىدۇ .

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 21:39:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز دىققەت قىلساق بۇلىدىغان  مەزمۇنلاركەن بۇلۇپمۇ . بىر ئۇرۇنغا باشقۇرغۇچى بولغانلار چۇقۇم بىلمىسە بولمايدىكەن.
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 04:23, Processed in 0.412136 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش