baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 3

مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

354

تېما

66

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3469 سەر
تىللا
1659 دانە
تۆھپە
2842 سەر
شۆھرەت
1433 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 18:23:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟

غالىب خۇجى ئابدۇللا

تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، بەزىلەرنىڭ «مىجەزىم يوق» دەپ مەكتەپكە، خىزمەتكە بارمايدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ مۇھىم ئىشلارنىمۇ «مىجەزىم يوق»نى باھانە قىلىپ، ۋاقتىدا قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. يېقىندىن بۇيان «مىجەزىم يوق»دېگەننى تولا ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم. ئادەم ئاغرىپ قالغاندا مىجەزى يوق ھېسابلىنامدىغاندۇ ياكى ئىش خۇشياقماسلىق، ھۇرۇنلۇق قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ؟ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، «مىجەزىم يوق» نىڭ كىشىلەرنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان ئىش ياكى جاپالىق ئىشلارنى قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىش پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى كىشىلەرنىڭ «مىجەزىم يوق» دېگەندىكى روھىي ھالىتى بىلەن بىرەر ئىشقا ھۇرۇنلۇق قىلغاندىكى روھىي ھالىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ پەرقىنى بەزىدە تىل بىلەن چۈشەندۈرمەك تەس. تۇرمۇشتا بەزىلەر بىرەر ئىشنى قىلغۇسى كەلمىسىمۇ «مىجەزىم يوق»نىڭ باھانىسىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇۋالىدۇ. بەزىلەرنىڭ راستىنلا مىجەزى يوق بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەزىلەر ئازراقلا مىجەزى يوق بولۇپ قالسا، ھەممىدىن قول ئۈزۈپ، ئارام ئېلىشنىڭلا كويىدا بولىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى پولىسنى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ئىلمىي تەلەپلەرنى قويىدىكەن، تەربىيە بەرگەندىمۇ ئۇلارنى بەك قايىل قىلىدىكەن. بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچى سەۋەبسىزلا دەرسكە قاتناشماپتۇ. پولىس ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن دەرسكە قاتناشمىدىڭىز؟» دەپ سورىسا، ئۇ ئوقۇغۇچى «مىجەزىم يوق!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پولىس سەمىمىيلىك بىلەن «بۇ دۇنيادىكى سان–ساناقسىز ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كىشىلەر ئەنە شۇنداق مىجەزى يوق ۋاقىتلاردىمۇ دەردىنى يېڭىپ، ئۆز كەيپىياتىدىن خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىن كۆرۈپ ياراتقان» دەپتۇ. پولىسنىڭ بۇ سۆزى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا زور تەسىر قىلىپ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىكەن.

كىشىلەردىكى «مىجەزىم يوق!» بولۇپ قېلىش بەزىدە فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىن، بەزىدە روھىي بېسىمدىن ۋە بەزىدە ھۇرۇنلۇقتىن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇرۇنلۇقتىن بولغان «مىجەزىم يوق»لۇق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا بەكلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىزمەتداشلىرىڭىز ئىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا، ئىدارە باشلىقىغا «مىجەزىم يوق!»دەپ قويۇپ ئۆيىڭىزگە قايتقاندا، جىمجىت ئولتۇرۇپ «مىجەزىڭىز»نىڭ نېمە ئۈچۈن «يوق» بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىز «مىجەزىم يوق!» دەپ مەكتەپكە بارمىغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياشانغان ئانىڭىز ئوخشىتىپ ئېتىلگەن تاماقنى «مىجەزىم يوق!» دەپ يېمىگەندە، ئۇنىڭ نېمىشكە شۇنداق دېگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇلارنى ئىنچىكە ئويلاپ، ياخشى كۆزەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ بۇ روھىي ھالىتىنىڭ ھۇرۇنلۇق، قىيىنچىلىقتىن قورقۇش ۋە ئاجىزلىق پىسخىكىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ مىجەزى يوق بولۇشىنىڭ %90ى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقۇش پىسخىكىسى، ئاجىزلىق پىسخىكىسى ۋە ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، قىيىنچىلىقىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىن كۆرۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتسىلا «مىجەزىم يوق!» بولۇپ قالغاندىكى ھالىتى ئۆزگىرىپ، دەرھال جۇشقۇن كەيپىياتقا كېلەلەيدىكەن.

دىققەت قىلسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ <<مىجەزىم يوق>>نى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنداقلار دائىم دېگۈدەك مەيلى ئىدارىنىڭ ئىشى ياكى ئۆينىڭ ئىشى بولسۇن، بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا «مىجەزىم يوق!» دەپلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بۇنداقلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغان ھۇرۇنلاردۇر. بۇنداقلار جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى ئارىسىدىمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ.

گەرچە «مىجەزىم يوق» بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ھەرخىل بولسىمۇ، بىز ئۇنى يېڭىشتە جەمئىيەتتىكى، خىزمەتتىكى ۋە ئائىلىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز زۆرۈر. ئادەم ئۆز ئىرادىسى ئارقىلىق روھىيىتىدىكى ئاجىزلىق «مىجەزىم يوق» بولۇپ قېلىش ھالىتىنى يېڭەلىگەندىلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. دۇنيادىكى سان–ساناقسىز ئۇلۇغۋار ئىشلارنى مىجەزى يوق بولۇپ قالسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالىغان كىشىلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇڭا پىسخىكىمىزدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، مەسئولىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشىمىز، يالغاندىن « مىجەزىم يوق» بولۇۋېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالماسلىقتىن نومۇس قىلىشىمىز لازىم.

(مەزكۇر تىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى - بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى - http://www.baxtax.cn ئەسلى ئادرىس :http://www.baxtax.cn/jiaoyan/jyyushjian/2012/1105/5902.html)
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

210

تېما

24

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3484 سەر
تىللا
800 دانە
تۆھپە
8292 سەر
شۆھرەت
3303 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 18:35:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز   تەربىيىۋى ئەھمىيىتى  يۇقۇرىكەن.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

161

تېما

74

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5978 سەر
تىللا
1050 دانە
تۆھپە
6540 سەر
شۆھرەت
4413 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 21:17:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا بەزىلەر بىرەر ئىشنى قىلغۇسى كەلمىسىمۇ «مىجەزىم يوق»نىڭ باھانىسىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇۋالىدۇ. بەزىلەرنىڭ راستىنلا مىجەزى يوق بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەزىلەر ئازراقلا مىجەزى يوق بولۇپ قالسا، ھەممىدىن قول ئۈزۈپ، ئارام ئېلىشنىڭلا كويىدا بولىدۇ.
بۇ ئۈچ خىل كىشىلەردىن مەن 2- خىل كىشىلەرنى ياقتۇرىمەن . چۈنكى ئازراق مىجەزى بولمىسىمۇ  ئۆزىنى ساق ئادەملەردەك روھلۇق ، تېتىك  ، خوشال -خورام تۇتسا چوقۇم مىجەزىنىڭ تېز ياخشىلىنىشىغا تۇركىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن . ھورۇنلۇق ئۆزگە دۈشمەن !!!
بەك ياخشى تېمىكەن رەھمەت مۇشۇنداق پىكىرلىشىش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە .
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 23:10:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى تىما يوللاپسىز . دىمەك تۇرمۇشتا  بەزى بىر ئادەملەر بىرەر ئىش قىلغىلى خوش ياقمىسا .ھەرخىل سەۋەپلەرنى كورسىتىپ  مىنىڭ مىجەزىم يوق دەيدۇ.  
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 05:26, Processed in 0.403814 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش