پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 8

قىزىقارلىق پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 00:06:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 00:10  

خېرىدار: ساپلا سۆڭەكلىك بولۇپ كەتتىغۇ بۇ گۆش، ئۇستام سەل تەڭشەپ ساتماملا !
قاسساپ: قوي دېگەننىڭكى سۆڭىكى بولمىسا ئۆرە تۇرمايدۇ . سۆڭەكسىز گۆشنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئېلىۋەرسىلە تەقسىر .


باققال: قوغۇن-تاۋۇز بولاڭخۇي، لاۋزا بولسا پۇل ئالمايمەن.
خېرىدار: ماۋۇ قوغۇنلىرى كۇس چىقتى، تاۋۇزلىرى سوپۇندەك ئاق چىقتى قانداق قىلىمىز ؟
باققال: ئەمدى قايلىسىلا، قوغۇن-تاۋۇز دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدىكەن. بۇنى ياندۇرساق قانداق ساتىمىز؟
پىچىپ قوياپلا، يەۋەتسىلە، قورساق تويىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قانىدۇ .


خېرىدار: بۇ سەۋزە-چامغۇرلار بەك ئۇششاق ئىكەن، ئەرزانراق بەرسىلە .
ئوتياشچى: قايلىسىلا، بەش بارماق دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، يەرنىڭ تېگىگە باش ئالىدىغان نەرسىكەن، ئەمدى قانداق
قىلاتتۇق، سىلىمۇ ئۆي تۇتقان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. ھەقىچان بالىلارنىڭ كىچىكلىرىنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانلا .


خېرىدار: بۇ ياڭاقلىرى ساپلا سېسىق-پۈچەك چىقىپ قالدى. سىلى بەك داڭلاپ قىممەت ساتقانتىلە، بۇنى قانداق قىلارمىز؟
گۈلە-قاقچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيلا، بىزمۇ ئالىمىز، ياڭاقلىق بېغىمىز بولمىغاندىكىن. يا خەقتىن ئالغاندا سىتىغاسېلىپ تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولمايدىكەن. بالىلار ئىچى پۇشقاندا يەر ياكى ئويناپ تۈگىتەر .


گىلەمچى: ماڭا قارسىلا ھاجىم، ماۋۇ خوتەننىڭ گىلەملىرى، بىر-ئىككى پارچە ئېلىپ ئۆيلىرىگە سېلىۋالماملا؟ پۇلىمۇ ئانچە ئۆرە ئەمەس .
خېرىدار: ئالارمىز ئالدىرىماي، بالىلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ، تويىنى قىلىدىغان چاغدا ئالارمەن، ھازىرچە قولۇم سەل قىسقا تۇرىدۇ، تۇرۇپ تۇراي.
گىلەمچى: ھاجىم ئۆزلىرىنى كەم سۇندۇرمىسىلا، بۇ گىلەملەر ئات-تۆگىگە كەلمەيدۇ. بىرەر-ئىككى مىڭ كوي دېگەن ئۇ يەردە قويسا بۇ يەردە يوق. بۇنداق گىلەملەر ھازىر ئى مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيىدىمۇ بار جۇمۇ !


دۇكاندار: ئەجەپ قاتتىق سودا قىلىدىكەنلا، مۇئەللىم(خانىم) ئوخشىماملا
خېرىدار: بۇ دېگەن بازار، دېگەنلىرىگە ئالساق بولامتى ئەمىسە، مۇئەللىم (خانىم) دېگەننى ئۇنداق پەس كۆرۇشمىسىلە جۇمۇ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىيغا ئۆچ بولغاچ كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇنچىلىك.
دۇكاندار : كادىر خەق دېگەنغىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايتتى...


ئاشخانا مۇلازىمى: ئاكىلار، لەغمەننى پۈتۈن ئەكىلەيمۇ-يېرىممۇ؟:
شەھەرلىك مېھمانلار: ئۇكام بىزنى سەھرالىق كۆرۈپ قالمىغانلا، لەغمەننى پۈتۈن يەيدىغان؟ ئىككىمىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش، ئاش چىققۇچە بىر چىنىدىن سۆنتەڭ(لازا-ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق قورۇما سۈيى قوشۇلغان ئاش سۈيى) ئەكەلسىلە .
ئاشخانا مۇلازىمى: (ياندىكى ئۈستەلدىكى يېزىلىق مېھمانلارغا) ھەر قايسىلىرىغىمۇ يېرىمدىن ئاش ئەكىلەمدىمەن؟
يېزىلىق مېھمانلار: يوقسۇ، ئاشنى پۈتۈن ئەكىلىۋېرىڭ، بىز شەھەرلىك ئەمەس، ئاشنى يېرىم يەپ، قورساقنىڭ چالىسىنى مەنتەڭ بىلەن تولدۇرىدىغان .


يولۇچى : بۇ ئاپتۇبۇس ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس تاماققا توختىغاندەك ھەر دوقمۇشتا بىر ئاش پىشىم توختاپ تۇرىۋالىدىكەن، قانداق گەپ-بۇ؟
شوپۇر: ۋاقىت توشقاندا، ئادەم تولغاندا ماڭىمىز. ئىشلىرى ئالدىراش بولسا تاكسىغا چىقسىلا، توختىماي چېپىپ تېز يەتكۈزۈپ قويىدۇ .

ئاپتۇبۇس شوپۇرى:  تاكسىچى، ماشىناڭنى بىر يانغا تارتمامسەن، ئاپتۇبۇسنى ئۆتكۈزىۋالاي.
تاكسى شوپۇرى: نەگە تارتىمەن؟ بۇ يولنى ئاپتۇبۇسغا بولاپ بەرمىگەن بولغىيتتى، سەن ئادەم توشۇۋاتقان بولساڭ مەنمۇ ئادەم توشۇۋاتىمەن، ئالدىمدىكى ماشىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟



شوپۇر: ۋە ئادىشاۋوي، ھارۋاڭنى تارتمامسەن، ماشىنامنى ئۆتكۈزىۋالاي، مىڭ قېتىم سېگىنال بەرسەم خىيالىڭغا كەلمەي تۇرىسەنغۇ؟
ھارۋىكەش: نەگە تارتىمەن، يولنىڭ ھېچ يېرى بىكار بولمىسا، يوغان نەرسەڭ باركەن، ئالدىرىساڭ ئۇچۇپ ئۆت!
شوپۇر: ھەي پوجاڭ تۇماق سەھرالىق، بۇ دېگەن ماشىنا يولى، بازارغا كىرگەندە ھارۋاڭنى دەڭگە قويۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟
ھارۋىكەش: بۇ ھارۋىدا ھەر قايسىلىرىدەك شەھەرلىك غوجاملارغا ئەكىرگەن ئوتياش-چۆنەك، قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك-شاپتۇل بار ئىدى. بازارغا يەتكۈزىۋالساق بولدى. دېھقان بازارغا بىر نەرسە ئەكىرمىسە ئاچ قېلىشالا ھەقىچان!



شوپۇر: قۇلىقىڭغا بىر نېمە كىرىپ قالدىمۇ؟ نەچچە قېتىم سېگىنال بەرسەم نېمانداق ماشىنامغا يول بەرمەيسەن، ئۆلۈكىڭنى ساتاي دەمسەن ، لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىق .
پىيادە يولۇچى: ۋە گۇي، ماشىنام بار دەپ يوغان سۆزلىمە، بۇ دېگەن بازار يولى، ھەممىمىز ماڭىمىز، يامان بولساڭ بېسىۋەت، تويدۇم ھېچنېمىسى يوق بۇ جاندىن. كابىنكىغا چىقىۋالساڭ يولدىكى ئادەم قۇرت-قوڭغۇزدەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ، شەيتىنىڭ كىچىك كۆرسەتمىسۇن، بىزمۇ ئادەم، دېھقان دېگەن يەرنىڭ جېنى جۇمۇ، چىدىمىساڭ چۈشۈپ ھەيدە سىيالكاڭنى ....

مەنبە:ۋارسىلار تورى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

94

تېما

15

دوست

9583

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1993 سەر
تىللا
614 دانە
تۆھپە
2238 سەر
شۆھرەت
1888 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 00:47:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇخلاش ئالكدىدا تازا بىر كۈلۋاپتىمەن دىسە  
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 00:56:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tursunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 00:47
ئۇخلاش ئالكدىدا تازا بىر كۈلۋاپتىمەن دىسە

مەنمۇ  ھازىرغىچە  كۈلىۋاتىمەن........
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىمنىڭ  سودا -سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتلىرى ئوخشايدۇ بۇ ! بەك قىزىقكەن . رەھمەت كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا.
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

102

تېما

36

دوست

8227

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1689 سەر
تىللا
375 دانە
تۆھپە
1678 سەر
شۆھرەت
1736 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 10:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىم ناھايىتى قزىقارلىق تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە! بىراق بۇ تېما 5-يىللىقلارنىڭ دەرس تەييارلىقى ئارىسىغا يوللىنىپ قاپتۇ،شۇڭا تېما يوللىغاندا سەھىپىنى توغرا تاللاپ ئاندىن يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. كەچۈرۈڭ،ئاقساقاللىق قىلىپ قالدىم.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

66

تېما

28

دوست

7758

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1875 سەر
تىللا
204 دانە
تۆھپە
1465 سەر
شۆھرەت
1352 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:08:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن .كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

233

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5082 سەر
تىللا
903 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4200 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 16:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىم ياىشىمۇسىز ؟
  سىزمۇ  مانا ئەمدى بۇ قىزىقچىلار سورۇنىغا  قاتنىشىپسىزدە ، بۇلارنى ئوقۇپ راسا بىر كۈلىۋالدىم .
كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت . مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزنى كۈندە كۆرسەم دەيمەن . رھمەت .

126

تېما

35

دوست

7505

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1608 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
1519 سەر
شۆھرەت
1419 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 19:16:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كىىتىڭ سىرداش دوستۇم! سىز باشقاشتىكى بارلىق دوستلارنىڭ ھەقىقى سىردېشى!
رەھمەت!
ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

10

تېما

0

دوست

648

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
147 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
128 سەر
شۆھرەت
115 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:23:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ھەقىيقى كۈلكىلىك پاراڭلارنى يوللاپ، ھەممەيلەننى كۈدۈرۈۋەتكەنلىكىڭىزگە رەخمەت ، مۇشۇنداق قىززىقارلىق پاراڭلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، سىرداش ئەپەندىم. رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 01:16, Processed in 0.478456 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش