پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 4

كۇلۇپ كەتسەڭلار قانداق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 00:25:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن
ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟

     ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.

     ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟

     ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.



لوگىكىلىق خۇلاسە
پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: ‹‹كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە›› دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ:
-‹‹ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن››دەپ جاۋاب بېرىپتۇ

نېمىنى ئويلىدىڭ

قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، بىر ئوغرى پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.

     سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟

     ئوغرى: ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.


گرانات

ئىككى ساقچى ئۈچ گىراناتنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىشقا تەييارلىنىپتۇ. ياش ساقچى سەل قورقۇپ، پېشقەدەم ساقچىدىن سوراپتۇ:

  — ئەگەر يولدا گىراناتنىڭ بىرى پارتلاپ كەتسە قانداق قىلارمىز؟

  — ئۇنداقتا ئىككىنىلا ئۇچراتتۇق دەيمىز – دە، — دەپتۇ پېشقەدەم ساقچى.


يەڭگە بىلەن سىڭىل

سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟

     يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.


مايمۇن

بىر كۈنى باغدادتىكى بىر ئاقسۆڭەك بىرسىدىن سوراپتۇ:

     — قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟

     — ئەينەككە قارىسىڭىزلا.


پەقەت بىرلا

مېھمان قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا:

     — مېھمان، بىر تاللار چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،– دەپتۇ.

مەست

ئىككى مەست رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:

     — نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟

     — شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.


ئوت كەتتى

بىر كىشى ئالاقزادە بولۇپ 119 غا تېلېفون قىپتۇ:

  — ئوت كەتتى! ئوت كەتتى!

  — نەگە ئوت كەتتى؟

  — ئۆيۈمگە ئوت كەتتى!

  — بىلدىم، بىراق بىز ئۆيىڭىزگە قانداق بارىمىز؟

  — توۋا، سىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىڭلار يوقما؟!




مەنبە : «يۇمۇرلار» ناملىق كىتاب

بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارام كۈنلەردە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 12:55:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق  ئىكەن،   كۈلۈپ كەتتىم  
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1415 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1080 سەر
شۆھرەت
960 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 14:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق ئىكەن روھىم خېلى كۈتۈرلۈپ قالدى

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 14:48:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق يۇمۇرلاركەن ، رەھمەت كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا.
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:28, Processed in 0.397028 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش