بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-24 16:19
يېڭى يىللىق كۆڭۈل سووۋغىسى

سالام ئەقلى بۇلىقى تارىم دەرياسىدەك ئۆركەشلەۋاتقان ،تىلى قۇمۇل قۇغۇنىدەك تاتلىق ،،مىھرى تۇرپان كارىزلىرىدەك ئۈزۈلمەي ئېقىۋاتقان ،مۇنبەرداش دوستلۇرۇم، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلارنى تەبرىكلەيمەن! يېڭى يىلدا تىنىڭلارنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق،تۇرمىشىڭلارنىڭ خاتىرجەم بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا قۇتلۇق يىل ئاخىرلىشىپ،بىزنى پارلاق نەتىجىلەر كۈتۈۋاتقان يېڭى يىلنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىغا قەدەم قويماقتىمىز. مۇشۇنداق يېڭى بىريىل بۇسۇغۇسىغا قەدەم قۇيالىغىنىمىزدىن اللاھ قا مىڭ قەترە ھەمدۇ ساناھ ئېيتىمىز. بىزنىڭ مۇشۇنداق ئالتۇن بۇسۇغىغا يەنە بىرقانچە ئون يىل داۋاملىق قەدەم قۇيۇشىمىزنى ئۇلۇق الللاھ دىن تىلەيمىز. بىز بۇ بىر يىل ئىچىدە بايقاش مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ قېرىنداشلارچە سالامدا بولۇپ بىر بىرىمىزگە غايەت زور مەدەتلەرنى بىرىپ كەلدۇق.يېڭى يىلدىمۇ بۇ روھىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كەمىنە سىردىشىڭلار بايقاش مۇنبىرى ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەپ، يېڭى يىلغا خۇشال كەيپىيات ئىچىدە قەدەم بېسىش مەخسىدىدە تۈۋەندىكى كۈڭۈل سوۋغىسىنى ئويلاپ تاپتىم. ئاۋاز قۇشىدىغانلار ئۈچۈن بۇ سوۋغا پائالىيىتىنىڭ تەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈتەي: بۇ سوۋغىدا ئەڭ ئاۋۋال بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئالدىنقى يىلى دىكى نەتىجىلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇش بىلەن بىرگە،بايقاش مۇنبىرىگە يېڭى يىللىق تەبرىك يازساق. بۇنى نەزمە شەكلىدە يازغۇچىلار چۇقۇم 1-2-4- مىسرانى يىل بىلەن ئاخىرلاشتۇرساق، ئۇندىن كىيىن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە بايقاش مۇنبىرىدە تۇنۇشقان ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنى ھەرخىل ۋاستە ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۇرىدىغان مەزمۇن ئەكىس ئەتسە.
يىتىپ كەلدى ئاق لىباسلىق ئۈمۈدۋارىم يېڭى يىل، بايقىشىمممۇ يېڭى ياشتا، ئۈتۈپ كەتكەچ قۇتلۇق يىل، مول-ھوسۇللۇق قەلەمكەشلەر گۈل چىچەككە پۈركەندى . نادىر تىما قاينىمىدا باشلانغۇسى يېڭى يىل.
يالغۇز ئىدىم،غەمكىن ئىدىم بايقىشىمغا كىرمەستە، ئەتراپتىكى ھەممە ئادەم ئۆز تۇرمىشى-ھەلەكتە. ئەمما بايقاش مۇنبىرىدىن ئېرىشكىنىم كۆپ بولدى، نۇرغۇن دوستلار جەم بولۇشتۇق ،سىڭلىممۇ بار ئەلبەتتە.
قېنى دوستلۇرۇم ئاۋاز قۇشىدىغانلارغا مەرھەمەت
|