پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:03:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
       1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

       2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن».
دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز.

         3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت)
دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .  


مەنبە  خوش خەۋەر تورى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:10:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىز ئۇيغۇرلار شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەت.  دۇنياۋى كەشپىياتلىرىمىز بەلكى يۇقارىقىلاردىنمۇ كۆپ بولۇشى مومكىن. لىكىن تارىخىمىزدا يۇزبەرگەن تۇرلۇك ئىجتىمائىي  سەۋەپلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى يوقىتۋەتتى.بۇ بىر ياخشى خوش خەۋەر ئىكەن. ئەمدى بۇنى داۋاملاشتۇرۇش بىزلەرنىڭ زىممىمىزدە قالدى.
رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:28:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى» بۇ خوشاللىنارلىق بىر ئىكەن .
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 13:48:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 14:29  

ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخلىرىنى ئاڭلىسام قەلبىم چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلكىدە  ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ . بۇ تېمىنى كۆرۈپمۇ بەك خۇش بولدۇم رەھمەت .

  مۇنبەر باشلىقى بولۇپسىز مۇبارەك بولسۇن !!!
بۇندىن كېيىن مۇنبەر باشلىقلىق مەجبۇريتىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىپ،  بايقاشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

102

تېما

36

دوست

8227

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1689 سەر
تىللا
375 دانە
تۆھپە
1678 سەر
شۆھرەت
1736 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 17:01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. دېمىسىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان نۇرغۇنلىغان مىراسلىرى قوغدىغۇچىسىز قېلىپ،ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ئۈن-تىنسىز غايىپ بولغان. قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىمۇ سەيلۇن ئەمەس سەيدىن ئەپەندى دەرەخ قوۋزىقىدىن پايدىلىنىپ،ھازىرقى خوتەن قەغىزىنىڭ دەسلەپكىسىنى ياساپ چىققان ئىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 17:06:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-10 13:48
ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخلىرىنى ئاڭلىسام قەلبىم چەكس ...

جان دىلىم بىلەن...........
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

1

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
38 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 18:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخى پاكىتلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم.بۇ كەشپىيتلاردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىز تېخى بىخەۋەر .
ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدىنىيتىنى ئەۋلاتلارغا تونۇتۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:24, Processed in 0.379069 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش