| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-16 21:28
ئانا تىلنى قوغداش توغۇرسىدا ،بىر كوي پۇلدىن تۇغۇلغان ئويلار : مەن تەسسادىبى پۇرسەتتە ساۋاغداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ،گەپ ئارلىغىدا بىر ساۋاغدىشىم مۇنداق ئىشنى سۆزلەپ بەردى، مەكتىۋىدىكى خىزمەتداشلىرى مەكتەپتىكى كۈندىلىك ئالاقە جەريانىدا،ئانا تىلدا سۆزلىمىگەنلەر ھەر بىر قېتىملىقى ئۈچۈن پەقەت بىر كوي جەرىمانەتۆلەشنى مەسلىھەتلىشىپ، نەق مەيداندا ئەمىللەشتۈرۈپ كۆرگەن نەتىجىدە ئۈچ كۈندىلا مەكتەپتىكى ئىختىيارىي قاتناشقان ئۇقۇتقۇچىلاردىن250كوي نەق پۇل يىغىلغان ،بىر كۆي پۇل ئۇلارغا ئانچە كۆپ بىلىنمىگەچكە ئۆز- ئارا ئالاقە جەريانىدا خەنزۇچە سۆز ئىبارە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قويغانلار بولسا ئۆز ئارا نازارەت قىلىشىپ جەرىمانە پۇلنى نەقلەشتۈرگەن ۋە بۇ يىغىلغان پۇلنى دەرستەياخشى، قىيىنچىلىقى ئۇقۇغۇچىلارنى ياردەم پۇلى قىلىپ مۇكاپاتلىغان . ئاڭلاشقا قارىغاندا ھەممە ئۇقۇتقۇچى بۇ خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان. مەن ئويلاپ قالدىم ئۇلار بۇ ئىش ئارقىلىق ساپ ئانا تىلدا سۆزلەش، ئانا تىلنىڭ ساپلىقنى قوغداش ھەم قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش مەخسىتىگە يىتىپتۇ. ئارىمىزدىكىلەرنىڭ كۈپۈنچىسى مائارىپچىلارغۇ دەيمەن ،مىنىڭچە بۇمۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك،ھەم ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ . دوستلار بۇنى قېنى بىزمۇ سىناپ كۆرمەيلىمۇ...؟ قېنى دوستلار بىزمۇ سىناپ كۆرەيلى...!!! |
|