بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 16:02
لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھىتى 1. ھەي پەرزەنتىم ، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىڭنى چىن دىلىڭدىن تونىغىن . 2. سەن ئەگەر بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئاۋۋال ئۇنۇڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل . 3. سۆزنى ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل . 4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل . 5. ھەممىنىڭ ھەققى - ھوقۇقىنى چۈشەنگىن . 6. سىرىڭنى مەخپى تۇت . 7. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا 8. دوستۇڭنى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا سىنا . 9. رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول . 10. دانا ۋە زېرەك ئادەملەرنى تاللاپ دوست تۇت. 11. ياخشى ئىشقا ھۇجۇدۇڭنى بېغىشلا . 12. زەئىپەڭگە قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە . 13. سەمىمى ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەش . 14. سۆزنى دەلىل ئىسپات بىلەن سۆزلە . 15. ياشلىقىڭنى غەنىمەت بىل . 16. ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل. 17. دوس - بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل 18. دوس ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت 19. ئاتا - ئاناڭنى غەنىمەت بىل . 20. ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل 21. خىراجەتنى كىرىمىڭگە قاراپ قىل . 22. ھەر قانداق ئىشتا خالىس يول تۇت 23. ئالى جاناپلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل . 24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل. 25. بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، كۆز ۋە تىلىڭغا ئىھتىيات قىل . 26. كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت . 27. جامائەت بىلەن ھەمدەرد بول . 28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم - ئەدەپ ئۈگەت . 29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت . 30. ئاياغ كىيمىڭنى كىيىشنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي سېلىشنى سول پۇتتىن باشلا . 31. بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل . 32. كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا، مۇلايىم سۆزلە ، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە . 33. ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل . 34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە . 35. ئاۋۋال ئويلاپ ، چارە - تەدبىر تېپىپ ئىش قىل . 36. ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما . 37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما . 38. ياخشىلىقنى باشقىلاردىن تەمە قىلما . 39. پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە . 40. ھەر قانداق ئىشقا بىپەرۋالىق قىلما . 41قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما . 42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما . 43. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاقچاق قىلما . 44. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما . 45. ئاممىغا ( بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە ) يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش . 46. ھاجەتمەن كىشىنى نا ئۈممۈت قايتۇرما . 47ئۆتۈپ كەتكەن جېدەل ( كۆڭۈلسىز ئىشلار ) نى ئەسلىمە . 48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارلاشتۇرىۋالما 49. قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوس - دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە . 50. قېرىنداش (تۇققان) نى قېرىنداشتىن ئايرىما . 51. ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما . 52. پەقەت ماڭىلا بولسۇن ) دېگەن خىيالنى قىلما . 53.كۆپچىلىك ماڭغان بولسا سەنمۇ شۇلارغا ئەگەش . 54. بارماقلىرىڭنى ئىغىز - بۇرنۇڭغا تەككۈزمە . 55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كولىما . 56. خەپرۈك ۋە پوتلاڭنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىقارما . 57. ئەسنىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ . 58. باشقىلارغا قاراپ كېرىلمە . 59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما . 60جىددىي سۆزنى چاقچاققا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىمە . 61. بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلما . 62 قاش - كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما . 63. ئېتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما . 64. باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان . 65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوسلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما . 66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك ياسىما . 67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىۋەرمە . 68. تىلىڭنى ئايا . 69. سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتمە 70. ھەممە ئادەمنى چوڭ - كىچىك دېمەي ئوخشاش بىلىپ ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما . 71. ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەم سۆھبەتداش بولما . 72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ ئەسلىمە ، ئۇنۇڭ پايدىسى يوق . 73. ئىلاج بار بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما . 74. باشقىلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما . 75. ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما . 76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە . 77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما . 78. مال دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىيناپ يۈرمە . 79. كىمكى ئۆزىنى تونىمىسا، سەن ئۇنى تونۇ ، 80. ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل . 81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنىڭنى ئېرتما . 82. كۇن قىزىل بولغىچە ئۇخلىما . 83. كىشىلەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە . 84. چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ماڭما . 85. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلىشىۋالما . 86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما . 87. كوچىدا ئوڭ - سولغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمەي ، يەرگە ئۇددۇل قاراپ يۈر . 88. ئىلاج قىلىپ ياۋداق ئۇلاغقا مىنىپ ماڭما 89. مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھرىڭنى چاچما . 90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما . 91.دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە . 92. مەھەلىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرما . 93. پايدا - زىيان قوغلىشىپ ئابرۇيىڭنى تۆمە . 94. مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما . 95. ئادەملەرنىڭ ساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ . 96. جېدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر . 97. پىچاقسىز ، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە . 98. ئۆزۈڭنى خار قىلماسلىققا تىرىش . 99. ئۆزۈڭنى كەمتەر ھەم تۆۋەن تۇت . 100. گۈناھدىن قورقۇش ، خەلىققە ئىنساپ قىلىش ، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ، كىچىكلەرگە شەپقەت ، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت ، دوس ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش ، دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمىشىتىش ، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا ، بىرەرسىنىڭ مال - دۇنيارىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە . يەنە لوقمان ھېكىم ئېيتىدۇكى : _ نەسىھەت توغۇرلۇق ئۈچ مىڭچە سۆز يازدىم ، ئۈچ مىڭ سۆزدىن ئۈچ ئېغىز سۆزنى تاللىۋالدىم . بۇ ئۈچىدىن ئىككىسىنى ئېسىڭدە ساقلا ۋە بىرىنى ئۇنتۇپ كەت ، يەنە خۇدانى ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقلىقىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت ، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ كەت . mmJnE لوقمان ھېكىم يەنە ئىيتىدۇكى : جىملىقتا يەتتە خىل خاسىيەت بار بولۇپ ، ئۇنۇڭ بىرسى ، ئۇ زىبۇ - زىننەتسىز گۈزەللىك ؛ ئىككىنچىسى، سەلتەنەتسىز ھەيۋە - قۇدرەت ؛ ئۈچۈنچىسى ، مېھنەتسىز ئىبادەت ؛ تۆتىنچىسى ، سېپىلسىز قورغان ؛ بەشىنچىسى ئۆزىردىن قۇتۇلۇش ؛ ئالتىنچىسى ، پەرىشتىدەك ئازادىلىق ؛ يەتتىنچىسى ئەيىپلەردىن خالىلىق . پادىشاھ نۇشېرىۋان ئادىلنىڭ ئۆز ۋەزرى بۇزۇلمھرىگە بەرگەن سوئاللىرى ۋە ئۇنۇڭ جاۋبى سوئال: ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك ؟ جاۋاپ: ئۆمۈرنى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك . سوئال: ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قايسى ؟ جاۋاپ: ئىلىم ئۈگىنىش . سوئال: قانداق نەتىجە بېرىدۇ ؟ جاۋاپ: كىچىك بولساڭ ئۇلۇغ (چوڭ) بولسەن ، كەمبەغەل بولساڭ باي بولىسەن . سوئال: توغرا يول نېمە بىلەن بىلىنىدۇ ؟ جاۋاپ: ئىلىم نۇرى بىلەن . سوئال: خۇدانىڭ رازىلىقىنى نېمە بىلەن تاپقىلى بولىدۇ ؟ جاۋاپ: ئاتا - ئانىنى خوش قىلىش بىلەن سوئال: كىم بىلەن مەسلەھەت قىلىش كېرەك ؟ جاۋاپ: دانالار بىلەن . سوئال: ياخشى ئادەمنى قانداق تونۇش مۈمكىن ؟ جاۋاپ: ئۈچ ئالامەت بار بۇلار : ئىلىم خۇمارلىقى ، سېخىلىقى ۋە ئوچۇق چىرايلىقى بىلەن . سوئال: ساخاۋەتنىڭ چېكى قانداق ؟ جاۋاپ: بار نەرسىنى بېرىش . سوئال: ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟ جاۋاپ: ھېكىملەر ۋە ئالىملارنىڭ مەجلىسىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن مەنپەئەت ئېلىش . سوئال: ئەڭ يامان ئىش نىمە ؟ جاۋاپ: تىلەمچىلىك . سوئال: ئارىف ( ئالىم ) دەپ قانداق ئادەمنى ئاتايدۇ ؟ جاۋاپ: ئۆزىنى باشقىلاردىن كەمتەر ۋە تۆۋەن دەپ بىلىدىغان ئادەمنى . سوئال: بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بولىدۇ ؟ جاۋاپ: ئالىملار ۋە پۇخرالار سۆھبىتىدىن . سوئال: مەرىپەتكە ئېرىشىش سەۋەپلىرى نىمە ؟ جاۋاپ: سەۋىر - تاقەت ۋە شۈكۈر . سوئال: دۇنيادا قانداق تۇرۇش كېرەك ؟ جاۋاپ: مۇساپىر ( بۇ يەردە مۇساپىر - يولۇچى ، ئۆتكۈنچى مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ) غا ئوخشاش ،مۇساپىر بىر سارايغا چۈشىدۇ ، بىر كىچە قونۇپ ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا كېتىدۇ . سوئال: مەنزىلگە قانداق يېتىشى كېرەك ؟ جاۋاپ: يەڭگىل يۈك بىلەن . سوئال: ئادەمنىڭ ياخشى - يامانلىقى قانداق بىلىنىدۇ ؟ جاۋاپ: قېرىغاندا ياشلىقتىكى چوڭلۇقنى بايان قىلىش ۋە كەمبەغەلچىلىكتە باي ۋاقىتتىكى ئىشىرتىنى سۆزلىشى بىلەن . سوئال: دوسنى قانداق چاغدا بىلگىلى بولىدۇ ؟ جاۋاپ: ھاجىتىڭ چۈشكەندە، دوستنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىش مۈمكىن . سوئال: قابىلىيەتسىز پەرزەنت نىمىگە ئوخشايدۇ ؟ جاۋاپ: ئوشۇق ئۆسكەن بارماققا ، كەسسەڭ ئاغرىيدۇ ، كەسمىسەڭ ئەيىپ ھېساپلىنىدۇ . سوئال: مۇھەببەت قانداق كۈچىيىدۇ ؟ جاۋاپ: ئەيىپنى يۇشۇرۇش بىلەن . سوئال: گۇناھنىڭ دۇئاسى نېمە ؟ جاۋاپ: توۋا قىلىش . سوئال: دۆلەت ئىگىسىگە قانداق ئىش قىلىش كىرەك ؟ جاۋاپ: مېھماندوسلۇق . سوئال: قانداق ئادەم بارغان يېرىدە باشقىلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ ؟ جاۋاپ: ئەدەپ - ئەخلاقلىق كىشى . سوئال: قانداق ئادەم يۈز ئەيىبى بولسىمۇ ، ئەيىپكە بۇيرۇلمايدۇ ؟ جاۋاپ: سېخىي ئادەم . سوئال: ئۇيقۇ ياخشىمۇ ياكى ئۇيقۇسىزلىقمۇ ؟ جاۋاپ: ھۇششارغا ئۇيقۇسىزلىق ، غاپىلغا ئۇيقۇ . سوئال: تېۋىپلار ئىلاج قىلىپ داۋالىيالمايدىغان كېسەللىك قايسى جاۋاپ: ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق . سوئال: ياشاشتىن ياخشىراق، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە نېمە ؟ جاۋاپ : ھاياتتىن ياخشىراق نەرسە - ياخشى نام؛ ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە - بەتنام . سوئال: ھەقىقى دوست قانداق بولىدۇ ؟ جاۋاپ: باشقىلار ئالدىدا ئەيبىڭنى ياپىدىغان ۋە ياخشى تەرەپلىرىڭنى ئېيتىدىغان كىشى سوئال: ئادەم قايسى ئىش بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ ؟ جاۋاپ: توغۇرلۇق ۋە ئوچۇق چىرايلىق بىلەن . سوئال: سادىق دوست قانداق بولىدۇ ؟ جاۋاپ: ياخشىلىق تەرەپتىن ساڭا يارىدەم بەرگەن ، يامانلىقتىن سېنى قايتۇرغان كىشى . سوئال: كۆڭۈلنى ئېلىش دېگەن نېمە ؟ جاۋاپ: ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش، كۆڭۈلنى تىندۇرۇش . سوئال: دوستۇڭ قابىلىيەتسىز كىشىگە ئايلانسا ، ئۇنۇڭدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك ؟ جاۋاپ: ئۇنۇڭ قىشىغا ئاز بېرىش ۋە ھالىنى سورىماسلىق بىلەن . سوئال: ئەقىللىق ئادەم قانداق بولىدۇ ؟ جاۋاپ: كۆپنى بىلىدۇ ۋە ئاز سۆزلەيدۇ . سوئال: ئادەم قانداق قىلغاندا تېۋىپقا مۇھتاج بولمايدۇ؟ جاۋاپ: ئاز يەپ ئاز ئۇخلىسا . سوئال: كىشىلەرنىڭ مېنى ياخشى كۆرىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك ؟ جاۋاپ: مۇئامىلىدە پەقەت راس گەپ قىل، يالغان سۆزلىمە ،بىرىگە بۇخالىپ كېلىدىغان ئىش قىلما ، قول ۋە تىلىڭ بىلەن باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمە . سوئال: جاھاندا ئەڭ بەخىتلىك ئادەم كىم ؟ جاۋاپ: ئۆزىنى ساخاۋەت ۋە توغۇرلىق بىلەن بېزىگەن ئادەم . سوئال: ياخشى دوستنىڭ بەلگىسى قانداق ؟ جاۋاپ: خاتالىقىڭنى كۆرگەندە پەندى - نەسىھەتنى ئايىمايدىغان كىشى . سوئال: قانداق ئادەمدىن بىرەر نەرسە سورىسا بولىدۇ ؟ . جاۋاپ: سورىساڭ بىرەلەيدىغان ، ئۆزۈڭ سوراشقا پىتىنالايدىغان كىشىدىن . سوئال: يېغىلىش سۆھبەت ئۈستىگە يات بىر ئادەم كېلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ جاۋاپ: ئۈچ ئىشنى قىلىش لازىم ، بۇلار : بىرىنچىسى ، كىرىپ كەلسە ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش؛ ئىككىنچىسى ،ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنۇڭغا يۈز تۇرانە قاراش ؛ ئۈچۈنچىسى ، ئۇ كىشى بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە سۆزلىسە ، سۆزىگە جاۋاپ بېرىش . سوئال: ئادەملەرنىڭ قانداقراقى بەختلىكرەك ؟ جاۋاپ: دۇنيادىكى زىدىيەتلەردىن خاپىلىق تاتمىغان ئادەم . سوئال: قانداق شېرىنلىكنىڭ ئاخىرى ئاچچىق ؟ جاۋاپ: باشلىقنىڭ . سوئال: قانداق پەسلىك ( تۆۋەنلىك ) ھەممە يۈكسەكلىكلەردىن يۈكسەكلىكرەك . جاۋاپ: كەمتەرلىك . شۇنۇڭ بىلەن نۇشېرۋاننىڭ سوئاللىرى ۋە ۋەزىرى بۇزۇلمىھرىنىڭ جاۋاپلىرى ئاخىرلاشتى . پايدىلىق سۆز كۆپچىلىكنىڭدۇر . جان دەپ تىڭشىساڭ ، سەن ئۈچۈن نۇردۇر .
مەنبە:قەلىب سەيناسى |