
تويغۇزدىغان ‹ تويلار ›
ئادا قىلماققا ئەجدادلىق بولۇپ تويلايدىغان تويلار،
باھاسى پۇتمەيىن قىزنىڭ، پەلەك بويلايدىغان تويلار.
قىز يالۋۇرسا قەغىشلەپ،ئانا چۇشسە ھېساباتقا،
ئۈزۈك،ھالقىسى ئالتۇندىن ئۇچۇپ سويلايدىغان تويلار.

ئەكەلسۇن مانچە چارەك دەپ گۇرۇچ،گۆش،ياغنى،كۆكتاتنى،
ساناپ بارماقنى بىر ــ بىرلەپ ئاتا ئويلايدىغان تويلار.

سېتىپ قىممەت باھالىق بىر ئېسىل بايلىق دىبان قىزنى،
ئۇنىڭدىن پايدا ئالغانغا كۆڭۇل ئوۋلايدىغان تويلار.

بىر ئۆيدە چېكەر ھەسرەت،ئوغۇل باققانغا ئاھ ـــ زارلاپ،
قۇرۇق قالدى قوتان مەرەپ قويى توۋلايدىغان تويلار.

پالان توي بولدى شۇنداق دەپ، كۆڭۇل بارمايدۇ ئاددىيغا،
ئاتالغان كاتتىلىق ‹ مودا › ئۇنى قوغلايدىغان تويلار.

قاچان رۇسلايدۇ بەل ئەمدى، ئوغۇلنىڭ ئائىلە قەۋمى،
ۋىسال باشلىغان سۇنى، بوغۇپ ـــ تۇغلايدىغان تويلار.

ــــــ قەلەم ـــــــ
تۇغدۇرۇپ
كۈندىن كۈنگە يىڭىدىن ئۆرپە-ئادەت تۇغدۇرۇپ،
نە قىلارمىز ئۆز ئارا، سۈنئى ئاپەت تۇغدۇرۇپ.
يوغان پوقاق ئۈستىگە ،يەنە سۆگەل چىققاندەك،
ئىسراپچىلىق دېگەنگە ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇپ.

توي كۆپەيدى بۇ كۈندە (بۆشۈك تويى، ئۆي تويى _
خەتنە توي ۋە ئات تويى...) كۆپ ھەشەمەت تۇغدۇرۇپ.
تۇغۇلغان كۈن،ئۆسكەن كۈن...تەبرىكلىنەر يۈزلەپ كۈن،
قىزارمىدى بۇ يۈزلەر خەج - تاپاۋەت تۇغدۇرۇپ .

ئەل ئۆمرىدە قىز - يىگىت توي قىلمامدۇ بىر قېتىم ،
رېستۇراندا كۈن ئۆتتى ، تويدىن بەرىكەت تۇغدۇرۇپ .
تېخى باردۇر ۋىچىركا،ئازنىلىق، ۋەناشتىلىق،
نەگە يەتتۇق ئويلايلى، مىڭ كارامەت تۇغدۇرۇپ .
قائىدە قوغلاپ چاي ئىچىپ، ئۆتەمدۇق ئەي يارەنلەر؟!،
باغاق بەرسەم كەلمىدى،داستىخىنى ئازئىكەن،
ئەلچىلىشىپ - ئاغرىنىپ ،ئۆچ - ئاداۋەت تۇغدۇرۇپ .
ئوغۇلغىمۇ خەتنە توي، قىز تۇغقانلار دەرد بولۇپ ،

پەيدا قىلدۇق گۈل چېيى، ئىجادىيەت تۇغدۇرۇپ.
قەرىز ئارتىپ پاتاڭغا،قولى قىسقا ئاتىلار- ،
ئانىلارنىڭ دىلىدا مىڭلاپ ھەسرەت تۇغدۇرۇپ .
ئەجدادلاردا بار ئىدى، ئېسىل - ئەخلاق ، ئەنئەنە،
بېرەمدۇق بىز جاۋابنى، شۇنداق ئىللەت تۇغدۇرۇپ!.
