پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 2

خانىم - قىزلار ئۆمرىدە خاتا باسسا بولمايدىغان 16 قەدەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2510

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
371 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1185 سەر
شۆھرەت
273 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 17:45:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           خانىم - قىزلار ئۆمرىدە خاتا باسسا بولمايدىغان 16 قەدەم
18 ياشتىن 28 ياشقىچە :
  1. كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ، كۆپ تەپەككۇر قىلىڭ. ئېرىڭىز پەقەت تۇرمۇشىڭىزنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىلىم سەۋىيىڭىز بولسا تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
  2. تىرىشىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈڭ، ئەڭ ياخشىسى داڭلىق مەكتەپلەر بولسۇن. مۇھەببەتلىشىشنى، بولۇپمۇ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرىدىغان بارلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.
  3. چىرايلىق ھەم يارىشىملىق ياسىنىپ يۈرۈڭ. كۆپلىگەن خانىم - قىزلار ئۆمرىدە بىر قېتىم ئوتلۇق مۇھەببەتكە نائىل بولۇشقا مۇھتاج، ئەمما، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھېسسىيات ئىممونىتىنىڭ بالدۇر كېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ.
  4. ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمىسىڭىز، شارائىتىڭىز يار بەرسە، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ بالىڭىزنى بېقىپ بەرگۈدەك ھالى بار چاغدا ياتلىق بولىۋېلىڭ.

28 ياشتىن 38 ياشقىچە
  5. ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ئوقۇپ تۇرۇڭ، بۇنىڭ ئىچىدە مودا قوغلىشىدىغان ئەسەرلەر 40 % دىن ئېشىپ كەتمىسۇن.  چۈنكى سىز چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، گەرچە ئۆزىڭىز ياش ئەمەسلىكىڭىزگە تەن بەرگۈڭىز كەلمىسىمۇ.
  6. توي قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، لېكىن رايىڭىز يوق توينى قىلماڭ. لايىقنى خاتا تاللاپ قويۇشنىڭ ئازابى توي قىلماسلىقتىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا - ئانىڭىزنى دەپ توي قىلغان بولسىڭىز ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ.
  7. بىر قانچە سىرداش قىز - ئوغۇل دوستلىرىڭىز بولسا، قىز دوستىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى چۈشىنىۋالالايسىز ھەمدە ئۆزىڭىزنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، ئوغۇل دوستىڭىز ئارقىلىق ئەرلەرنى ۋە جەمئىيەتنى چۈشېنىۋالالاىسىز. ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز مۇھەببىتىڭىزگە ئايلانغاندا، مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە خۇراپى كىشىلەرنىڭ سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن ئاغرىنماڭ. ھۇشيار ئاياللار نېمىنى قىلىپ نېمىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىدۇ. پىرىنسىپسىز ئاخكۆڭۈللۈك ۋە ئەركىلىك سەۋەبىدىن سىز تاشلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
  8. 25 ياشتىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ قالسىڭىز، ئەگەر توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز يىگىتىڭىزدىن ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كەتمەڭ، ياش چوڭايغانسىرى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كەتكىلى بولىدۇ، 3 - شەخس بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خۇشاللىقى ۋە غەم - قايغۇسى بولىدۇ، ئەگەر توي قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىڭىز بۇ ھەقتە بەك باش قاتۇرۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  9. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز كىمنىڭ كۆپ بەدەل تۆلىشىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ، كۆيۈمچان ، ياخشى خوتۇن بولۇشقا تىرىشىڭ. بارلىقىنى بېغىشلاشقا ئەرزىگۈدەك بىر ئادەمنىڭ بولىشىمۇ بىر بەخت. ئەگەر بۇنداق ئادەمگە يولۇقمىغان بولسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىزنى بىلسىڭىز، يەنە ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولسىڭىزلا كۇپايە.
  10. 28  ياشتىن كېيىن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەڭ. بۇ ئەڭ چارچايدىغان ئىش، ياخشى خوتۇن بولۇش بىلەن بىرگە ياخشى خىزمەتچى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر شەرەپلىك ھالدا ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئادەم بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئورۇقلىشىڭىزنىڭ ھاقىتى يوق. ئەلۋەتتە ھەممىلا ئايالنىڭ خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇنچىۋالا ئۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن، بىراق ھېچبولمىغاندا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز لازىم.
  11. ئۆي سېتىۋېلىڭ. يا ئۆزىڭىز ئولتۇرارسىز ياكى ئىجارىگە بېرەرسىز. پۇرسەت بولسا چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلسىڭىز ھەم يەڭگىللەپ قالىسىز ھەم نەزەر دائىرىڭىز ئېچىلىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە ۋېلسىپىت مىنىپ كوچىلاردىكى يىگىتلەرنى تاماشا قىلسىڭىزمۇ ھېساپ، ياخشى كەيپىياتنى ئۆزىڭىز يارىتىشىڭىز كېرەك.
  12. خىزمىتىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن باشلىقىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ.
  13. ئىقتىسادتا ۋە ئىدىيەدە مۇستەقىل بولۇڭ، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئەرگە تىگىپ، بېسىم بولمىغان ھالەتتە ياشاڭ.  

38 ياشتىن كېيىن
  14. ياشلىقتىكى ھېس - تۇيغۇلارنى تېپىش تەس. ئەتراپتىكى ياشلارغا قاراپ ھەۋەس قىلىشتىن باشقا چارىڭىز يوق. بۇ چاغدا سالاپەت ئىنتايىن مۇھىم، سالاپەت ئىچكى ساپادىن ئايرىلالمايدۇ، ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلىرىڭىزغا ۋە ئالغا ئىگىرلەش جەريانىدىكى ئۆزىڭىزنى تونۇشىڭىزغا، شۇنداقلا تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ.
  15. ئۆزىڭىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسۇن. بۇ چوقۇم شىركەت ياكى سودا بولىشى ناتايىن، تۇرمۇشىڭىزنى بېيىتالايدىغان ھەمدە باشقىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىش بولسىلا كۇپايە.
  16. ئەگەر سىز داڭلىق جامائەت ئەربابى بولمىسىڭىزلا، جىنىس ئالاھىدىلىك پەرقى بارغانسىرى سۇسلىشىپ بارىدۇ، بۇ چاغدا يات جىنىسلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەركىن ۋە بىخەتەر بىر تەرەپ قىلالايسىز.

مەنبە : « تەرمىلەر » ژۇرنىلى 2010 - يىللىق 5- سانى  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 19:27:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىرىمىز ئۈچۈن ناھايتى ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەر ئىكەن  . رەھمەت سىزگە .

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 01:27:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا كىرىپ  قاپتىمەن .
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:23, Processed in 0.383137 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش