مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 0

قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىن قىسقىچە خۇلاسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

6

دوست

2844

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
732 سەر
تىللا
217 دانە
تۆھپە
496 سەر
شۆھرەت
428 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 10:21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىن قىسقىچە خۇلاسە
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «6-بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش،مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»خىزمىتىدىن دوكىلات
]小学“六五普法”依法治校、法制进学校工作报告

مەن ئالدى بىلەن مەكتىۋىمىزدىكى 51نەپەر ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە 897نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ۋاكالىتەن مەكتىۋىمىزنىڭ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۇرۇپ، يىتەكچىلىك قىلىشقا كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ مەكتىۋىمىزگە كەلگەنلىكىنى، خىزمەتلىرىمىزنى تەكشۇرۇپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى، يىتەكچىلىك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىغىمنى بىلدۇرىمەن.
1. ئومۇمى ئەھۋال
مەكتىۋىمىز ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان پۇتۇن كۇنلۇك تۇزۇمدىكى نوختۇلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ بۇلۇپ،قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇتقۇچى ئوبىكتىلار 51نەپەر، ئوقۇغۇچى ئوبىكتىلار 897نەپەر بۇلۇپ، جەمىئى ئوبىكتى 948نەپەر.
مەكتىۋىمىز يۇقىرىنىڭ «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى ھوججەتلىرىنىڭ روھى ، شۇنداقلا، ناھىيىلىك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋە ناھىيىلىك مائارپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئەتراپلىق يىتەكچىلىك قىلىشى بويىچە مەكتىۋىمىزنىڭ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتىدە بىر قىسىم ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.
2. تەشكىلىي كاپالەت
تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۇچەيتىپ، « قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش»خىزمىتىنى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتىنىڭ كۇندىلىك خىزمەتلىرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدۇق.  مەكتىۋىمىزدە مەكتەپ مۇدىرى گۇرۇپپا مەسئۇللىقىنى ئۇستىگە ئالغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، يىلمۇ-يىل مۇكەممەللەشتۇرۇلۇپ، خىزمەت تەخسىماتى ئېنىق بەلگىلىنىپ، مەسئۇلىيەت كىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۇرۇلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپا تارمىغىدا مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمەت بۇلۇمىدە مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس خادىملار مەسئۇل قىلىندى. قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمەت نىشانى ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، كونكىرت خىزمەت تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.
ھەرقايسى سىنىپ ئىشخانىلار بىلەن قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپكە كىرگۇزۇش بويىچە يىلمۇ-يىل مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن ئوگىنىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى كۇچەيتتۇق. رەھبەرلىك گۇرۇپپا قەرەللىك ھالدا يىغىن ئېچىپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتىنى ئانالىز قىلىپ، قىيىن نوختا، قىزىق نوختىلارنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ ماڭدۇق. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلدۇق. ئادەم كۇچى، ماددى كۇچ ۋە مالىيە جەھەتتىن تۇلۇق كاپالەتلىك قىلدۇق.
مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى خادىملار ئالدىن باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئوگىنىش، قانۇن بويىچە ئىش كورۇش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قانۇن ئوگىنىش تۇزۇمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ھەر يىلى پىلان بويىچە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئوگىنىشكە كاپالەتلىك قىلدۇق. مەكتىۋىمىزگە نىسبەتەن چوڭ ئىشلارنى، مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئائىت تۇرلۇك تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە، مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتكەندە قانۇنى ئاساسى بۇلۇش، قانۇنغا ئۇيغۇن بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
3. تۇزۇم قۇرلۇشى
قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش خىزمىتى كۇچلۇك بولغان تۇزۇم قۇرۇلۇشى كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىلدى. مەكتىۋىمىز قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش بويىچە تۇرلۇك تۇزۇم ئورنۇتۇپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خىزمەت ئۇنۇمىنى ھەقىقى يۇقىرى كوتەردۇق. ئۇندىن باشقا مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان مەكتەپ نىزامنامىسىنى تۇزۇپ چىقىپ، دولىتىمىزنىڭ قانۇن-تۇزۇملىرىگە، سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولغان، مەكتەپ باشقۇرۇش،  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش، ئوقۇش سالاھىيىتىنى، بىخەتەرلىكنى، مالىيىنى، مال-مۇلۇك سېتىۋېلىش، ئاساسى قۇرۇلۇش، ئارقا سەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشقا ئائىت تۇرلۇك تۇزۇملەرنى ئورنۇتۇپ چىقىپ، ئىشچى، خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا قاراردىن ئوتكۇزۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئىلمى بولغان سېستىمىنى تەدرىجى شەكىللەندۇرۇپ، مەكتەپنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش سېستىمىسى، تەدبىر بەلگىلەش ئاپىراتلىرى ۋە خىزمەت تەرتىپى مۇكەممەل بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھوقۇق دائىرسى ئېنىق، تەشكىلىي قۇرۇلمىلار مۇۋاپىق، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ۋە ئىش ئورنى نىشانى قاتارلىقلار ھەمدە كونكىرىت بولغان خىزمەت تەلىپى، تەدبىرى ئوچۇق بەلگىلەنگەن، مۇكەممەل بولغان كېڭىشىش  پىرىنسىپى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى ئورنۇتۇلغان، چوڭ ۋە مۇھىم ئىشلارنى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتى كېڭىشىپ بىكىتىش تۇزۇمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتىمىز.
قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر چوڭ يىغىنى ئېچىلىپ، تۇرلۇك قائىدە-تۇزۇملەر، مەكتەپنىڭ پىلانى، نىشانى، خىزمەت خۇلاسىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىۋاتىدۇ.
تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان خىزمەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە زەخمىلىنىش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مىخاينىزىمى ھەمدە دوكلات قىلىش تۈزۈمى، ئالدىنى ئېلىش تۇزۇم-تەدبىرلىرى پۇختا ئورنىتىلدى.
4. قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقاتى
مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەر يىللىق، يېرىم يىللىق « قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش »خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈردۇق، يىللىق خىزمەت پىلانىنى ۋە باسقۇچلار بويىچە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمىلىيلەشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پىلان بويىچە قانات يايدۇردۇق.  تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ئوز ۋاختىدا خۇلاسىلاپ مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش بويىچە ئوگىنىش پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇپ، ئايدا بىر قانۇن ئوگىنىش، ئوگەنگەن قانۇنلاردىن تەسىرات يېزىشقا تەشكىللەش بىلەن، ھەر ھەپتىنىڭ جۇمە كۇنىدە بىر سائەت ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-تۇزۇم تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بەردۇق.
مەكتەپ كىچىك رادىئو پونكىتى، دەرىسخانا ئوقۇتۇشى، سىنىپ، ئەترەت يىغىنلىرىدا قانۇن بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى ئىزچىل كۇچەيتىش بىلەن بايراق ئاستىدىكى تەربىيە مەزمۇنلىرىدىمۇ ئوخشاشلا قانۇن تەشۋىقاتى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشۋىق- تەربىيە سالمىغىنى زورايتىتۇق. قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش ئاساسى تىما قىلىنغان مەڭگۇلۇك تەشۋىقات جازىسى ئورنۇتۇش بىلەن، ھەر يىلدا 2 قېتىم مەخسۇس تىمىدىكى سىنىپ يىغىنى، 4قېتىم رادىئو تەشۋىقاتى، كوپ قېتىم بايراق ئاستىدا تەربىيە، 2قېتىم سىنىپلار ئارا قانۇن ساۋاتلىرى بويىچە قارا تاختا گېزىتى ئىشلەش مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىنتايىن قۇيۇق بولغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش تەشۋىق- تەربىيە مۇھىتى شەكىللەندۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قانۇن-تۇزۇمگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار كورۇلمىدى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزىنى قوغداش ئېڭى تىرىشىپ يۇقىرى كوتىرىلدى.
مەكتىۋىمىزدە قانۇن-تۇزۇم تەربىيىسى پىلانلىق، تەشكىللىك، قەدەم- باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلدى. مەكتىۋىمىزنىڭ قانۇن-تۇزۇم مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە قانۇن-تۇزۇم تەربىيىچىسى، مەكتەپ مەسئۇللىرى بۇلۇپ ھەريىلى 8-10 قېتىم  قانۇن-تۇزۇم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەمىلى دىلو مىساللىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا كۇچلۇك ئىبرەت تەربىيىسى بېرىپ، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، شۇنداقلا، رەھىمسىزلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇخرالىرىنىڭ قانۇننىڭ ئىززەت-ھورمىتىنى قوغداش، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىغىنى ھەقىقى تۇنۇتتۇق.
ھەر يىللىق ئاساسى قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئوگىنىش تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق  قانات يايدۇرۇپ، سىنىپلاردا مەخسۇس تىمىدا سىنىپ يىغىنى بۇلۇش، مەخسۇس تىمىدا قارا تاختا گېزىتى ئىشلەش، قانۇن ئوگىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەريىللىق ئاساسى قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيىتى ۋە «4-ئوكتەبىر» قانۇن تەشۋىقاتى كۇنى پائالىيىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، شەكلى خىلمۇ-خىل، مەزمۇنى مول، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۇنۇم ھاسىل قىلدۇق.
قانۇننىڭ ئادىل ۋە مۇقەددەسلىكىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ ھامان جازاغا ئۇچرايدىغانلىغىنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى كۇچەيتىش، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە دولەتنىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىغىغا بولغان تەربىيەنى چۇڭقۇرلاشتۇردۇق.
5. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى
مەكتەپنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا تەدبىر بەلگىلەشتە ھەر يىلى ئېچىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۇزۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ دېمۇكىراتىك ھالدا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەمىلىيلەشتۇردۇق.
مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، مالىيەنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەل ئورنۇتۇپ بۇلۇپ،  مەكتەپنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى، مالىيە كىرىم-چىقىمىنى، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلىرىنى، ئۈنۋان باھالاش ۋە تەكلىپ قىلىش، ئىلغار، نەمۇنىچىلارنى باھالاش، ئىش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تۇرلۇك ئىشلارنى دەل ۋاختىدا ئاشكارىلىدۇق؛ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى، ھەق ئېلىش تۈرلىرى، ئۆلچىمى ۋە چارىسى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارغا، ئائىلە باشلىقلىرىغا، جەمئىيەتكە قەرەللىك ئاشكارىلاندى.
مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرى قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىشقا، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىدىغان، كەمسىتىدىغان، مەكتەپتىن قوغلايدىغان، يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىدىغان قىلمىشلار ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۇزىدىغان قىلمىشلارنىڭ يۇز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.
مەكتىۋىمىز مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، مەكتەپ،ئائىلە، جەمئىيەت بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيە تورى سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى كوپ ھاللاردا لىكسىيە شەكلىدە ئېلىپ باردۇق.
تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈررۈپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە نورمال تەرتىپىنى ياخشى قوغدىدۇق. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تۈزىشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئادەم تەربىيلەش مۇھىتنىڭ ساغلام بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق، تەشۋىق-تەربىيىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنغا ئىشىنىدىغان، دىنى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئەھۋالنىڭ كورۇلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى% 99.8 تىن يۇقىرى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ھەر يىلى مەكتىۋىمىزنىڭ دەرستىن سىرتقى ئەدىبى-سەنئەت، ئىنقىلاۋى ناخشا ئوقۇش، گىمناستىكا، نۇتۇق سوزلەش، زىھىن سىناش، ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پاائلىيەتلەرنى ئالدىن پىلانلاپ، ۋاختىدا ئەمىلىيلەشتۇرۇپ، مەكتەپ ئىچىنى قۇيۇق مەدىنىيەت تۇسىگە كىرگۇزدۇق، مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ساغلام، ئۆلچەملىك قانات يايدۇرىلىۋاتىدۇ.
مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەل ئورنۇتۇلغان بۇلۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يۇرەك سوزىنى مەكتەپ مەسئۇللىرىغا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قۇيالايدۇ. ئۇندىن باشقا مەكتىۋىمىزدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقانداق شەكىلدە، ھەرقانداق بىر ئۇسۇلدا جازالاش ئەھۋالى كورۇلمىدى. ئاساسى قانۇن، مائارپقا ئائىت تۇرلۇك قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى ئوگىنىشنى كۇچەيتىش بىلەن، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش، تەربىيلەش ھۇقۇقى، بىلىم ئاشۇرۇش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ھۇقۇقى، دەم ئېلىش ھۇقۇقى، ئىش ھەققىگە ۋاختىدا ئېرىشىش ھۇقۇقى، داۋالىنىش ھۇقۇقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ھۇقۇقى، كۇتۇنۇش ھۇقۇقى، مەكتەپ ۋە جەمىيەت تەرىپىدىن قوغدىلىش ھۇقۇقى تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا كويىنىدىغان، ئۇلارنى ئاسرايدىغان ياخشى مۇھىت شەكىللەندۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئوزگەرگەن تەن جازاسى بېرىدىغان، سىنىپتىن قوغلاپ چىقىرىدىغان، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان قىلمىشلارنىڭ يۇز بەرمەسلىكى تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارا قانۇن-تۇزۇمگە خىلاپ، سىياسەتكە يات تۈرلۈك ناتوغرا قىلمىشلار سادىر بولمىدى.
6. دېمۇكىراتىك نازارەت قىلىش
ئېنىق بولغان پارتىيە تەشكىلاتى يېتەكچىلىكىدىكى نازارەت قىلىش خىزمەت فونىكتىسىيىسى،كونكىرىت نازارەت قىلىش تەدبىرلىرى بىكىتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مالىيە، بوغالتىرلىق، مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش مېخاينىزىمى شەكىللەنگەن؛ مەكتىۋىمىزدە ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى قۇرۇلغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا ئائىلە باشلىقلىرى كوممۇتېتىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلغان ھالدا تۇرلۇك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ كىلىۋاتىمىز.
مەكتەپ مۇدىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەردە پايدىلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
دېمۇكىراتىك نازارەت قىلىش ئاپىراتلىرى مۇكەممەل، تولۇق ئورنىتىلغان، ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش چارىسى، تەرتىپى، نەتىنجىسى قاتارلىقلار تۇلۇق ئاشكارىلىنىپ، قەرەرلىك ھالدا ئائىلە باشلىقلىرىدىن، جەمىيەتتىن  مەكتەپنىڭ تۇرلۇك خىزمەتلىرىگە دائىر پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئېلىپ رەتلەپ، ۋاقىت بەلگىلەپ تۇزۇتۇپ تۇرلۇك خىزمەتلىرىمىزدە ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇردۇق.
ناھىيەلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى قەرەللىك تەكشۇرۇپ «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش» خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيىتىش بىلەن، مائارپ مەمۇرىي تارماقلىرى يىلدا مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ، ھەيدەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.
قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئىشخانىسى،  مەنىۋىي-مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، ئۈنۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ««قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ قانات يېيىش ئەھۋالىغا قارىتا سىناپ تەكشۈرۈپ، باھالاپ بۇنى مەنىۋىي-مەدەنىيلىك قۇرۇلىشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتى، تىنچ ئورۇن بەرپا قىلىش خىزمىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۇپ كەلدى.
مەكتىۋىمىز يۇقارقىدەك تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق «قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۇزۇش » خىزمىتىدە  ئەمىلى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۇچۇن ناھىيىلىك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى خىزمەتلىرىمىزنى كوزدىن كوچۇرۇپ، 2008-يىلى  8-ئايدا مەكتىۋىمىزگە «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنغان ئورۇن» دىگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. گەرچە خىزمەتلىرىمىزدە يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، خىزمەتلىرىمىزنى نوقسانسىز، تەلتۇكۇس بولدى دىيەلمەيمىز. رەھبەرلەرنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى تەكشۇرۇپ كورۇپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى، يىتەكچىلىك قىلىشىنى چىن كوڭلىمىزدىن ئۇمىد قىلىمىز. ئاخىردا تەكشۇرۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇلۇقلاپ ، يۇقىرىنىڭ كۇتكەن ئۇمىدىنى چۇقۇم ئاقلايدىغانلىغىمىزنى بىلدۇرىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:36, Processed in 0.170823 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش