پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 0

يېڭى ئىرا يۇمشاق دىتالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
2 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
1 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 06:47:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار . مەن بايقاش تورغا يېڭىدىن قۇشۇلغان تورداش بۇلۇش سۈپتىم بىلەن سىلەرگە بىر لوغەتنى تەۋسىيە قىلغىلى كەلدىم . تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ كۈرۈپ پىكىر تەكلىپ بىرشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.6 ھەققىدە
مەزكۇر لۇغەت ھەققىدە توردا تۇنجى دوكىلات بېرىلگەندىن كېيىن ،لۇغەتكە ئىشلىتىلگەن ئىزدەش تېخنىكىسى-YIndex تېخنىكىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى قەدەمدە لۇغەتنىڭ 1.0 سىناق نەشىرى ۋە 2.0 رەسمى نەشىرى تارقىتىلدى ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى،مەدەت بېرىشى ۋە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىش نەتىجىسىدە مانا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن،ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن 2.5 رەسمىي نەشىرىمۇ پۈتتى،بۇ نۇسخىسىدا YIndex تېخنىكىسى ئاساسەن مۇكەممەللەشتى.
1)ئۇنداقتا YIndex دېگەن نېمە؟
ج؛ YIndex بولسا مەركىزىمىز بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ چىققان ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى.
2) ئۇنداقتا YIndex نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
ج؛بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ ئۇچۇر ئىزدىگەندە ئىزدەش سۈرئىتى پەۋقۇلاددە تېز بولۇپ نەچچە مېلىىيون سۆزلۈكتىن سىناق قىلىپ ئىزدەتكەندە،ئىزدەشنى تاماملىغان ۋاقىت دەقىقە ئىچىدە بولغان،سىكۇنتقىمۇ يەتمىگەن، لاھىيلىنىشتىلا كۆپ سۇپىلىقنى، بىخەتەرلىكنى،ئۇنۋېرساللىقنى ئاساسى نىشان قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا بۇ تېخنىكا Mac ,Linux,Windos قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە بەزى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
قوش قاتلاملىق شىفىرلىق پىرىسلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا ئىندېكىسلانغان سۆزلۈكنىڭ بىخىتەرلىكى مۇتلەق بىخەتەر،ئارقىغان ياندۈرۈپ سۆزلۈككە ئېرىشىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەم ئىندېكىسلانغاندىن كېيىنكى ئامبارنىڭ سىغىمى كىچىك مۇشۇ لۇغەتتىكى 70 مىڭ سۆزلۈكنىڭ ئىندېلىسلانغاندىن كېيىنكى سىغىمى 2 mb غىمۇ بارمايدۇ.
خەلىقئارالىق يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا دۇنيادىكى ھەرقانداق يېزىققا ماس كېلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ياردەم ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ.
لۇغەت سۈرەت،رەسىم ۋە ئاۋاز بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنۋېرسال لۇغەت بولۇپ،بۇ نۇسخىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا بۇرۇنقى نۇسخىسىدا ساقلانغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى،ھەم ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىدىكى ئىندېسكىلاپ ساقلانغان سۆزلۈك 72 مىڭغا يەتكۈزۈلدى(20 مىڭدەك سۆزلۈك قوشۇلدى)،مۇشۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى تولۇقلاشقا قاتناشقان دوستلارغا لۇغەتنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋاتقان ،كەڭ تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر لۇغەتنى سىناش خىزمىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ نۇسخىسىدىكى ئىزدەش ئۇسۇلى ئالدىنقى نەشىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى لېكىن يەنىلا بەزى نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ سىناپ مەسىلىلەر بولسا ئۇقتۇرۇپ قويىشىنى،پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.لۇغەتنىڭ بۇ نەشىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى ئۇيغۇرچە.خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە 3خىل تىللىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،تەمىنلەنگەن تىل ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تىل قوشۇشقا بولىدۇ.
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بۇرۇنقى نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىقتىدارى مۇكەممەلشتۈرۈلگەن بولۇپ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك:

بۇ نەشىرىدە ئىزدەش ئىقتىدارى بارلىق تاللانغان ئامباردىن،ئامبار بېكىتىشتىن بېكىتكەن تەرتىپ بويىچە ئىزدەيدىغان قىلىپ لاھىيلەندى،تۆۋەندىكى چۈشۈرۈلمىدىكى EraDict2.5.exe بولسا لۇغەت پروگىراممىسى، لۇغەت پىروگىراممىسنى بىر قېتىم قوزغىتىۋەتسىڭزى لۇغەت لۇغەت تۇنجى قوزغالغالغاندا ئۆزىگە كېرەكلىك مۇندەرىجىنى تەييار قىلىدۇ ھەم خەت نۇسخىسىنى قاچىلايدۇ شۇڭا بەزى ۋىروسخورلار تۇسۇپ بېقىشى مۇمكىن تۆۋەندىكىدەك؛

لېكىن دېتالدا ۋىروس يوق سىز ۋىروسخوردىن  بىلەن  ماۋۇ ئىككى تاللانمىنى تاللاپ (ۋىروسخورغا تونۇتۇپ)جەزىملەشنى بېسىپ خاتېرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلى بىر كۆرىۋېتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
بۇلۇغەتنىڭ تور نۇسخىسى ۋە ئاندروئىد نۇسخىسى تاماملاندى(مۇلازىمىتېر ھازىرلىنىپ بىللە تارقىتىلىدۇ)،كېيىنىكى قەدەمدە ئاللا خالىسا ئايفون نۇسخىسى ۋە Windows Mobile نۇسخىسى ،linux ,ئالما نۇسخىسى ياسىلىدۇ.
2.3 نۇسخىسىدا؛ ئىزدىگەن سۆزنى ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى،قۇراللار تېزىملىكىگە "لۇغىتىم" قۇرالى قوشۇلدى،سىز بۇ قورال ئارقىلىڭ سىزدە بار بولغان mdb(ئېكسېس) ساندانىدىن ئىزدەش مەشغۇلاتى قىلالايسىز.يەنى ئەگەر بۇ ساندان لۇغەت ئامبىرى بولسا سىز بۇ قۇرال بىر لۇغەت بولىدۇ.
2.4 نۇسخىسىدا؛ "تەھرىرلەش" قورالىغا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنى ئۆز-ئارا ئامبارسىز ئايلاندۇرۇش(سىناق نۇسخا) قوشۇلدى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى يۇشۇرۇن ھالەتتىن ئەسلىگە قايتىشقا CTrl+Y تېزلەتمە كۇنۇپكىسى قوشۇلدى ۋە ھەقسىز ئامبار ئىندېكىسلاپ ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى،ھەقلىق ئامبار ئىندىكىسلاش ئىقتىدارى سىز لۇغەتنى تېزىملاتقاندىن كېيىن ئېچىلىدۇ،ئامبار بەك چوڭ بولسا ئىندېكىسلىغاندا خاتالىق كۆرۈلىشى مۇمكىن،ئەگەر خالىسىڭىز ئامبارنى بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز بىز مەخسۇس قورال ئارقىلىق ئىندېكىسلاپ بەرسەك بولىدۇ.
2.5 نۇسخىسىدا؛"تەھرىرلەش" قورالىدىكى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنى ئۆز-ئارا ئامبارسىز ئايلاندۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە بەزى كىچىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى،كېيىن لۇغەت ئىسىمى "ھەممىباب" دەپ ئۆزگەرتىلدى.
2.5 نۇسخىسىدا؛
10-ئاينىڭ 24-كۈنى يېڭىلاپ تارقىتىلغان نۇسخىسىدا؛1)ھەقسىز ئامبارنى 1 كۈن سىناق ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى.2)ئىزدىگەن سۆزگە ماس نەتىجە بەك ئاز بولغاندا سۆزنى تاللانغان ئامباردىن ئوخشاشلىقى بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى،سۆز ئىزدەش جەريانىدا سىز ئىزدىگەن سۆزگە ماس نەتىجىنى تېپىپ بېرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە بۇ ئىقتىدارنى ئېچىۋېتىڭ(تەڭشەكتىن تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ).3) VIP ئىقتىدارىدىكى بەزى خاتالىقلار ۋە تورداشلا مەلۇم قىلغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزۈتۈلدى.
2.6 نۇسخىسىدا؛"تەڭشەش" قىسىمىغا ئېكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىشنى تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلۇپ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
"ھەققىدە" نى باسسىڭىز لۇغەت سىز ئىشلىتىۋاتقان لۇغەتنىڭ تارقىتىلغان ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،شۇ يەردىن ھازىر توردىكى تارقىتىلغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئەڭ يېڭى ،ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
(بۇ نەشىرى 2012-يىلى11–ئاينىڭ 20–كۈنى تۈزىتىلىپ قايتا تارقىتىلدى،بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ھازىرقىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار)
تۆۋەندىكى لۇغەت قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ لۇغەتنى قايتا قوزغاتسىڭىز ئېكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش،ip ئىزدەش ۋە xp شارائىتىدا خەنزۇچىنى قولدا يېزىپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.

(2012-يىلى4–ئاينىڭ 8–كۈنى تۈزىتىلىپ قايتا تارقىتىلدى)
چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك تۈرنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.(قاچىلىغاندا ۋىروسخور توسىشى مۇمكىن، بۇ چاغدىمۇ يۇقارقىدەك ۋىروسخورغا تونۇتۇپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ)
ھازىغىچە ئىندېكىسلاپ تەييارلانغان سۆزلۈك ئامبىرى:
1)ئەرەبچە -ئۇيغۇرچە
2)خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە
3)ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە
4)ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
5)ئەرەبچە ئىزاھاتلىق لۇغەت
6)ياپونچە خەنزۇچە لۇغەت
7) روسچە-خەنزۇچە لۇغەت
8)ئېنگېلىزچە -خەنزۇچە لۇغەت
يۇقارقىللىرى تولۇق ئىندېكىسلىنىپ بولغان سۆزلۈك بولۇپ لۇغەتكە قوشۇپ ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتتى.
يەنە 30 نەچچە يۆلىنىشتىكى سۆزلۈك ئامبىرى تەييار بولغان بولۇپ ئىندېكىسلىنىشنى كۈتمەكتە.
ئۇندىن باشقا قولىدا سۆزلۈك ئامبىرى بار،لۇغەت ياساش ئارزۇسى بار لېكىن تېخنىكا جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان تورداشلار بولسا،لۇغەتنى تىزىملاتسىلا(ھەقلىق) ئۆزىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى لۇغەتتىن پايدىلىنىپ ئىندېكىسلاپ ئۆزىنىڭ نامىدا ھەقلىق ياكى ھەقسىز تارقىتالايدۇ.ھەقلىق تارقاتقان بولسا ئىشلەتكۈچى تېزىملاش نومۇرىنى شۇ سۆزلۈك ئامبىرنىڭ ئەسلى ئىگىسىدىن ئالىدۇ،مۇشۇنداق ئارزۇسى بار تورداشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:خاتالىق بولسا ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ،تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا ۋاقتىدا تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ دېتال باشقا تور بەتلەردە تارقىتىلسا چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگەرتىلمىسە(بىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقتىنلا چۈشۈرسە) ھەم سۆزلۈك ئامبىرى ئايرىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمىسە.
ھازىر چاغاتايچە ئۇيغۇرچە ئامبار تەييارلانماقچى، چاغاتايچە ئۇيغۇرچە لۇغەتنى توردا ھەمكەرلىشىپ تولۇقلاپ،پۈتكەندە ھەمكارلىققا قاتناشقانلار ئورتاق ھەقسىز پايدىلانساق، 20 ئادەم بولسا تەڭ بۆلۈپ ئىشلىسەك،ھازىر 8 ئادەم قوشۇلدى.
قاتنىشىشنى خالايدىغانلار چ چ؛1843791748 نى hamkarliq دەپ قوشۇۋالساڭلار بولىدۇ.بىز خام ماتېرىيال ۋە سۆزلۈك تەييارلاش قورالىنى تەمىنلەپ بېرىمىز.
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)

2012–11–20–كۈنى

چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.newera.cc/show.asp?id=261
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:38, Processed in 0.262273 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش