بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-15 23:50
توۋا..... بۇ فىلىمدىكى خۇددى كۆتى ئوچۇق مايمۇندەك كىيىنگەن قىزىنىڭ ئۇسۇلىغا ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان، مايمۇن سۈپەت قىزىنىڭ ئەجنەبىچە ئۇسۇلىغا چاۋاك چېلىپ ئولتۇرغان دىلنار ئابدۇللا شۇمىدۇ؟؟؟... مەن ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان، مەن ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتقان دىلنار ئابدۇللا مۇشۇمىدۇ؟؟؟...... نەزىرىمدىن بىراقلا چۈشۈپ كەتتىغۇ بۇ ‹‹ چولپان ››! مەن ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى ساھەسىدە دىلنار ئابدۇللانى بەك چوڭ بىلەتتىم، ئەپسۇس..... جاھان نىمە بوپ كېتىۋاتىدۇ-ھە؟!!!......... سەنئەت ساھەسىدە كۆپنى كۆرگەن، پىشقەدەم، كۆپنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ‹‹داڭلىق››لىرىمىز شۇنداق قىلىۋاتقان يەردە...... ھەي..... لەنەتلەر ياغسۇن!
ئەزىز تورداشلىرىمنىڭ نەزىرىگە ‹‹كۇچا دىيارى مۇنبىرى›› دىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى شېئىرنى سۇنغۇم كېلىۋاتىدۇ:
ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم
( مۇزىيخانىدا ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىۋالغان، تال-تال ئۈرۈلگەن قاپقارا ئۇزۇن چېچى يەر سۈيۈپ تۇرغان، شەھلا كۆزلۈك گۈزەل بىر قىزنىڭ سۆرىتىنى كۈرۈپ، كۈزۈمنى ئۈزەلمەي تۇرۇپ قالدىم. چۈشەندۈرگۈچى بۇ قەدىمكى ئويغۇر قىزىنىڭ سۆرىتى دەپ چۈشەنچە بەردى. خىياللىرىم ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئارىسىدا قاناتلاندى )
خىياللارغا چۆكتۈم سىقىلدىم، تىلغاندى دىل چۇڭقۇر ئۇھسىندىم. سەۋەپ نىمە؟ سەۋەبى بىرلا، ئويغۇر قىزى سىنى سېغىندىم.
ئويغۇر قىزى ئويغۇرنىڭ گۈلى، مەۋجۇتلىقنىڭ كاپالەت - ھۇلى، خارلىغانلار ئۇنى نائەھلى، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
مەيلى يوقتۇر بۈگۈن لاي-لايغا، تەلمۈرمەيمەن ئاسمانغا-ئايغا، ئىشقىم چۈشتى شۇنداق جانانغا، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
قېنى تال-تال قىرىق ئۈرۈم چاچ، ئەمەسقۇ سەن ھىندى يا تابغاچ، قىلىۋالدى كىم سىنى قۇشقاچ؟ ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
چاچلار چۇۋۇق، خۈنۈك ئەپتى يوق، يوپكا كالتە، مەيدىلەر ئۇچۇق، يەنە خېرە كۈرىنەر يۇچۇق، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
قېنى ئاھۇ بۇلاقتەك كۆزلەر؟ قېنى بەرنا گۈزەل لىۋەنلەر؟ قېنى شەرمى-ھايا دىگەنلەر؟ ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
چىمەن دوپپا يېغلار ئۇيۇقتا ، ئەتلەس كۆينەك تىقىلغان تارغا، لەنەت شۇنداق مودا جاھانغا، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
تاۋارلاشقان بۈگۈن مۇھەببەت، تار كوچىدا قايناق تىجارەت، ئەسلى ئىپپەت ھاياتتىن قىممەت، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
بەك ئۇزاققا سۇزۇلغاچ ھىجران، كۆز ياشلاردىن ياسىدىم قىيان، سۈيۈپ ئۆلسەم قالمايتى ئارمان، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
قايىت يۇلۇڭدىن تاپقىن ئەسلىڭنى، چىڭ قۇچاغلاپ سۈيەي مەن سىنى، ياشىمايلى بولغاپ ساپ قاننى، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
تالاي ھىكمەت شۇ ئۇزۇن چاچتا، كىيىۋالغىن بېشىڭغا دوپپا، جۇلالانسۇن ئەتلەسمۇ قايتا، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
بۇلاق كۈندە سېنى سورىسۇن، خجىل بۇلۇپ ئايمۇ قىزارسۇن، ئەجدات روھى كۈلسۇن-يايرىسۇن ، ئويغۇر قىزى سېنى سېغىندىم.
مەنبە: http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5526 |