ئىشقى مۇھاببەت
(شىئېر )

سەن -سەن يۈرەككە ئوتلارنى سالغان ،
ئەقلى ھۇششۇمنى سۆز بىلەن ئالغان .
مۇھاببەت سازىن خۇش ئاۋاز چالغان ،
باقمامسەن قىيا ۋەي سەتەڭ ۋاي بالىغان .

چىنمىدى يالغان جاۋاب بەر ئۈزۈڭ ،
ياغداك ياراشۇر ھەسەلدەك سۈزۈڭ .
جانلارنى ئالغان بۇلاقتەك كۈزۈڭ ،
سەندۇرسەن مىنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم .

دەردىڭدە كۈڭۈل ھەر كۈنى غەمدە ،
ئىست ئۆمۈر گۈلۈم ئۈتەمدۇ سەندە .
كەبەڭگە بېقىپ ، كۆزدىن ياش ئېقىپ .
ساقلارمەن جانىم ھەر بىر قەدەمدە .

قىلغىن ئىلتىپات ،كۆرمە بىزنى يات ،
ھالىم خەتەردۇر يېتىشكىل پات- پات .
كۈرۈپ بۇيڭنى ، سۆيدۇم خۇيۇڭنى .
كۆيگەن يۈرەكنى ئەيلىگىل بىر شاد.

تۈنلەردە دائىم تاتۇرمەن ۋايىم ،
دەردىڭ قىلىپتۇر دەۋزاخنى دائىم .
كۆيدۈم - كۈل بولدۇم ،سۆيدۈم قۇل بولدۇم ،
كەلتۈر يادىڭغا بىزنى ھەم دائىم .

سەن بىر قىزىل گۈل ، شائىرىڭ بۇلبۇل ،
تۈنلەردە سايرار دەردىڭدە غۇل - غۇل .
بىزنى ئۇنىتما گۈلنى قۇرۇتما ،
ئۇيغۇر بىيچارە بولدى ساڭا قۇل .

ئابدىخالىق ئۇيغۇر