پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرلاردىكى نەسەبنامە ۋە ئائىلە شەجەرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2510

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
371 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1185 سەر
شۆھرەت
273 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 17:29:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسەبنامە -مەلۇم بىر جەمەتنىڭ ئائىلە خاتىرىسدىن ئىبارەت .جۈملىدىن مەلۇم بىر ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ قان -قېرىنداشلىق يىلتىزى ۋە مۇناسىۋىتى خاتىرلەنگەن جەمەت تارىخى دىگەنلىكتۇر.نەسەب دېگەن سوز ئەرەبچە سوز بولۇپ «تۇققان،قانداشلىق، قان قېرىنداش »دېگەن مەنىگە ئىگە .قەدىمقى جەمەت نەسەبنامىلىرىنىڭ بارلىقققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۇرۇق ياكى جەمەت مۇناسىۋىتىگە ئېتىۋار بەرگەنلىگىنىڭ نەتىجىسى ئىدى .جەمەت نەسەبنامىسى ئەسلىدە قەدىمقى دەۋرلەردىكى چوڭ ئۇرۇقلار ياكى ئاقسۇڭەكلەر ئۇرۇقلىرىنىڭ قانداشلىق خاتىرىسى بۇلۇپ ، بۇ ھەممە مىللەتنىڭ دېگۇدەك مەۋجۇت بولغان ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئائىلە جەمەتلىرىدە بىردەك ئۇمۇملاشمىغان ھادىسىدۇر .ئەمما كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە مەيلى چوڭ ياكى كىچىك جەمەتلەر بولسۇن ھەممىسىدە دىگۇدەك نەسەبنامە تۇزۇپ ساقلايدىغان ھەمدە ئۇنى ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلگەن.قەدىمقى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-3ئەسىرلەر ئىلگىرىلا تىبەت ۋە قارۇشتى يېزىقلىرىدا ئۆز نەسەبنامىلىرىنى قالدۇرغانلىغى مەلۇم .ئۇندىن باشقا ئۇرخۇن يىنىسەي مەڭگۇ تاشلىرى نەسەبنامىنىڭ خاراكتىرى ئېتىۋارى بىلەن ئۇيغۇر خانلىغى ۋە كوكتۇرۇك خانلىغىنى خان جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسى ھىساپلىنىدۇ .ياۋرۇپا مىللەتلىرى ۋە خەزۇلاردا بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان ئەنئەنە ھىساپلىنىدۇ .بۇ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئەجدادى ۋە يىلتىزىنى تېپىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدىنيىيىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنىدۇر .
16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلاردا تەزكىرىچىلىك شەكىللىنىپ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدىنيىتىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ۋە جەمەتلەرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى خاتىرلەنگەن تەزكىرىچىلىك بارلىققا كەلدى.مەسىلەن:«بۇغراخانلار تەزكىرىسى،ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى»قاتارلىقلار.تېخىمۇ جانلىق دەلىلى ھازىر قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تارىخى 500يىلغا يېتىدىغان، ئادەم سانى 1000دىن ئاشىدىغان مۇكەممەل كۇرۇنۇشلۇك نەسەبنامەنىڭ ساقلانغانلىغى مەلۇم.دېمەك :بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەزەلدىن نەسەبنامە تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسىنىڭ بارلىغىنى كېسىپ ئېيتالايمىز.شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرەلەيمىزكى ھازىرمۇ تارىخ ئېڭى ۋە ئۆزلۇك ئېڭى كۇچلۇك ئۆز ئائىلىسى تارىخنى ئۆز مىللىتى تارىخنىڭ بىر قىسمى دەپ ھىساپلايدىغان نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۇشىنى كەلگۇسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۇچلۇك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھېلى ھەم داۋاملاشماقتا .1996-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى»ژورنىلى «مېنىڭ يىلتىزىم »ناملىق سەھىپە ئېچىپ بۇ ساھەدە غۇنچىلارغا ئۆز نەسەبىنى بىلىشكە ۋە تۇرغۇزۇۋېلىشقا رىغبەت بەردى...بۇ بىر ياخشى ئىش بولدى .«تارىم غۇنچىلىرى»ژورنىلىنىڭ 97-يىل 12-سانىدا نەسەبنامە تۇزۇشنىڭ بىر قانچە ئىسخېمىسى بېسىلدى .نەسەبنامە تۇزۇش،شۇ ئارقىلىق ئەجداد-ئەۋلاد زەنجىرىنى ھاسىل قىلىش،نۆۋەتتكى ئۆزلۇك ئېڭىنىڭ كۇچۇيىشى،تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغۇنىشى،كەلگۇسى ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ جانلىق بىر تەرىپى ۋە ئىپادىسى بولۇپ قالدى .
نەسەبنامە يېزىشنىڭ تەرتىۋى ۋە مەزمۇننى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
1-مۇقەددىمە 2-شۇ جەمەت ياكى ئائىلىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش.3-جەمەت شەجەرىسى 4-نەسەبنامە جەدۋىلى 5-جەمەتتىكى چوڭ ۋەقەلەر خاتىرىسى 6-شۇ جەمەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش ماكانى ۋە كۇچۇش ئەھۋالى 7-شۇ جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاچان،قايەردە ۋاپات بولغانلىغى،قەبرە ئورنى 8-شۇ جەمەتتىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ توھپىلىرى.نەسەبنامەنى خۇددى بىر توپ دەرەخكە ئوخشۇتۇشقا بولىدۇ.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نەسەبنامە تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى داۋاملىشى كېرەك ......... سىز بۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟

مەنبە:ئەنۋەر سوفىت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 01:44:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدىكى نەسەپنامە تۇزۇش سىخىمىسى دىگەن نەرسە بولسا يوللاپ قويسىڭىز قانداق ؟ بىزمۇ پايدىلانساق ؟
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:18, Processed in 0.147608 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش