بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 18:03
ھازىر گېزىتنى كىم ئوقۇيدۇ؟
ئابلىمىت سوپىھاجى «شىنجاڭ گېزىتى»(2012-12-19) ماقالىسى: پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرى سېھرىي كۈچىنى يوقاتتىمۇ؟ يېقىندا مەن قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكىلەردىن تەشكىللەنگەن يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى تەركىبىدە شەھەرگە قاراشلىق ئورۇنلارغا 2013-يىللىق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە باردىم. شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بىر بىنانىڭ 5-قەۋىتىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ مەقسىتىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ خۇشياقمىغان تەلەپپۇزدا: - ھازىر گېزىتنى كىم ئوقۇيدۇ؟،-دەپ سورىدى. - پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرى پارتىيەنىڭ تىلى، شۇڭا، ئاۋۋال سىزگە ئوخشاش رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇيدۇ-دە،-دېدىم چۈشەندۈرۈپ. - قىزىقكەنسىز ئۇكام، ھازىر قايسى دەۋر؟ ئەتىگەندە كېلىپ كومپيۇتېرنى ئاچساقلا، جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولىدىغان تۇرساق، يەنە بىرمۇنچە مەبلەغنى ئىسراپ قىلىپ گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولامدۇق؟ - مۇشۇ گېپىڭىزدىن تەشۋىقاتقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېر دېگەن ھەممە كىشىنىڭ ئۆيىدە يوق، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى، ياخشى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى يەنىلا گېزىتتىن تاپالايسىز، جىددىي لازىم بولغاندا كومپيۇتېرمۇ ئەسقاتماسمىكىن. گېزىت-ژۇرنال دېگەن ئېلىپ يۈرۈشكە، ساقلاپ قويۇشقا ئەپلىك بولغاچقا، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى بار. ھازىر پارتىيە-ھۆكۈمەت پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى ئاممىغا، جەمئىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، گېزىتخانىلارمۇ گېزىت بەتلىرىنى كۆركەملەشتۈرۈپ، ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرماقتا، شۇڭا، خىزمىتىمىزنى قوللىغان بولسىڭىز، دېدىم مەن چۈشەندۈرۈپ. - بولدى، بولدى. سىزگە گەپتە تەڭ كېلەلمىگۈدەكمەن. مالىيە بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي، كادىرلارنىڭ ھەپتىدە بىر كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي ئۆگىنىشى ئۈچۈن بىر سان گېزىتكە يېزىلىپ قويسۇن، گېزىت-ژۇرنالغا جىق مۇشتەرى بولالمايمىز. سەۋەبى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ كۆپى سىرتتا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتى يوق،-ئىدارە باشلىقى بىزنى ئىشخانىسىدا قويۇپ تاماكىسىنى چەككىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى. بىز بۇ ئەھۋالنى رەھبەرلىككە ئىنكاس قىلايلى، دېيىشىپ قايتىپ چىقتۇق. پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملار، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە. پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز مۇخبىر، مۇھەررىر، بەتچىك، كوررېكتورلارنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى، ھەممە شېرىن ئۇيقۇدا ياتقاندا باسما ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلىشى، پوچتالىيونلارنىڭ ئىسسىق-سوغۇق، قار-يامغۇر دېمەي يەتكۈزۈپ بېرىشى نەتىجىسىدە قولىمىزغا يېتىپ كېلىدىغان مۇھىم تەشۋىقات ۋاسىتىسى. ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدارلىق خادىملارنى سەپلەپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاپ، ئۇنى كادىرلار ۋە ئامما ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلدۇرماقتا. يەنە مەخسۇس ‹‹دېھقانلار گېزىتى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى گېزىتى›› قاتارلىقلارنى دېھقان-چارۋىچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ ۋە يېزا-كەنت مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى، ‹‹دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى››، ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى›› ئارقىلىق چەت-يىراق رايونلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى توپلاش خىزمىتىنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىيغا، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ‹‹ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى››نىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كاپالىتىگە ئىگە قىلماقتا. لېكىن، بىر قىسىم ئورۇنلار پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش خىزمىتىگە سەل قاراپ، بۇنى ئارتۇقچە يۈك دەپ قارايدىغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار چۈشۈرگەن مۇشتەرى بولۇش ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلىرىنى ئورۇنلاشقا سەۋەب كۆرسىتىپ، پاسسىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋاللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانماقتا. ئۇلار بىر يىلدا مېھمان كۈتۈۋېلىش، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى ۋە پىكاپ يېڭىلاش، رېمونت قىلدۇرۇشقا نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىم قىلىشقا رازىكى، ھېلىقى ئىدارە باشلىقىدەك پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇشنى خالىمايدۇ ياكى سوغوق مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم، سىياسىيغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردىم دەيدۇ. ئەمما، پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇشتا سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمايۋاتىدۇ. ياشلىرىمىز ئويۇن-تاماشاغا نەچچە پۇل كەتسە رازىكى، بىر پارچە گېزىتكە يېزىلىپ سەۋىيەمنى ئۆستۈرەي دېمەيدۇ. يېقىندا خېلى نامى بار بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى مەندەك بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ ئىككى-ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىرەر پارچە گېزىت-ژۇرنالغا يېزىلدىڭمۇ دەپ سورىسام، ئۇ ئۆزىنىڭ بەك ئالدىراشلىقىنى، گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. يېقىندا بىر گېزىتتىن مەلۇم ناھىيەدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆز يېنىدىن 1100 يۈەن چىقىرىپ، ئون نەچچە خىل گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولغانلىق خەۋىرىنى ئوقۇدۇم. يېقىندا ئۈرۈمچىگە خىزمەت بىلەن بېرىپ، دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ئىلگىرى ۋارقىراپ تۇرۇپ پايپاق ساتىدىغان ياشلارنىڭ ئازىيىپ، گېزىت ساتىدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىدىن خەلقىمىزنىڭ گېزىتنىڭ قەدىرىگە يېتىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. دۇكانلاردىمۇ ئىلگىرى خېرىدار بولمىسىلا ئىككى-ئۈچى بىر يەرگە يىغىلىپ قارتا ئوينايدىغانلارنىڭ ئورنىنى خېرىدار كۈتكەچ گېزىت-ژۇرنال ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىگىلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ. بىز تېلېۋىزوردىن ئامېرىكا، تۈركىيە، كورىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلغاچ گېزىت كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. گەرچە ئىنتېرنېت تورى ئومۇملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىلا تار، ھەممە كىشىنىڭ ئۆيىدە كومپيۇتېر ۋە تور يوق، بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا گېزىت-ژۇرنالغا ئوخشاش ئېلىپ يۈرۈشكە، ساقلاشقا ئەپلىك ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلار ئاز. بىلىم ئىگىلەيمىز، ئەتراپىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولىمىز دەيدىكەنمىز، يەنىلا گېزىت-ژۇرناللاردىن ئايرىلالمايمىز، گېزىت-ژۇرناللار خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئۇللۇق ئورنىنى ساقلاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى، يېزا-قىشلاقلاردىكى بېيىش ماھىرلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، پەن-تېخنىكا بىلىملىرى، ياخشى ئىش-ياخشى ھەرىكەتلەر ۋە ئەدەپ-ئەخلاق بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ★★★★★
مەنبە:ئىزدىنىش تورى |