كۆرۈش: 426|ئىنكاس: 0

ئاساسى قانۇننى تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيەت لايىھىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاساسى قانۇننى تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيەت لايىھىسى
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 9- قېتىملىق «ئاساسى قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار»نى تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيىتى لايىھەسى
小学第九个“宪法、法律宣传月”活动方案
مەكتىۋىمىز ناھىيىلىك  خەلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ [2012] 26-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» ۋە «قانۇن-نىزاملار»نى ئەستايىدىل ئوگۇنۇپ،  بۇ ھەقتىكى چۇشەنچىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن سەۋىيىسىنى يۇقىرى كوتىرىش ئۇچۇن مەكتىۋىمىزنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نى تەشۋىق قىلىش خىزمەت لايىھىسىنى توۋەندىكىچە تۇزۇپ چىقتۇق.
بۇ يىل 4- ئاي ئاپتونۇم رايونىنىڭ 9- بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تۇنجى قېتىملىق قانۇن ۋە قانۇن نىزاملار تەشۋىقات ئېيى بولۇپ،  پائالىيەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى -پارتىيەنىڭ 17-قۇرۇلتىيى، 6-ئومۇمى يىغىن ۋە مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ 6- ئومۇمى يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناھىيىلىك پارتىكوم 13- نۆۋەتلىك 11- قېتىملىق ئومۇمى ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى بىكىتكەن مەركىزى خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، قانۇن تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،خەلىق تۇرمۇشى قۇرلۇش يىلىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەر، مەمۇرلار ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتى، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىش مەسئۇلىيىتى،پۈتۈن نىيەت،پۈتۈن مەخسىتى بىلەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىيىن مەسىلىلرىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت
1›بۇ پائالىيەتنى تەلەپكە لايىق ئورۇنلاش ئۇچۇن مەكتىۋىمىزدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلدى.
گۇرۇپپا باشلىغى: ( پارتىيە ياچېكا شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى)
ئەزالىرى: (پارتىيە ياچېكا مۇئاۋىن شۇجىسى ،سىياسى خىزمەت بۇلۇم مۇدىرى)
(ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى، قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى مۇدىرى)
(پارتىيە قۇرلۇش ئىشخانىسى مۇدىرى)
( بىخەتەرلىك خىزمەت مۇدىرى)
(ئىلمى مۇدىر)
(باش ئەترەت تەربىيىچىسى)
( خوجۇلۇق ئىشخانا مۇدىرى ،مالىيە خادىمى)
2›پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:
‹1›ئاپتونۇم رايوننىڭ قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيە نىزامىنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈپ،ناھىيىمىزنىڭ 6- بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق نىزامنى تەشۋىق قىلىپ، يۇقىرى دولقۇن قوزغاپ، لوزۇنكا ئېسىش، شوئار چاپلاش،قارا دوسكا ئىشلەش ۋە قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىئو پونكىتى قاتارلىق ۋاستىللەردىن پايدىلىنىپ،نىزامنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز.
‹2›مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ،ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بىرىپ،ئىجتىماھى مۇقۇملۇقنى قوغداشنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نوقتىلىق ھالدائاساسى قانۇن، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى نىزامى، ئامانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى ، دۆلەت بايرىقى قانۇنى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى  پۇىرالار مەجبۇرى كۆچەت تىكىش نىزامنامىسى،خەلىق مۇرەسسە قانۇنى ،ئەرزىيەت نىزامى،مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى ، ئەمگەك قانۇنى، بىخەتەر يول يۈرۈش قانۇنى قاتارلىق قانۇن قائىدىلەرنى تەشۋىق قىلىش بىلەن،  شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى،مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ جان تومۇرى،شىنجاڭغا كېلىدىغان ئاساسى خەۋىپ مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەردىن كېلىدۇ قاتارلىق ئاساسى بىلىم ۋە نەزەرىيەلەرنى تېخىمۇ ئىلگرلىگەن ھالدا پۇختا ئىگەللەشكە ئاساس سالىمىز.
‹3›قانۇنىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن-تۈزۈم ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى، يىمەكلىك بىخەتەرلىگى قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن نىزاملارنى نوقتىلىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ،ئىناق،مۇقىم ئۇچتۇرپان قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.
‹4›مەكتىۋىمىزدە بىر قېتىم ئاساسى قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ،ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقى تۈردە كىشلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلىملىرى بويىچە ئىمتاھانغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 4- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئىمتاھان ئېلىنىپ خۇلاسىلىنىدۇ . ئىمتاھانغا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تولۇق قاتنىشىدۇ.  
‹5›ھەر قايسى سىنىپلاردا يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پائالىيەت مەزمۇنلىرى:
1›6-يىللىق سىنىپلار ئارا ئاساسى قانۇن ۋە باشقا قانۇن نىزاملار، جەمىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش بىلىملىرى  لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2›5- يىللىق 1- سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار ئارا تەسىرات سۆزلەش،ئىرادە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3›5- يىللىق 2-سىنىپتا ئاساسى قانۇن ۋەباشقا قانۇن نىزاملارنى، جەمىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئەدەبى –سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4›5-يىللىق 3- سىنىپتا مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىلىدۇ.
5›4- يىللىق 1- سىنىپتا زېھىن سىناش مۇسابىقسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
6›4- يىللىق 2- سىنىپتا نوقتىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىلىدۇ.
7›4- يىللىق 3- سىنىپتا قانۇندىن، ، جەمىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش بىلىملىىرىدىن لىكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3›تەكشۈرۈش گورۇپپىسى پائالىيەتلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا ئەمىللىشىشىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۇ پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ
2012- يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش