- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-10
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 19991
- نادىر
- 3
- تېما
- 197
- يازما
- 2091
  
قىزغىنلىق- 3144 سەر
تىللا- 483 دانە
تۆھپە- 8029 سەر
شۆھرەت- 3085 سەر
      
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 14:14
1. ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، بېيجىڭغا خىزمەت ئىزدىگىلى ماڭدىم. ۋاگىزالدا قىز دوستۇم ماڭا بىر كونۋىرىتنى بېرىپ بېيجىڭغابارغىنىڭدا ئاندىن ئاچقىن دەپ ئارقىغا قاراپمۇ قويماستىن كېتىپ قالدى. پويىزغا چىققاندىن كېيىن، قاتتىق قىزىقىش ئىچىدە كونۋىرىتىنى ئاچتىم. ئىچىدە 200 يۇەن پۇل بىلەن بىر بىر باغاقچا بولۇپ، : <تىرىشىپ ئىشلە، ئەگەر راستىنلا ئۇ يەردە تۇرالمىساڭ مۇشۇ پۇلغا بېلەت ئېلىپ قايتىپ كەلگىن، مەن سېنى ساقلايمەن> دەپ يېزىلغان ئىدى. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە پويىزدىلا يۇزۇمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيدۇم. ~ ! 2. تۈنۈگۈنكى خەۋەردە راكقا گىرىپتار بولغان بىر ئەرنىڭ پۇلنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن داۋالانمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردۇم. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئېرىمدىن: , ئەگەر مەنمۇ شۇنداق ساقايماس كېسەل بولۇپ قالسام مېنى داۋالىتامسىز؟ - دەپ سورىدىم. ئېرىم ئۇيقىغا بېرىپ بولغان بولۇپ، گاراڭ - گۇراڭ ھالدا: -- قالايمىقان سۆزلىمە، ئىشتىنىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى داۋالىتىمەن! ئەگەر سىز شۇنداق بولۇپ قالسىڭىزچۇ؟ -- ئۇنداق بولسا داۋالاتمايمەن" ? -- نىمىشقا؟ - -- ئەخمەق خوتۇن، ئايال كىشىنىڭ ئۆزى يالغۇز پۇل تېپىشى ئاسانمۇ، ئۇخلا. ! 3 . پويىزغا چىققاندا قارىسام ئورنۇم ئىككى موماينىڭ يېنىدا ئىكەن. بۇ ئىككىسى كوتۇلداپ گېپىنى زادىلا توختايدىغاندەك ئەمەس، بىر - بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشۇپ تۇراتتى. پويىز قوزغىلىشقا ئاز قالغاندا ئۇلاردىن بىرى چۇشۇپ كېتىپ، يەنە دېرىزە ئالدىغا كەلدىدە: «ئاچا، مەن بۇ يىل 89 ياشقا كىردىم، سىز 90 ياشقا، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرىشىشىمىز بولۇپ قالارمۇ؟ ئامان بولۇڭ ( 4. «تاماق تەييار بولدى، ئۆيگە قايتىپ تاماق يە». بۇ سۆزنى ئاپام ئەڭ كۆپ تەكرارلاۋەرگەچكە، ماڭا خۇددى تولا چايناپ تەمى قالمىغان سىغىزدەك بىلىنەتتى ھەمدە : «بۈگۈن ئشىم بار، ئۆيگە قايتالمايمەن» ياكى «ئۆزەڭلەر يەۋېرىڭلار، مېنى ساقلىماڭلار» دەيتىم. لېكىن ھازىر بۇ سۆزلەر مېنىڭ تۇرمۇش لوغىتىمدىن مەڭگۇلۇك غايىپ بولدى، چۇنكى ئاپام ئەرشكە چىقىۋېلىپ چۇشمەيۋاتىدۇ. 8 g2 5. دادام راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قېلىپ، ئاران - ئاران نەپەس ئېلىپ ياتاتتى. ئۇ گەپ سۆزلىرى قولاشمىغان ھالدا w7 V, --مەن .... سىلەرنى ... بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم، سىلەرنى مېنى قانغىچە تىللىۋېلىڭلار.. : دادا، نىمە دەۋاتىسەن؟ سەن دىگەن بىزنىڭ دادىمىز، سىزنى قانچىلىك داۋالاتساقمۇ ئەرزىيدۇ، ئۇنداق دىمىگىن. --سىلەر مېنى تىللىغىڭلار بولمىسا مەن ئەمسە سىلەرگە كۈلۈپ بىرەي كېسەل بېلەن ئېلىشىپ يۇرۇپ ئاران 70 جىڭ كېلىپ قالغان 180 كېلىدىغان ۋۇجۇدىدىكى بارلىق كۈچىنى يىغىپ كۇلۇمسىرىۋىدى، خالتىشىلىپ كەتكەن يۇزىدىكى تىرىلەر تېخىمۇ يىغىلىپ، تېخىمۇ قورماقلىشىپ، توختاپ قالدى. 6. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا نىمە ئۈچۈندۇر دائىم ئاپام بىلەن قارشىلىشاتتىم. كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلاتتىم. بىر قېتىم قۇلىقىمغا قاتىرسىغا 10 تال تۆشۇك تەشكەننى ئاز دەپ، كالپۇكىمغا، تىلىمغىمۇ تۆشۇك تېشىپ ھالقا ئاستىم. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىم باشقىلارنىڭ دىققىتى تارتىش ئىدى. لېكىن بۇنىڭ ئاپامنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۇرىدىغانلىقىنى بىرلسەممۇ، يەنىلا ئۆيگە باردىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگە جىلدىرلاپ تۇرغان ھالقامنى كۆرگەن ئاپام، ماڭا بىر قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى - دە ئارتۇق گەپ قىلماي كىرىپ كەتتى. ئاپام ماڭا كايىمىغانچە ئۆزەم بىئاراملىق ھېس قىلىپ نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن مەن «ئاپا، سېنى كۆرگۈم كېلىپ ئۆلەي دىدىم». دىۋىدىم، ئاپام« مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن سەن ئۆزەڭنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ، جېنىڭنى قىيناپ..... »دىدى. ئاپامنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىن، پەقەت بىر تاللا ھالقا سالىدىغان بولدۇم. : 7 بۇرۇن ئاپامغا تولىمۇ ئۆچلىكىم كېلەتتى، چۇنكى ئۇ دائىم مېنى پۇلنى قالايمىقان خەجلەيسەن دەپ ئەيىبلەيتى، ھەم مېنىڭ ئالدىمدىلا باشقىلارنىڭ باللرىنى ئۇنداق ياخشى، مۇنداق ياخشى، ئۇنداق ئىقتىسادچان، مۇنداق كۆيۇمچان دەپ كوتۇلداپ ھارمايتى. ئۇنۋىرسىتىنىڭ 1- يىللىقىدىكى قىشلىق تەتىل ئاياقلىشىپ مەكتەپكە قايتماقچى بولغاندا، ئاپام بېكەتكە چىقىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويۇشتا چىڭ تۇرىۋالدى. ئاپبوبۇسقا چىقىپ قوزغىلىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، ئاپام يەنە يېنىدا ئېشىپ قالغان توت بەش پارچە چوڭ پۇلنى (ھەر بىرىنىڭ ئۇستىدە 100 دىگەن خەت بار) ئۇنىمىغىنىمغا قويماي يانچۇقىمغا تىقىپ قويۇپ چۇشۇپ كەتتى، پەسكە چۇشۇپ ئۇتتۇرا يىمەكلىك بوتكىسىدىن يېنىدىكى كىچىك پۇللارغا بىر مۇنچە ئىچىملىك، تۇخۇم دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ دىرىزىنى مەجبۇرى ئاچقۇزۇپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى، مەن يانچۇقىمدىكى پۇللارنى ئېلىپ، سۇنسام، ئاپام قولىنى بىرلا شىلتىپ <ئۆزەڭگە لازىم بولىدۇ، ئاپاڭدا پۇل بار> دىدى. ئۇنىڭ پۇل بار دىگىنى ئەمەلىيەتتە قولىغا چىڭ سىقىمدىۋالغان ئىككى يۇەن پۇل ئىدى. 8. ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىدا دادام بىلەن ئاپام ئىككى مەخسۇس مېنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويۇپ، مېنىڭ بارلىق جابدۇقلىرىمنى قىلىپ بەردى، كەچتە يەنە مېنىڭ كارۋىتىمنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىچ بىر كەتكىسى كەلمەيۋاتاتتى، شۇ چاغدا دادام كارۋات كىرگىنى تۈزىگەچ : <چوڭ بولماي مەڭگۇ كىچىك ھالىتىڭدە قالغان ......> ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى <بولساڭچۇ> دىگەن سۆز بوغۇزىغا كەپلىشىپ چىقماي قالغان ئىدى 9. بىر قېتىم مەن تەسەددىپىلا يولدىشىمنىڭ يانفۇنىدىكى بىر ئۈچۈرنى كۆرۇپ قالدىم. بۇ دادامنىڭ باقىغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى يولدىشىمغا يوللىغان ئۈچۈرى ئىكەن: < بالام، مەن كېتىدىغان بولۇپ قالدىم، يۈرەك پارەمنى رەسمىي يوسۇندا سىزگە تاپشۇردۇم، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، سىزدىن ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا خوش بولاي.> . ئەزەلدىن مېنى يولدۇشۇمنىڭ ئالدىدا باسۇرۇپ بەرگەنلىكتىن ئازار يىگەن كۆڭلۇم ئىيقۇسىز ئازابقا تولۇپ، ئەينى چاغدا دادامدىن رەنجىتىپ يۇرگەنلىگىمدىن چەكسىز ئازابلاندىم. يىراق بىر قىشلاقتىكى بىر ئايال تۇغۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازا قىلىپتۇ، بوۋىقىنى بولسا مومىسى بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۇپ بۇ بالا بىر ئاز چوڭ بولغاندا مومىسىغا: < مەن سىزنى ئاپا دەپ چاقىرسام بولامدۇ موما؟> دەپتۇ كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ دوختۇرخانىدا پىدائىي بولۇپ خالىس مۇلازىمەت قىلىۋاتقاندا، راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىر بىمارغا قارىغان ئىدىم. ئۇ قازا قىلىدىغان كۈنىنىڭ ئالدىنى كۈنى خۇددى بىلگەندەك چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ، < ئۇھ، خۇدا، بۇ ئازابلىق كۈنلەرنىمۇ ئاخىرى تۇگىتىپ ئەركىنلىككە چىقىدىغان بولدۇم> دىگەن ئىدى. p* [شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <ھەمراھ> ژورنىلىنىڭ 2012 يىللىق 11- سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە مىسرانىم تورى |
|