پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 2

ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭىز يېڭىلىنىپ تۇرسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

102

تېما

36

دوست

8231

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1689 سەر
تىللا
379 دانە
تۆھپە
1678 سەر
شۆھرەت
1736 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 02:28:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 03:20  

ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭىز يېڭىلىنىپ تۇرسۇن!

013.gif

بالىلىق چاغلىرىمدا خۇشناۋا غەزەلخان بولۇپ ئەلگە تونۇلسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ ھەۋىسىمنىڭ تىپىرلىتىشىدا مەكتەپتىن يانغاچ ئېتىز - قىر بويلىرىدا ناخشا توۋلايتتىم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن داڭلىق رىياسەتچى بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ۋە دەرسىم يوق چاغلاردا مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىدا قىزىقىشىمنى چېنىقتۇردۇم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن داڭلىق يازغۇچى بولۇپ ئەل خىزمىتىگە ئاتلىنىشنى ئارزۇ قىلدىم. بوش ۋاقىتلىرىمنى كىتاب كۆرۈش، ئانچە - مۇنچە قەلەم تەۋرىتىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئالىي مەكتەپتە بالىلىقتىن ياشلىققىچە بولغان بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. ئەتراپلىق ئىزدىنىشىم قىزىقىشلىرىمدا ئۆزىگە يارىشا شان - زەپەرلەرنى قۇچۇشىمغا يول ئاچتى. رادىيو ئىستانسىلىرىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلىشىم، گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىم قىزىقىشلىرىمنىڭ شاھىتى بولدى.
خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمنى خېمىرتۇرۇچ قىلىپ، زامانغا باپ ئارزۇ - ئۈمىد، قىزىقىشلىرىمنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتىم. چۈنكى، بۇ دۇنيادا ھېچبىر ئارزۇ - ئىستەكسىز ياشاۋاتقان، جىسمىدا چەكسىز ئىشلىتىلىش بوشلۇقى تۇرۇپمۇ ئاشۇلارنى سېزەلمەي، ئۇلاردىن پايدىلىنالماي ئۈن - تۈنسىز قارا تۇپراققا قوشۇلۇپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھاياتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەپ قالدىم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئادەم ھەر كۈنى يېڭىچە نەرسىلەرگە يولۇقۇپ تۇرسا كۈنلىرى خۇشال ئۆتكەندىن سىرت يېڭى بىلىم، يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ ساھىبى بولالايدۇ. ھەر بىر كىشىدىكى ئارزۇ - نىشان شۇ كىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەلۋەتتە. ھەر قانداق نورمال بىر ئادەمنىڭ مەيلى چوڭ يا كىچىك بولسۇن، ئۆزىگە يارىشا قىزىقىشى بولىدۇ. كىشىلەر ئاشۇ روھىي روزىغارلىرىنى روياپلاندۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ ۋە تىرىشىدۇ. بىز ھاياتلىق سەيناسىغا چېچىلغان رىزىق - نېسىۋىمىزنى دەل ئاشۇ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن تېپىپ يەيمىز. بۇ جەريان ھاياتلىققا گۈزەللىك ۋە مەنە بېغشلايدۇ. تۇرمۇشقا ئارزۇ - ئۈمىد يانداشمىسا، تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق مەنىسى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا نىشان، ھاياتتا ئارزۇ - ئارمان بولمىسا، كىشى ھاياتىنى روھسىزلىق، چۈشكۈنلۈك قاپلايدۇ. چۈشكۈن ئادەملەرنىڭ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشى قىيىن. بۇ ھال شۇ كىشىنى تۇرمۇشتىكى يېڭىچە نەرسىلەرگە قىزىقمايدىغان، ياشاشنى بېسىم ھېس قىلىدىغان، كونىچە تۇرمۇش يوسۇنىدا ياشاۋېرىشىنى خالايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇرمۇش كۈلگەنلەرگە كۈلۈپ، يىغلىغانلارغا يىغلاپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن ئايانكى، تۇرمۇشقا باشتىن - ئاخىر ئىشەنچ بىلەن بېقىپ، جۇشقۇن، تېتىك ياشاش ئەۋزەل. نائۈمىد، چىركىن، بىر رامكا ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەرنى باشقىلار نەزەرىگە ئالمىغىنىدەك، تۇرمۇشمۇ ياقتۇرمايدۇ. ئېنىقكى، تۇرمۇشقا ئىنىتىلىش ئىچىدە كۈلۈپ باقالايدىغان ئۈمىدۋار كىشىلەرلا قەلبىدىكى ئارزۇ - ھەۋەس، ئارمان - ئىستەكلىرىنى ناچار مۇھىتتىمۇ شاخلىتىپ، ئۇنى روياپقا چىقىرالايدۇ. مانا بۇلار جەمئىيىتىمىزدىكى قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان، قانداق ئىش بولسۇن، ئۆز ئىرادىسىدىن يانمايدىغان، ئۆزگىرىشچان مۇھىتقا بېقىپ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغانلاردۇر.
بىز تۇرمۇشتا تۈرلۈك ماددىي نەرسىنىڭ يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى بەكمۇ ياقتۇرىمىز. خۇددى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ماددىي نەرسىنىڭ يېڭىلىنىپ رەڭگارەڭ بولۇپ تۇرۇشىغا ئىنىتىلگىنىمىزدەك، قەلبى−مىزدىكى ئارزۇ - ئارمان، ئىستەك - ھەۋەسلىرىمىز يېڭىلىنىپ تۇرسا، شۇ نىشانغا يېتىشكە يەكدىل ئىنتىلسەك، سىرتقى دۇنيادىن قوبۇللىغان بىلىم جاۋاھىرىياتلىرىمىز موللىشىپ، بىزنى مەقسەتلىرىمىز ساھىلىغا يەتكۈزىدۇ، تۇرمۇشىمىز مەنىلىك، رەڭدار تۈس ئالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەر بىرەيلەن ئارزۇ - ئىستەك، قىزىقىش - ھەۋەسلىرىمىزنى قېزىپ، قېنىمىزدا بار بولغان قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى نەتىجىگە ئۇلاشتۇرۇشىمىز، شۇنداقلا ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنى ماكان ۋە زامانغا ماس ھالدا يېڭىلاپ، ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە پۇراق ۋە نەپىسلىك تېپىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن نەتىجىسى جىپسىلاشقان ھەقىقىي مەنىدىكى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىڭىزنى قېزىپ تۇرۇڭ ۋە شۇلارنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلىنىڭ. مۇبارەك نام - نىشانىمىز ھايات - ماماتلىقتا نۇر چېچىپ جۇلالانسۇن دېسەك، قەلبىمىزدىكى ئارزۇ - ئارمانلار كۆمۈلۈپ قېلىپ كونىراپ كەتمىسۇن. ئۇ ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرۇشقا ھەم مۇئەييەن نەتىجىسىنى تېپىشقا موھتاج!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››

قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5039 سەر
تىللا
2201 دانە
تۆھپە
8456 سەر
شۆھرەت
3655 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 20:25:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئادەم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك، تەسىرچانلىقى ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك ياخشى ماقالىكەن، رەخمەت سىزگە. ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي بۇرادەر!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5096 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9307 سەر
شۆھرەت
4214 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 21:58:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ سىزنى كىچىكىدىنلا ئارزۇ - ئۇمۇدلەرگە تولغان ئۈمۈدۋار ،   ھەم ئارزۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ . داڭلىق يازغۇچى بولۇپتۇ دەپ ئويلاپتىمەن.  ئەپسۇس ماقالىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كۆزۈم بۇ تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە چۈشۈپ قالدى . ئىسىت بۇ تېما سىزنىڭ بولسىچۇ  تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم . شۇنداق بولسىمۇ ناھايتى ياخشى تېما ئېلىپ كەپسىز رەھمەت سىزگە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:51, Processed in 0.400425 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش