بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى 30 مىڭ كۈن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، سانت پېتېربورگ شەھىرى توغرۇلۇق ساياھەت خاتىرىسى يېزىش مەقسىتىدە ماتېرىيال ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم. بۇ جەھەتتىكى مېنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك ماتېرىيال روسىيىنىڭ سانت پېتېربورگ شەھىرىدىكى ئىمىتار موزېيىدىن تېپىلاتتى. بۇ موزېيدا مۇشۇ مەزمۇندىلا 3 مىليون پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال بار ئىدى. مەن ساياھەت خاتىرەمنى يېزىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم: ئەگەر موزېيدىكى ھەر بىر پارچە ماتېرىيالنى كۆرۈشكە بىر مىنۇتتىن ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ ئويلىساق، ئۇنداقتا بۇ 3 مىليون پارچە ماتېرىيالنى كۆرۈپ بولۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟ ھېسابلىغۇچ بىلەن ھېسابلاپ كۆرۈۋېدىم، نەتىجىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سان كېلىپ چىقتى: ئاشۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بولۇشقا 5.7 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن! شۇنىڭ بىلەن، مەن ئادەمنىڭ ئۆمرىگە قىزىقىپ قالدىم: ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى مىنۇتقا سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق، ھەممىسى قانچە مىنۇت بولار؟ قولۇمدىكى ھېسابلىغۇچ بىلەن 80 يىل ياشىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ھېسابلاپ كۆرۈۋېدىم، 42 مىليون 76 مىڭ 800 مىنۇت بولۇپ چىقتى. مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە، ھېسابلاشنى داۋاملاشتۇردۇم، ئەگەر بۇنى كۈنگە سۇندۇرغاندا قانچە كۈن بولار؟ ھېسابلىغۇچ كۆرسەتكەن رەقەملەر مېنى قانائەتلەندۈردى: 80 يىل ياشىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى 29 مىڭ 220 كۈن بولىدىكەن. نېمىدېگەن ئاز ۋاقىت - ھە؟! بىر كۈنى، بىر ياش دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، گەپ ئارىلىقىدا «بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى 30 مىڭ كۈن بولىدۇ» دېسەم، ئۇ ئىنتايىن ھەيران بولغان ھالدا: «نېمانچە ئاز - ھە؟!» دېدى. بۇرۇن بىر ئادەم مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى نۇرغۇن نۆلنىڭ ئالدىغا «1»نى قويغانغا باراۋەردۇر، سىزنىڭ نۆلىڭىز قانچىكى كۆپ بولسا، ئۆمرىڭىزمۇ شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ، ئەمما ئاشۇ «1» بولمىسىلا سىزنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىڭىز نۆلگە ئايلىنىدۇ.» ئومۇمەن، ئادەمنىڭ ئۆمۈر بايلىقى دەل ئاشۇ«1»لەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 30 مىڭ كۈن بولىدۇ، بىز بۇ 30 مىڭ كۈننى قولىمىزدىكى 30 مىڭ دانە شامغا ئوخشاتقىنىمىزدا، ئەتىگەندىن كەچ بولغۇچە ئارىلىقتا بىر تال شامىمىز كۆيۈپ تۈگەيدۇ... ئويلاپ كۆرەيلىچۇ! بىزنىڭ قولىمىزدا يەنە قانچىلىك ھاياتلىق شامىمىز باردۇ؟ 20 مىڭمۇ؟ 10 مىڭمۇ؟ ياكى نەچچە مىڭمۇ؟ ئۇنى قەدىرلەيلى! ھەر بىر ھاياتلىق شامىمىزنىڭ نۇرلىرىنى جەمئىيەتكە، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا تەقدىم قىلايلى!
(ئەنۋەر يۇنۇس تەرجىمىسى)
مەنبە : جۇڭگۇ مىللەتلىرى
|