پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 4

جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 00:12:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوخشاش بىر ئىشنى ئويلاپ قىلسىڭىز جەننەتكە كىرىسىز ، خاتاقىلسىڭىز دوزاققا كىرىسىز . مەسلەن ، قاتناش ھادىسسى بۇنىڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ. قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانداق روھىي ھالەت ۋە ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى ، ئۇنى ئاخىرى جەننەتكە سەپەر قىلىش بىلەن دوزاققا سەپەر قىلىشنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

  مەن مۇنداق بىر قاتناش ھادىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن : دوستۇمنىڭ ئوغلىنى بىر يۈك ئاپتوموبىلى بېسىۋېتىپ قازاقىلغان ئىدى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايال ئىككەيلەن قەيغۇ–ھەسرىتىنى ئۆچمەنلىككە ئايلاندۇرۇپ ،ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يەنە بولدى قىلماستىن ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتكەن . زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايال ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇرنىڭ ئائىلىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولغاندا ، ئويلىمىغان ئىش يۈز بېرىپ ، شوپۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايالنى ئادەم ئۇرۇپ يارلاندۇرۇش ۋە ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇش جىنايىتى سادىر قىلدى ، دەپ سوتقائەرز سۇنغان . زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايال بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىدۇ !

  بەختكە يارىشا ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇر ئەرىزقىلىشنى كۈچەپ توسقاچقا ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايال سوتقا چاقىرتىلمايدۇ.ئۇلار كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق ئەرىزنى تۈگىتىدۇ . ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەر–ئايالغا قاراپ ناھايىتى قايغۇرغان ھالدا :ئەسلىدە تۆلەم تۆلىمەكچى بولغانتىم ، بالاڭلاردەك سىلەرنى باقماقچى بولغان ئىدىم ،ئەمما سىلەر مېنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويدۇڭلار ، يەنە ئاپتوموبىلىمنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتىڭلار ، سىلەرگە تۆلەم بېرىش ، بېقىشنى تىلغا ئالمايلا قوياي ، ئۆزەمنىڭ تۇرمۇشىنىقامداش ئىقتىدارىمنىمۇ يوقىتىپ قويدۇم، دەيدۇ. زىيەنكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايال بۇنى ئاڭلاپ بىردىنلاھوشىغا كەلگەندەك بولۇپ ، قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇرنىڭ سەۋەنلىكىدىنمۇ يىرگىنىشلىك ! بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . ھادىسسە پەيدا قىلغان شوپۇر كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ ، زىيەنكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەر–ئايالنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلمىغان ، بولمىسا ئۇلار دوزاقنىڭ ئازابىنى كۆرگەن بولاتتى .

  بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قارىغۇلارچە ئۆچمەنلىكىنىڭ دوزاققا سەپەر قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنلىكىدۇر . ناۋادا ئۇلار بۇنى ئويلاپ يېتەلىگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ ئېھتىمال جەننەتكە كىرگەن بولاتتى .

  1994–يىلى9–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، بىر جۈپئامېرىكىلىق ئەر–ئايال يەتتە ياشلىق بالىسىنى بىرگە ئېلىپ ، ئىتالىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ، خۇشال–خورام ھالدا بىر ساياھەت رايونىغا قاراپ ماڭغان . بىر فىيات ماركىلىق ئاپتوموبىل ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز ئۆتكەن ھەمدە ئۇ ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەر ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ، ئامېرىكىلىق ئەر–ئايال ئامان قالغان بولسىمۇ ،ئەمما يەتتە ياشلىق ئوغلىغا باندېتلارنىڭئوقى تېگىپ ، ھاياتىدىن ئايرىلغان . بۇ ئامېرىكىلىق ئەر–ئايال ئىتالىيىلىكلەرگە ، ئامراق يۈرەك پارىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ يەرگە ئۆچ بولۇپ كەتكەن . ئەمما ئۇلار دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ، ئۆچمەنلىك ۋە قانداق قىساس ئېلىش بىلەن بولۇپ كەتمىگەن . يۈز بېرىدىغان تراگىدىيە يۈز بېرىپ بولدى ، ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار ؟ قىساس ئېلىش ئارقىلىق قانداق ئاقىۋەتكە ئېرىشمەكچى؟ دەپ ئويلاپ ، يەر–جاھاننى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر قارارنى چىقىرىپ ،ئوغلىنىڭ ساغلام ئەزاسىنى ئىتالىيەلىكلەرگە تەقدىم قىلغان . بۇ ئامېرىكىلىق ئەر–ئايالنىڭ كىشىنى ھەيرانقالدۇرىدىغان ساۋاپلىق ئىشى ئىتالىيەلىكلەرنى خىجىل قىلىدۇ ، ھەم ئۇلارنىڭ مەدھىيەلىشىگە ئېرىشكەن . ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ئۆز قولى بىلەن بىر دانە پەخرىي مۇكاپات ئوردېنىنى بۇ ئامېرىكىلىق ئەر–ئايالغا تەقدىم قىلغان ، ئۇلارنى شەرەپلىك ھالدا ئىتالىيەنىڭ پەخرىي پۇقراسى قىلغان ، ئۆمۈرلۈك بېقىلىش شەرتىدىن بەھرىمەنقىلغان .

  ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرۈلىشى ، ياشىشىدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئويلاپ يېتىش–يېتەلمەسلىكى بىرلا مەسىلىگە يەنە جەننەت ۋە دوزاققا سەپەر قىلىشقا باغلىق بولىدۇ . بۇنى ئويلاپ يېتەلىسىڭىز ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىمۇ : دەل–دەرەخ ، گۈل–گىياھلار بىلەن بېزەلگەن راھەتبەخىش ماكانغا سەپەر قىلىسىز ، ئويلاپيېتەلمىسىڭىز ئوڭۇشلۇق شارائىتتىمۇ : ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچسىڭىز ، ئەبەدىي ھالاكەتيولىغا قەدەم قويغانكىشىگە ئايلىنىپ قالىسىز. بۇ يەردە جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ پەرقى، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ تېگى–تەكتىدىن ئويلاپ يېتىش ياكى يېتەلمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ. (قۇربانجان مەمتىلى تەرجىمىسى)



مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 13:06:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ماتىرىيال يوللاپسىز،  ھارمىغايسىز.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1415 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1080 سەر
شۆھرەت
960 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 15:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىىرلىك ئىكەن ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 22:35:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ،شۇنداق دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.....

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 18:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ ئىشلارنى ئەقىل بىلەن ئويلاپ قىلغۇلۇق
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:33, Processed in 0.399013 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش