پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 15

جەسىدى ئۆيىگە كىرەلىگەن ئۆگەي بالا(چوقۇم كۈرۈڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 22:47:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەسىدى ئۆيىگە كىرەلىگەن ئۆگەي بالا
(ئوچېرك)


(  بۇ  ئەسەرنى  مەن توردا  ئۇچرۇتۇپ     دوستلارنىڭمۇ  بىر  ئوقۇپ  بېقىشىنى  تەۋىسسىيە قىلىپ يوللۇدۇم، كۆز ياشلىرىڭلارنى  سۈرتۈۋېتىپ ئاخىرىغىچە ئوقۇپ كۆرۈڭلار)
مەنبە   مىسراىم  تورى

1986- يىل 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنە قۇربان ھېيتنىڭ كۈنى تاڭ سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچىسىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدىن بىر ئۆلۈك تېپىلدى. ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى پەرھاد ئىدى. پەرھاد بىرەر قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەمەس ياكى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەنمۇ ئەمەس. ئۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن دەرەخلىك ئارىسىغا ئورنىتىلغان ھېچكىمگە تەئەللۇق بولمىغان سېمونت تاختاينىڭ ئۈستىدە ئون بەش كېچە- كۈندۈز قىزىتمىسى ئۆرلەپ يېتىپ ئاخىرى سېمونت تاختاي ئۈستىدە جان ئۈزدى.

بۇ 28 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئۆلۈكى تېپىلغان بۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يەنى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بەختىيار ياشاۋاتقان ئۆينىڭ ئارىلىقى پەقەت يۈز مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.

ياش ئانا تۇنجى بالا يۈزى كۆرگەندە ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئانا دەپ ھېس قىلدى. ئۇ، ھەممە مېھرىبان ئانىلارغا ئوخشاش بۆشۈك يېنىدا كېچە- كېچىلەپ كىرپىك قاقماي چىقتى. بالىنىڭ ئوغۇل بولۇشى دادىسىنىڭ خۇشاللىقى ئۈستىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنىدى. بالا دوختۇرخانىدا تۇغۇلۇپ دوختۇرلار ئۇنىڭغا «بالىڭىز ئوغۇل» دەپ خەۋەر يەتكۈزگەندە دادا خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالغانىدى ئۇ يۈگۈرۈپ كوچىغا چىقتى، باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئايالىم ئوغۇل تۇغدى، ئۆزۈمنىڭ، نەشپۈتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن جىڭلاڭ!» دېدى. ماگىزىنغا كىرىپ پىركازچىكقا: «ئايالىم ئوغۇل تۇغدى، ناۋاتنىڭ، كونسېرۋانىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن» دېدى، قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئايالىم ئوغۇل تۇغدى، گۆشنىڭ ئوبدان يېرىدىن كېسىڭ» دېدى. ئۇ كوچىدا ئۇچرىغان تونۇشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئايالىنىڭ ئوغۇل تۇغقانلىق خۇش خەۋىرىنى ئالاھىدە يەتكۈزۈپ ماڭدى. شۇ كۈنلەردە دۇنيادا خاپىلىق، غەم- ھەسرەت بار دېسە بۇنداق گەپلەر ئۇنىڭ قولىقىغا كىرمەيتتى، ياش ئاتا- ئانا ئوغۇلغا ھەرخىل ئىسىملارنى تېپىشتى، دادا بولسا بالىغا «پەرھاد» دېگەن ئىسىمنى قويۇش قارارىدا چىڭ تۇردى. ئۇ ئۆز بالىسىنىڭ «پەرھاد- شېرىن» داستانىدىكى پەرھادتەك تاغلارنى تالقان قىلىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان قەيسەر، باتۇر بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەر- خوتۇن مەسلىھەت قىلىپ ناھايىتى زور ئۈمىد بىلەن بالىنىڭ ئىسمىنى پەرھاد قويۇشتى، بالا پاقلان بولغاندا دادا ئانىنى ئەنسىرىتىپ ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېتىپ ئوينايتتى ۋە بوغدا تېغىنى كۆرسىتىپ: «قارا پەرھاد، چوڭ بولغاندا ئاشۇ تاغلاردىن سۇ باشلاپ ئەتراپتىكى قاقاسلىقلارنى كۆكەرت، سېنىڭ پەرھاد ئىكەنلىكىڭنى ھەممە ئادەم بىلسۇن» دەيتتى. بوۋاق بولسا خۇددى دادىسىنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك ئۇنىڭ قۇچىقىدا يولقۇنۇپ تاغ تەرەپكە تەلپۈنەتتى. ئەپسۇس، ئۇزاق ئۆتمەي تەقدىر بۇ ئائىلىگە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلدى. ئانا تۇل، بالا يىتىم قالدى. ئانا بولسا باشقا ئەرگە تەگدى. ئاتا-ئانا غايەت زور ئۇلۇغ ئارزۇلار بىلەن باققان ئەتىۋار بالىنىڭ بەختسىز ھاياتى باشلاندى. ئۆگەي دادا بالىسىنى يامان كۆرەتتى. ئۇنى پەقەت باشقا دادىدىن بولغان بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلگۈدەك يامان كۆرەتتى، ئانا بولسا بۇ جان-جىگەر بالىنى ئۆگەي دادىسىنىڭ يامان كۆزىدىن جېنىنىڭ بېرىچە قوغدايتتى. ئەمما ئۇ ئەردىن ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايتتى. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى. ئانا ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ قىر تۇغدى. دادا ئۆز قىزلىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. پەرھاد بولسا يەكلىنىپ قېلىۋەردى. ھېيت- ئايەم كۈنلىرى ئۈچ قىزىنىڭ كىيىمى يېڭىلانسا، پەرھاد كونا كىيىم بىلەن قېلىۋەردى. ئاتا- ئانا ئۈچ قىزىنى ئەركىلىتىپ ئويناتسا، پەرھاد بىر بۇلۇڭدا بوينىنى قىسىپ ئۇلارغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. دادا ھە قېتىم تالادىن كىرگەندە ئۈچ قىز كەمپۈت شۈمسە، پەرھاد بارمىقىنى شۈمىدى. ئانىمۇ بارلىق مېھرىنى ئۈچ قىزىغا بەردى. ئۇ كۆڭلىدە ئوغلىنى قىزلىرى بىلەن ئوخشاش كۆرسىمۇ، ئەمەلىي مۇئامىلىدە ئېتىبارسىز قارىدى. ئۈچ قىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۆشۈكىنى پەرھاد كۈنلەپ- كۈنلەپ تەۋرەتتى. سىڭىللىرىنى يۈدۈپ يۈرۈپ باقتى. قىزلارنىڭ قايسى بىرى سىرتتا يېقىلىپ چۈشۈپ بىرەر يېرى زەخمىلەنسە ياكى باشقا بالىلاردىن تاياق يېسە، ئۇنىڭ جاۋابكارى پەرھاد بولۇپ تىللاندى ۋە ئۇرۇلدى. پەرھادنىڭ ئالتە ياش ۋاقىتلىرى ئىدى. بىر قېتىم ئۇ مەھەللىسىدە كىچىك سىڭلىسىنى ئوينىتىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى قاتتىق يىغلاپ كەتتى. بۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان دادا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقتى-دە، پەرھادنىڭ سىڭلىسىنى يىقىتىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ قىزىنى قۇچىقىغا ئالدى-دە، پەرھادنى يوغان بەتىنكىلىك پۇتى بىلەن بىرنى تەپتى. كىچىك پەرھاد يەردىن ئۈزۈلۈپ ئۇچۇپ بېرىپ ئۈچ- تۆت مېتىر نېرىغا چۈشتى، ئۆگەي دادا غەزەپ ئاچچىقىدا بالىغا قاراپمۇ قويماي قىزىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. پەرھادنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ياندى. قولۇم- قوشنىلار بالىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىشتى. ھەممەيلەن بالىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ ساراسىمىگە چۈشتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى ئېرىدىن قورقۇپ بالىسىنىڭ يېنىغا چېقىشقا پېتىنالمىدى. ھوشسىز پەرھادنى قوشنىلار ئۆز ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى، بالا ھوشىغا كەلدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە قوشنىلار پەرھادقا: «ئەمدى ئۆيۈڭگە كىرىپ كەت- بالام! نېمىلا بولمىسۇن ئۆز ئۆيۈڭ!» دەپ نەسىھەت قىلىپ، ئۆيىگە چىقىرىۋەتتى. بالا زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى سىلاپ. ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆز ئۆيى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئىشىكنى چېكىشكە جۈرئەت قىلالماي ئىشىك ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ ئىشىكى ئالدىدا ئىككى سائەتتە ئولتۇردى. ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىگە قارىدى. دېرىزىدىن بولسا چىراق يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بالا ئىشىكنى چەكتى، ئۆي ئىچىدىن سادا چىقمىدى. بالا ئىشىكنى يەنە چەكتى... يەنە چەكتى... ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ يەنە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ ئاستا- ئاستا مۈگدەشكە باشلىدى. پەرھاد تىزىنى قۇچاقلاپ بېشىنى تىزى ئۈستىدە قويۇپ ئۇخلاپ قالدى. كۈز كۈنلىرىنىڭ كۈچكى سوغۇقىدىن مۇزلاپ كەتكەن پەرھاد تىترەپ ئويغىنىپ كەتتى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىگە قاراپ چىراقنىڭ ئاللىقاچان ئۆچكەنلىكىنى ئۆي ئىچىنىڭ قاراڭغۇلۇققا چۆمگەنلىكىنى كۆردى. ئالتە ياشلىق بۇ بالا ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن تۈن قاراڭغۇلۇقىدا ئۆ ئۆيى ئالدىدىن ئايرىلدى. ئۇ قاراڭغۇدا تۇنجى قېتىم تەنھا ھەم ناتونۇش كوچىلاردا مېڭىشقا مەجبۇرى بولدى. بالا قاراڭغۇ كوچىدا قورقۇپ سوغۇق تەرگە چۆمدى، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئۇ قورقۇنچتىن كوچىدا يۈگۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇ يۈگۈرۈپ كوچىنىڭ چېتىگە چىققاندا يىراقتا يېنىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قۇرۇلۇش ئىش ئورنىغا قاراۋاتقان خەنزۇ بوۋاي گۈلخان يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بۇ ناتونۇش ئۇيغۇر بالىسىنى كۆردى-دە، شۇ كېچىسى بۇ بالىنى قوندۇرۇۋالدى. بوۋاي بالىغا ئۇدا ئۈچ كۈچ قارىدى. دورا ئىچكۈزدى، ئوكۇل سالدۇردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆز ئۆيىگە پەيدا بولغان پەرھاد كەچقۇرۇنلۇقتا ئەيىبلىنىپ يەنە تاياق بىلەن مېھمان قىلىندى. ئانىمۇ ئۆز ئوغلىنى ئەيىبكار سانىدى. پەرھاد شۇندىن بېرى ئاتا- ئانىسىدىن تاياق يېگەندە پات- پات ئۆيىدىن يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.

* * *

ئاپتونوم رايونلۇق رەڭلىك مېتاللار ئىدارىسىنىڭ قورۇلۇش شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پەرھاد، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنىڭ جاي سېلىش ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇ دوستلىرىنىمۇ ياردەمگە چاقىردى. ئۇ دوستلىرىنىمۇ ياردەمگە چاقىردى. دوستلىرى بىلەن كېچە- كۈندۈز ئىشلىدى. ئۇ گەرچە قاتتىق چارچىسىمۇ كۆڭلى يەنە خۇشال تۇراتتى. چۈنكى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئۆي سېلىش ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىۋاتاتتى. ئۇ مۇشۇ ئىشى ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ۋە ئۆگەي دادىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن «بۇ يېڭى ئۆيىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئوغلىمىز پەرھادنىڭ ئەجرى بار» دەيدىغان بىر ئېغىز ئىللىق گەپنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

ئۆيمۇ پۈتتى، بىر كۈنى پەرھاد ئىش بىلەن فۇكاڭغا كېتىپ ئەتىسى قايتىپ كەلسە، ئاتا- ئانىسىنى ئاللىقاچان يېڭى ئۆينى چېيىنى ئۆتكۈزۈپ بوپتۇ. ئۆي قۇرۇلۇشىدا تۇپا- لايقا مىلىنىپ ئىشلەنگەن، بۇ ئۆينىڭ ھەربىر كېسەكلىرىدە قول ئىزلىرى قالغان پەرھادنىڭ دوستلىرىنىڭ بىرسىگىمۇ ئۆي چېيى ئۈچۈن باغاق بېرىلمىگەنىدى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى قىلچىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ قويمىغانلىقى پەرھادقا تولىمۇ ئېغىر كەلدى. بىراق ئۇ ئانىسىغا ياكى دادىسىغا بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاچچىق ھەسرەتگە پايلىماي ئۆز ھۇجرىسىدا تەنھا ھاراق ئىچتى. يوشۇرۇن ياش تۆكتى. پەرھاد كوچىلاردا دوستلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ «ئۆي چېيىنى قاچان بېرىسەن؟!» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. پەرھادنىڭ يۈرگەن قىزىححمۇ ئۇنىڭغا دوستلار ئۈچۈن ئۆي چېيى قىلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. پەرھاد ھەر ئايلىق مائاشىنى ئۆيىگە تولۇقى بىلەن تاپشۇرمىسا بولمايتتى. ئۇ ئۆز ئاز- تولىدىن ئىقتىساد قىلىپ پۇل يىغدى. پەرھادنىڭ سۆيگەن قىزىمۇ پۇل چىقاردى. دوستلىرى يەنە قاراپ تۇرمىدى. ئۇلار كوللېكتىپ تەييارلىق قىلدى. پەرھاد دوستلىرىغا ئۆي چېيى قىلىپ بېرىشنى ئاتا- ئانىسىغا ئېيتقاندا ئۇلار ھېچنېمە دېمىدى، ئىپادە بىلدۈرمىدى. پەرھادنىڭ دوستلىرى چاقىرىلغان كېچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ قىز دوستلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرلەپ كېلىشتى، مېھمانلارنى كۈتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان پەرھاد تۇيۇقسىز ئۆز ھۇجرىسىغا قامالدى. پەرھادنىڭ مېھمانلىرىنى بىر-بىرلەپ توساپ قورۇغا كىرگۈزمىدى. ظذ:
_ پەرھاد مېھمان چاقىرغۇدەك بېيىپ كەتكىنى يوق، بۇ گۇناھى ئۈچۈن پەرھادنى ئۇراي دېسەم، مېنىڭ «ئۆگەي دادا» دەيدىغان يامان ئېتىم بار، شۇڭا سىلەر دوستۇڭلارنى ئايىماقچى بولساڭلار، ئارقىڭلارغا بۇرۇلۇپ ئۆز ئۆيۈڭلارغا كېتىڭلار،- دېدى. پەرھادقا ئۆمۈر بويى دوزاخ زۇلۇمىنى سېلىپ كەلگەن بۇ ئادەمنى ئاز- تولا چۈشىنىدىغان بالىلار ئۈن- تىنسىز قايتىپ كېتىشتى. قىزلارمۇ ئۆز يىگىتلىرىگە ئەگىشىپ كېتىشتى. پەرھادنىڭ يۈرگەن قىزىمۇ ھاقارەتكە ئۇچراپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى. پەرھاد شۇ كېچىسى كىرپىك قاقماي چىقتى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىگە سالغان زۇلۇمىنى، ھاقارەتلىرىنى ئىختىيارسىز بىرمۇ-بىر ئەسكە ئالدى. ئۇ باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۈگەتتى. ظذ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ مېھرىبانلىقىغا ئېرىشتى- يذ، ئۆيىدە بىرەر قېتىممۇ ئىللىق مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدى. مەكتەپتە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان تەربىيە چىرايلىق گەپ، ئىلمىي سۆز بولسا، ئۆيىدە تەربىيە تاياق ۋە تىل بولدى. تېخى ئىككى يىل ئالدىدا دادىسى يوقىلاڭ ئىش ئۈچۈن تېرىكىپ ئۇنى قاتتىق ئۇردى. تاياق زەربىدىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇرغىسى ۋە ئوقرەك سۆڭىكى سۇندى. ئۇ ئىككى يال دوختۇرخانىدا يېتىپ ساقىيىپ چىقتى. (دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدە قالدۇرغان جاراھەت ئىزلىرى بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۆرگە كىرىپ كەتتى. ) مانا ئەمدى جانىجان دوستلىرى ۋە سۆيگىنى ئالدىدا سەت بولدى. دادىسى نېمە ئۈچۈن ئۇنى شۇنچىۋالا ئۈچ كۆرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆگەي بالا بولۇپ قالغانلىقى كەچۈرگىسىز گۇناھمۇ؟ ھايۋاناتلارمۇ بالىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئەمما پەرھادنىڭ ئانىسى ئۇنى ئۆگەي دادىسىنىڭ زەربىسىدىن قوغدىمايتتى، بەلكى دادىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى ئەيىبلەيتتى.

پەرھاد «بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى. بىراق بۇ سوئاللارغا ئۇنىڭ كاللىسىدا جاۋاب تېپىلمىدى. پەرھادنىڭ كۆز ئالدىدا دادىسىنىڭ ئۇنى غالجىرلىق بىلەن ئۇرغان، تەپكەن، تىللىغان، ھاقارەتلىگەن قىياپىتى بىرمۇ- بىر ئايان بولۇشقا باشلىدى. ظذ، بەدىنىدىكى تاياق ئىزىنى سىلىدى، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئۆگەي دادىسىغا بولغان نەپرەت سەلدەك يامرىدى. ئۇ «دۇنيادا ياكى مەن، ياكى ئۆگەي دادا ئاتالغۇچى مەلئۇن ياشىشى كېرەك» دەپ ئويلىدى- دە ئىختىيارسىز قولىغا پىچاق ئالدى. ظذ، تۈن قاراڭغۇسىدا ئۆز ھۇجرىسىدىن ھويلىغا چىقتى. ئۇ ئالدى بىلە ئۆگەي دادىسىنى، ئاندىن ئۆزىنى ھالاك قىلىش نىيىتىگە كەلدى. دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز سۆيگەن قىزىنى ئېسىگە ئالدى. قىزىنىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان ئوماق چىرايى، ئوتلۇق كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى-دە، پىچاق تۇتقان قۇلى ئىختىيارسىز بوشىشىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ھۇجرىسىغا قايتىپ كىردى. پەرھاد يوتقان- كۆرپىسىنى ئالدى-دە، ئۆيىدىن چىقىپ قۇرۇلۇش ئورنىغا قاراپ كەتتى. ئەتىسى ئۇ سۆيگەن قىزىنى ئىزدەپ باردى. قىز پەرھادنىڭ دادىسىنىڭ ئاخشامقى يولسىزلىقىدىن قاتتىق رەنجىگەنىدى. ظذ، ئائىلىسىدە بالىلىق ئىززىتى بولمىغان بۇ يىگىت بىلەن ئەمدى ئالاقىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي قىزنىڭ باشقا بىر يىگىت بىلەن يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئەمما، ئۇ يالغۇز قالغان چاغلىرى ھەمىشە تۆش يانچۇقىدا خاتىرە ئىچىدە ساقلايدىغان قىزنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ ئۇزاقتىن- ئۇزاق قاراپ تۇراتتى ۋە ئۇلۇش- كىچىك تىناتتى. چۈنكى، ئۇ قىزنى چەكسىز ياخشى كۆرگەن ئىدى. دوستلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا: «پەرھاد ئۆي چېيىنى قاچان قىلىمىز؟» دەپ تەنىلىك چاقچاق قىلىپ قوياتتى. پەرھاد بۇنداق گەپنى ئاڭلىغاندا بولسا قۇلىقىغىچە قىزىرىپ كېتەتتى.

پەرھادنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا يېتىشى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر دەستەك بولدى. ئۇلار پەرھادنى ۋاپاسىزلىقتا ئەيىبلەشتى. پەرھاد ئۆگەي دادىسىنىڭ «پەرھادنى ئەمدى ئۆيگە سولىمايمەن، ئەمدى كېلىدىكەن پۇت- قولىنى چېقىۋېتىمەن» دېگەن گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى ئائىلىسىدىن، سۆيگەن قىزىدىن ئايرىلغان پەرھاد كۈندە دېگۈدەك ھاراققا بېرىلىشكە باشلىدى....

بىر كۈنى كەچ پەرھاد ياتاقدىشىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن قىمار ئوينىدى. ئاخىرى ئىككىيلەن مۇشتلىشىپ قالدى. پەرھادنىڭ ياتاقدىشى چوڭ ۋە گەۋدىلىك بولغانلىقتىن پەرھاد ئاستىغا بېسىۋېلىپ گېلىنى بوغدى. پەرھادنىڭ قولىغا بىر تۆمۈر چىقتى-دە. تۆمۈر بىلەن بېسىۋالغان ياتاقدىشىنى بىر سالدى. قىرلىق تۆمۈر ئۇنىڭ مۈرىسىنى تىلىۋەتتى، قان ئاقتى.... پەرھادنىڭ ياتاقدىشى «پەرھاد ماڭا پىچاق سالدى» دەپ دەۋا قىلدى. پەرھاد ئىقرار بولمىدى. دەۋاگەرنىڭ ئىسپاتى ئاساس قىلىنىپ بىر ئاي يىغىۋېلىشتا ياتقاندىن كېيىن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئاپىرىپ بېرىلدى-دە، بىر يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتتى.

پەرھادنىڭ بىر يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقىشى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن چوڭ بىر دەستەك بولدى. ئۇلار ئۆز ئوغلىنى ئوغرى، قىمارۋاز، ھاراقكەش، قاتىللىقتا ئەيىبلەپ ئۆيىگە يولاتمىدى. پەرھاد بۇرۇن ئىشلىگەن قۇرۇلۇش ئەترىتىگە بېرىپ ئىشلىدى. ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئاجىزلىشىپ كېسەلچان بولۇپ قالغانلىقتىن، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالمىدى. ئۇ تۈرمىدىن كېلىپ، يۈرگەن قىزىنىڭ ئەرگە تېگىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ دەردىنى ھاراقتىن ئالدى. ھەر كۈنى كەچ ھاراق ئىچتى، مەس بولدى. ئاندىن تۈرمىلەردىمۇ ساقلاپ كەلگەن قىزنىڭ رەسىمىنى قولىغا ئېلىپ، رەسىمگە قاراپ كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلىدى. قانچە كېچىلەرنى ئۇ ئاشۇنداق تاڭ ئاتقۇزدى....

ياز كېچىلىرى قۇرۇلۇش ئورنىدا ياتقان پەرھاد قىش باشلىنىشى بىلەن ئامالسىز قالدى، ئۇ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان كېچىلەردە ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ئىشىكنى چەكتى، ئىشىك ئېچىلدى-يذ، يەنە ئۇنىڭ يۈزىگە قاتتىق يېپىلدى، ئۇ ئۆز ئۆيىگە كىرەلمىدى.

ظذ، بىر ئاشپەز دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن قىشنىڭ ئۇزاق قەھرىتان كېچىلىرىنى دۆڭ كۆرۈك ئاشخانىسىنىڭ ئوچىقىدا ئۆتكۈزدى. ئۆپكىسىگە سوغۇق تەگكەن پەرھاد ئايلاپ ئىشقا بارالمىدى. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىمۇ پەرھادنى ئىشتىن بوشاتتى. ظذ، ئائىلىسىدىن ئايرىلدى، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدى. ياخشى كۆرگەن قىزىدىن ئايرىلدى. قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇنىڭ نوپۇسىنى ئەۋەتىپ بەردى. پەرھاد نوپۇسىنى پەيچۇسوغا ئاپاردى. ساقچىخانا ئۇنىڭغا كۆتەك نوپۇسىنى ئەپكېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئۆيىگە باردى. ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. كۆتەك نوپۇسنى بەرمىدى. پەرھادنىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئۆيى ياكى ئادرېسى بولمىغانلىقتىن، پەيچۇسو ئۇنىڭ نوپۇسىنى ئولتۇرغۇزۇشقا ئامالسىز قالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ نوپۇسسىز قالدى. مۇبادا قۇياش نۇرى، نەپەس ئالىدىغان ھاۋا، ئىچىدىغان سۇ ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولسا ئىدى، پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسى: «بۇلار پەرھادقا تەئەللۇق ئەمەس» دەپ، شۇنىڭدىنمۇ ئۇنىڭ مەھرۇم قىلغان بۇلار ئىدى. ئەمما سېخى تەبىئەت ئۇنداق ئورۇنلاشتۇرمىغان ئىكەن، پەرھاد يەنىلا ھايات ياشىدى. پەرھاد ئۆمرىدە نۇرغۇن خورلۇقلارغا ئۇچرىشىغا قارىماي، ناھايىتى نومۇسچان يىگىت ئىدى. ئۇ ھېچقانداق يامان يولدا ماڭمىدى. ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئالدىدىكى بازاردا كاۋاپچى دوستلىرىغا ياردەملىشىپ، كۈن بويىچە زىققا گۆش ئۆتكۈزۈپ بەردى. كېچىسى كاۋاپچىلارنىڭ، باققاللارنىڭ، ئاشپەز- ناۋايلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ساقلاپ بەردى. ئۆز ئىشىغا يارىشا باشقىلار بەگەن ھەق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندۈزلۈك مەشغۇلاتىنى ۋە كېچىسىنى ئۆز ئۆيىدىن يۈز مېتىردەك يىراقلىقتىكى يەردە ئۆتكۈزۈپ كەلدى. ئۆزىنىڭ ئانىسى، دادىسى ۋە سىڭىللىرى بەزى- بەزىدە مۇشۇ كوچىدىن ئۆتەتتى. بۇ چاغلاردا، ئۇ ئۇلارنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈۋالغىنىغا خۇش بولاتتى. سىڭىللىرى بولسا بەزى- بەزىدە ئاتا- ئانىسىدىن يوشۇرۇن ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى، ئەھۋاللىشاتتى.

پەرھادنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئۆگەي دادا شۇ كۈندىن باشلاپ ئىشكاپقا يوغان ئەتۋىركىدىن بىرنى سېلىپ ساقلاپ يۈردى. ئۇ ئايالىغا ۋە قىزلىرىغا «ئەگەر پەرھاد ئۆيگە كىرگۈدەك بولسا، مېنى ئۆلتۈرمەك ئۈچۈن قاتتىق قورالى كۆتۈرۈپ باستۇرۇپ كىردى، دەپ ساقچى ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بېرىمەن» دېگەن گەپلەرنى كۆپ قېتىم قىلىپ يۈردى. پەرھاد دادىسىنىڭ بۇ يامان نىيىتىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق زىيانكەشلىكنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا «قاتىل» ھېسابلىنىپ تۈرمىگە سۇلانغان، بەلكىم دادىسى يەنە ئۇنىڭغا قارا چاپلىسا، ساقچى ئورۇنلىرى ئىشىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ئۆيى تەرەپكە قەدەم باسالمىدى. ئەمما، ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى «ئوغلۇم» دەپ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىشىنى، ئائىلىنىڭ بالىسى سۈپىتىدە ئاتا- ئانىسى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئارزۇ قىلاتتى. پەرھاد ئۈچۈن بىر تالاي ئادەملەر خالىس ئەلچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن سۆزلەشتى. بىراق ئاتا- ئانا پەرھاد ئىسىملىك ئوغلى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، پەرھاد ھەر كۈنى كەچ ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدا ئۆز ئۆيىنىڭ چىراق يورۇتۇپ تۇرغان دېرىزىسىگە ئۇزاقتىن- ئۇزاق قاراپ ئولتۇراتتى. ئۆي چىرىغىنىڭ قايسى كۈنى، سائەت قانچىدە ئۆچكەنلىكى ئۇنىڭ ئېسىدە ئېنىق ئىدى. ئۇ ئاتا- ئانىسى بىلەن يارىشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى-يذ، بۇ ئارزۇغا ئېرىشەلمەي. بىر كۈنى ئۇنىڭ دادىسى باغچا ئالدىغا پەيدا بولدى-دە، ھاراق ئېچىۋاتقان بىر نەچچە تونۇشى يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. كاۋاپچىلارنىڭ بىرىگە نەچچە زىق كاۋاپ پىشۇرۇشنى بۇيرۇدى. پەرھاد باشقا بىر كاۋاپچى دوستىغا ياردەملىشىپ كاۋاپ پىشۇرۇۋاتاتتى دادىسىنى كۆرگەن پەرھادنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى. ظذ، مۇشۇ مەيداندا كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە دادىسى بىلەن ئەپلىشىۋېلىشنى ئويلىدى- دە، چاقماق تېزلىكىدە يىگىرمە زىق كاۋاپنى پىشۇرۇپ دادىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى. «ئېلىڭ دادا! ئۆزۈم پىشۇرغان كاۋاپ، يەپ بېقىڭ!» دېدى. دادىسىنىڭ ياۋۇزلۇق نۇرى يېغىپ تۇرغان كۆزى پەرھادقا تىكىلدى. ظذ؛ «مەن سېنىڭ داداڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كاۋىپىڭنى يەيمەنمۇ؟» دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، نان بىلەن قويغان كاۋاپلارنى بىر تەپتى، كاۋاپلار ھەريان چېچىلىپ توپىغا مىلىنىپ كەتتى، دادا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. پەرھاد بولسا ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. باشقىلار پەرھادقا تەسەللى بېرىشتى. شۇ كۈنى پەرھاد بۇ توغرىدا ھېچكىمگە ھېچنىمە دېمىدى ياكى يىغلىمىدى. ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ زىققا گۆش ئۆتكۈزدى. كاۋاپ پىشۇردى. كەچ كىردى. ئادەملەر تاراپ كېتىشتى. ھەر كۈندىكىدەك پەرھاد باغچا ئالدىدا يالغۇز قالدى. ئۇ ماگىزىندىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئالدى. ھاراقنى ئىچتى، مەس بولدى. ئۇ يىغلاپ- يىغلاپ سېمونت تاختاي ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. شۇ كېچىسى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. سوپۇن زاۋۇتىنىڭ ماگىزىنچىسى ليۇشۆلۈي ئۇنى ئويغىتىپ، ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى لەمپە ئاستىغا ئەپكېلىپ ياتقۇزۇپ قويدى.

پەرھاد يازدا باغچا ئالدىدىكى تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئۆتسە، قىشتا كېچىسى دوستلىرى ئىشلەيدىغان ئاشخانىنىڭ ئوچاقلىرىدا، پارقازان ئۆيىدە ئۆتكۈزدى. كۈندۈزلىرى كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ جان باقتى. گەرچە ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئوغرى، لۈكچەك دەپ قارىلاپ كەلگەن بولسىمۇ، باغچا ئالدىدا ياز كۈنى تىجارەت قىلىدىغان تىجارەتچىلەر ۋە مۇشۇ ئەتراپتىكى ئائىلىدىكىلەر پەرھادنىڭ باغچا ئالدىدا ئۆتكەن يېقىنقى ئۈچ- تۆت يىللىق ھاياتىدا ئۇنىڭ بىرەر ئادەمنى ئۇرغانلىقىنى ياكى بىرەر ئايالغا قوپال چاقچاق قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەخلاقلىق بالا دەپ تەرىپلەشكە، كېچىلىرى نەرسە- كېرەكلىرىنى پەرھادقا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم ئۆيلىرىگە كېتىشەتتى.

1985- يىلى يازنىڭ بىر كۈنى كەچتە، باغچا ئالدىدا يالغۇز قالغان پەرھاد يېرىم كېچىگە يېقىن بىر دەرەخقە ئېلىپ قويۇلغان بىر چاپاننى كۆردى-دە، بېرىپ چاپاننى قولىغا ئالدى. ئۇ چاپاننىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆردى. تۆش يانچۇقىدىن بىر باغلام پۇل چىقتى. بۇ تۆت يۈز يۈەن پۇل ئىدى. پەرھاد يەنە بىر يانچۇقتىن بىر كىنىشكا تاپتى. ئۇ يول بويىدىكى چىراق يۇقىرىغا بېرىپ كىنىشكىگە چاپلانغان رەسىمنى كۆردى-دە بذ، ھەر كۈنى مۇشۇ يەردە راڭپىزا ساتىدىغان تۇڭگان بوۋاي يۈي دېجاڭنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. پەرھاد كېچىدە ئىزدەپ يۈرۈپ، يۈي دېجاڭنىڭ ئۆيىنى تاپتى. پۇلنى، چاپاننى ئېگىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. پەرھادنىڭ بۇ ياخشىلىقىدىن تەسىرلەنگەن يۈي دېجاڭ پەرھادنى مەھكەم قۇچاقلاپ تەشەككۇر بىلدۈردى. ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى، شۇنىڭدىن بېرى يۈي بوۋاي پەرھادنىڭ بۇ ياخشى ئىشىنى ئۇچرىغانلا ئادەمگە ھېكايە قىلىپ يۈردى. پەرھاد ئېغىر كېسەل ئازابىدا ياتقاندا، ئۇنىڭغا كۈندە بىر قاچا راڭپىزا بېرىشنى ئۇنتۇمىدى. ھەتتا پەرھاد ئۆلۈپ كەتكەندە پەرھادنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ پەرھاد ئۈچۈن ياش تۆككۈچىلەرنىڭ بىرى يۈي بوۋاي بولدى.

ئۆي- ماكانسىز قالغان پەرھاد تالادا يېتىپ قوپقانلىقتىن، گەرچە ئۇنىڭ كىيىمى ئانچە پاكىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئالتۇندەك ساپ ئىدى. بۇلتۇر يازنىڭ بىر ئاخشىمى باغچا ئالدىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېزىز پەرھادنىڭ دەرەخلىق ئارىسىدا يالغۇز ھالدا بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە ئۇنىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار ئادەتتىمۇ خېلى يېقىن ئۆتەتتى. ئېزىز پەرھادنىڭ يىغلاۋاتقانقىنى بايقىدى. ئۇ «پەرھاد نېمە بولدۇق؟» دەپ سورىدى. پەرھاد بىر ئاز ھاراق ئىچىۋالغانىدى. ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، ئاندىن: «دەرد ئاكا، دەرد،- دېدى ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ،- باياتتىن بىر دوستۇم كەلگەنىكەن. ظذ، مەن بۇزۇن يۈرگەن قىزنى ئېرى قاتتىق ئۇرۇپ ئاغرى- بۇرنىنى قان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى- لۈكچەك ئەر ئۇنى دائىم ئۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ تاياق يېگەنلىكىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام يۈرىكىمگە پىچاق سانجىغاندەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مەن توي قىلغان بولسا، ئۇنى بىرنى چەككەن ئادەمنى ئامان قويارمىدىم» دېدى كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، ئېزىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىماق بولۇپ:
- ئۇ قىز سېنى ياخشى كۆرگەن بولسا ئۆز ۋاقتىدا سەن بىلەن توي قىلمامتى؟ خەقنىڭ خوتۇنى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولماس ئۇكا!- دېدى.
- ياق، - دېدى پەرھاد،- ئۇ مەن بىلەن توي قىلاتتى. ھەممە ئىشنى بۇزغان رەھىمسىز ئاتا- ئانام. ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام، مۇشۇ كۈنلەرگىمۇ قالماس ئىدىم.
- ھەممىسى يىراقتا قالغان ئىشلار، بۇلارنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋەت،- دېدى ئېزىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ.
- ئۇنتالمايمەن ئاكا، مەنمۇ تۈگەشكەن ئادەم، شۇنداقتىمۇ ئۇنتالمايمەن،- دېدى پەرھاد. ئۇ يەرگە قارىغىنىچە جىم بولۇپ قالدى. ئېزىز بۇ سەرگەردان كوچا بالىسىنىڭ ئالىيجاناب قەلب ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇ پەرھاد بىلەن پات- پات پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان ۋە بەزىدە ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدىغان بولدى پەرھاد كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا، بۇ ئائىلە ئۇنىڭدىن ئالاھىدە خەۋەر ئالدى. بولۇپمۇ بۇ ئائىلىنىڭ ئانىسى زىۋىدەم ئانا گەرچە سەككىز بالىسى بولسىمۇ پەرھادنى توققۇزىنچى بالا قاتارىدا كېچە- كۈندۈزلەپ باقتى...

پەرھاد ھاياتىدا ئۆزىگە نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئۆگەي دادىسىغا، ئۆگەي دادىسىنىڭ سالغان ئاپەتلىرىنى توسۇپ قالالمىغان ئانىسىغا يەنىلا يامان نىيەت ئويلىمايتتى. ئاتا- ئانىسى ئۇنى «ئوغلۇم» دەپ چاقىرسىلا، ئۇ جەننەتكە كىرگەندەك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى. ئۇ يەنىلا ئاتا- ئانىسىنى خۇش قىلىدىغان ئىشنى قىلىشنى خالايتتى.

1985- يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىنا ئالدىدىكى يولدا تۇيۇقسىز ۋاراڭ- چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. مەن بالكونغا چىقىپ قارىسام يولدا نۇرغۇن ئادەم توپلىشىۋاپتۇ، ئەسلىدە پەرھادنىڭ ئۆگەي دادىسى بىلەن ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئوغلى مۇشتلىشىپ قالغانىكەن. ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاياللىرى يۇپۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆزئارا تىللاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇرۇشقان ئەرلىرىنى بولسا كىشىلەر ئاجرىتىۋەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككىيلەنگە ئۇرۇشماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا پەرھادنىڭ دادىسى تاياق يېگەنىكەن. بىر پەستىن كېيىن پەرھاد باغچا تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلدى-دە، دادىسىنى ئۇرغۇچى يىگىتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ: «نېمىشقا دادامنى ئۇردۇڭ؟» دەپ ئۇنىڭغا مۇش ئېتىشقا ھازىرلاندى. ھېلىقى يىگىت: «بىز سەن بىلەن ئاغىنە. ياقامنى قويۇۋەت پەرھاد» دېدى. پەرھاد: «نېمىشقا ئاغىنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلماي دادامنى ئۇردۇڭ؟» دېدى ئۇنىڭ ياقىسىنى سىلكىپ. ئۇ يىگىت: «ئۇ سېنىڭ داداڭمۇ؟ سېنىڭ قىساسىڭنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنى تازا ئۇرىمەن» دېدى. پەرھاد: «ھەي!... ئۇ دېگەن مېنىڭ دادام، بىلەمسەن؟!» دەپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى تۈكۈردى. ئۇ يىگىت: «مۇشۇ مۇناپىقنى دادام دېگەن ئاغزىڭغا» دەپ، پەرھادنىڭ ئاغىزىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردى. پەرھاد بىر نەچچە قېتىم داجىپ بېرىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ يىگىت بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. پەرھادنىڭ ئاغزى- بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. ئادەملەر ئاستا-ئاستا تاراپ كېتىشتىكى پەرھادنىڭ دادىسىمۇ، سىڭىللىرىمۇ ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتىشتى. پەرھاد يولدا يالغۇز قالدى. ئۇ ئاخىرى بۇرنىدىكى قانلارنى سۈرتۈپ يول بويىدىكى سېمونت تاختىدا ئولتۇردى. ئېرىقتىكى سودا ئاغزى- بۇرنىنى يۇدى. ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارىدى. ھېچكىم ئۇنى ئۆيگە چاقىرمىدى. ئۇ دادىسىغا بولۇشقان ئىدى. بىراق دادىسى ئۇنىڭغا بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ چىقارمىدى. پەرھاد بېشىنى ساڭگىلىتىپ يول بويىدا يېرىم سائەتتەك ئولتۇردى. مەنمۇ ئۆز ئۆيۈمنىڭ بالكونىدا پەرھادنى كۆزىتىپ تۇردۇم. پەرھاد ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى-دە، بېشىنى سېلىپ يەنە باغچا تەرەپكە كېتىپ قالدى. ئۇ گويا ئۆزىنى بىرسى چاقىرىۋاتقاندەك پات- پات بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قارايتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارايتتى. ئەمما ئۇنى ھېچكىم چاقىرمىدى. ئۇ ئاستا- ئاستا باغچا تەرەپكە كەتتى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىياپىتى ھېلىمۇ جانلىق كىنو كۆرۈنۈشلىرىدە كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

پەرھاد دادىسى بىلەن يارىشىۋالالمىدى.، شۇڭا ئۆيىگىمۇ كىرەلمىدى. دادىسى بولسا پەرھادنى «قاتىل»لىق بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغان ئەتۋىركىنى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئوبدان ساقلاپ كەلدى. پەرھاد بولسا قىلتاققا دەسسىمىدى. بىر كۈنى كەچ پەرھادنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. سىڭلىسى پەرھادقا: «ئاكا! دادام ساقلاپ يۈرگەن ئەتۋىركىنىڭ قايسى ئىشكاپتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. كېچىسى دادام ئۇخلاپ قالغاندا ئاچقۇچىنى ئېلىپ ئىشكاپتىن ئېلىپ چىقىپ سىزگە بېرەي . سىز قورقماي ئۆيگە كىرىۋېرىڭ!» دېدى. پەرھاد: «رەھمەت سىڭلىم، بىراق مېنى دەپ سىلەر يامان كۈنگە قالماڭلار. تارتىدىغان ئازابنى مەنلا تارتاي» دەپ سىڭلىسىغا تەسەللىي بەردى. سىڭلىسى بولسا ئاكىسىغا ئېسىلىپ ئۇزاق يىغلىدى. ئۇ بىچارە قىزمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ ئاتا- ئانىسى ئالدىدا ئاكىسى توغرىسىدا گەپ قىلسىلا قاتتىق دەشنامغا ئۇچرايتتى. يامغۇر ياغقان كېچىلىرى ئۇ ئاكىسىدىن ئەنسىرەپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزاتتى. شارقىراپ يىغىۋاتقان يامغۇردا ئاكىسىنىڭ سوپۇن زاۋۇتىدىكى لىيۇ شۆلۈينىڭ ماگىزىنى ئالدىدىكى لەمپە ئاستىدا دۈگدىيىپ تىترەپ ئولتۇرغان قىياپىتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى. شۇنداق كۈنلىرى تاڭ سەھەردە ئۇ ھېچكىمگە كۆرۈنمەي باغچا ئالدىغا باراتتى-دە، ئاكىسىنىڭ بار- يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ساق ياكى كېسەللىكىنى كۆرۈپ كېلەتتى ۋە ئۆيىدىن ئوغرىلىقچە تاماق ئېلىپ چىقىپ بېرەتتى.

پەرھاد بۇ يىلقى قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىنى بەزىدە پار قازان ئۆيىدە ئۆتكۈزسە، بەزىدە ئاشخانىلارنىڭ ئوچاقلىرىدا ئۆتكۈزدى. نەچچە يىلدىن بىرى ئىسسىق ئۆيدە يېتىپ باقمىغان بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلىدى. قىشتا ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە قاتتىق سوغۇق تەگكەنىدى. قار-مۇزلار ئېرىپ، يەر- زېمىن كۆكىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدا تىجارەتچىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مېزىلىك كاۋاپلارنىڭ پۇرىقى بىلەن كاۋاپچىلار خېرىدارلارنى چىللىغان ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى. پەرھاد يەنە بۇ بازاردا پەيدا بولدى. بىراق ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك تېمەن، ساغلام ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشلىرىدىن ئۆپكىسىنىڭ غىژىلداۋاتقانلىقىنى ئاڭلاش مۇمكىن ئىدى. ئۇ كېسەل بولغانلىقتىن، شەخسىي تازلىققىمۇ دېگۈدەك رىئايە قىلىپ كېتەلمىدى. شۇڭا كاۋاپچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى ياردەمچىلىككە ئالالمىدى. ياردەمچىلىككە ئالسىمۇ ئۇنىڭدا ئىشلىگۈچىلىك مادار يوق ئىدى. ئۇ كېچىسى تىجارەتچىلەرنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىگە قاراپ بەردى. تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئىشىغا ھەق بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قۇرۇق نان يېسىمۇ ئاچ قالمىدى. بىراق كىيىم- كېچەككە پۇلى بولمىغاچقا، 6- ئايغىچە قىشلىق كىيىمى بىلەن يۈردى. ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى 6- ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىدە پەيدا بولدى-دە، ئاتا- ئانىسىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭغا تىكتۈرگەن چاپان، كۆڭلەك، شىملارنى بەردى ۋە ئاكىسىنىڭ قۇلىغا يۇشۇرۇن ھالدا بەش كوي پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەتتى. ظذ، بۇ پۇلنى ئاكىسىنىڭ مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنۇشىغا، چاچ- ساقاللىرىنى ئالدۇرۇشىغا بەرگەنىدى. پەرھاد مۇنچىغا بېرىپ يۈرمىدى. ئۇ كېچىدە ئۆستەڭدە چۈشۈپ يۇيۇندى. كونا جەندە كىيىملەرنى تاشلاپ يېڭى كىيىملەرنى كىيدى.

پەرھادنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن- كۈنگە يامانلاشقىلى باشلىغانىدى. ئۇ ھەر كېچە سېمونت تاختاي ئۈستىگە ياتقانلىقتىن پۇت- قوللىرى ئىششىپ كەتتى. ئۇ بارا- بارا ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىۋىدەم ئانا پەرھادقا ناھايىتى ئىچ ئاغرىتاتتى. سەككىز بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ ئانا پەرھادتەك ئاتا- ئانىسىز، ماكانسىز قان يىتىم بالىنىڭ خارلىنىپ قېلىشىغا چىدىمايتتى. ظذ، ئۆز ئۆيىدىن يوتقان كۆرپە، كىگىز ۋە تەكىيلەرنى ئېلىپ چىقىپ سېمونت تاختاي ئۈستىگە ئوبدان ئورۇن راسلاپ پەرھادنى شۇ يەردە ياتقۇزدى. زىۋىدەم ئانا ئۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئۆيى تار، جان سانى كۆپ بولغانلىقتىن ئىلاجى قىلالمىدى. پەرھادمۇ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆيگە كىرىشنى رەت قىلدى. شۇنداقتىمۇ زىۋىدەم ئانا ھەر كۈنى تاماق ئېتىپ پەرھادقا ئۆزى ئېلىپ چىقىپ بەردى. راڭپىزا ساتقۇچى يۈي دېجاڭ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى بىر تەخسە راڭپىزا بەردى. خەنزۇ پىركازچىك ليۇ شۆلۈيمۇ ئۇنىڭغا چاي قاينىتىپ بەردى. ئۇنىڭ بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى يوقلاپ كېلىشتى. ئەمما پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ يوقلىمىدى. ئۇلار ئۆز ئوغلىدىن نومۇس قىلىپ، 7- يول تەرەپ بىلەن پەقەت ماڭمايدىغان بولدى. ئەمما جامائەتچىلىك، ھەر مىللەت تىجارەتچىلىرى پەرھادنى ئاچ قويمىدى.

بۇ يىل 7- ئاي كۈنلىرى ئۈرۈمچى تارىخىدىكى ئەڭ ئىسسىق بولغان چاغلارنىڭ بىرى بولدى. كۈندۈزلىرى كوچىلار خۇمداندەك قىزىپ كەتتى. پەرھاد سېمونت تاختاي ئۈستىدە قىزىپ كېتىپ ياتالمىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا گاژىلداپ يۈرگەن چىۋىنلارمۇ ئۇنىڭ تىنچ ياتقۇزمىدى. زىۋىدەم ئانا ئۆز بىناسىنىڭ كارىدورنىڭ لەمپىسى ئاستىنى تازىلاپ، سۇ سېپىپ سالقىن قىلدى-دە، بالىلىرىغا ئېيتىپ كارۋات قويدۇرۇپ، پەرھادنى ئەكىرىپ شۇ يەردە ياتقۇزۇپ قويدى. تىجارەتچىلەر زىۋىدەم ئانىنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىشىغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. ئەمما پەرھاد پەلەمپەي ئاستىدىكى سالقىن يەردە ئاران يېرىم كۈنلا ياتالىدى. بۇ بىنادا ئولتۇرىدىغان ئادەملەر كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كېلىشتى. بىنانىڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا ھەممەيلەننىڭ كۆزى كېسەل ئازابىدا ھاسىراپ ياتقان پەرھادقا چۈشتى. بەزىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشتى. بەزىلەر ئۇنىڭ قاراپ قويۇپ ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتىشتى. يەنە بەزىلەر پەرھادقا نەپرەت بىلەن قاراشتى ؤە: «بۇ يوقۇملۇق كېسەلنى بىنانىڭ ئىچىگە كىم ئېلىپ كىردى. بىنا ئىچىدە كېسەل تاراپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟» دەپ چۇقان سېلىشتى. ھالسىز ياتقان پەرھاد ئۈچۈن بۇ گەپلەر ئۆلۈمدىن ئارتۇق بىلىندى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداقتۇر بىر غايىۋى كۈچ پەيدا بولغاندەك بولدى-دە. ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بىنانىڭ سىرتىغا چىقتى. ئون قەدەمدەك مېڭىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ قالدى-دە، قاتتىق يولغا ئوڭدىسىغا چۈشتى. كىشىلەر ھوشسىز پەرھادنى يەنە كوچا بويىدىكى سېمونت تاختاي ئۈستىگە ئاپىرىپ ياتقۇزۇشتى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تېخىمۇ تۇتۇلدى. 8- ئاينىڭ كىرىشى بىلەن ھەتتا تاھارەتكىمۇ ئۆزى بارالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئوتتەك قىزىتمىسى كېچە- كۈندۈزلەپ پەسلىمىدى. زىۋىدەم ئانا ئۇنىڭغا قايناق سۇغا شېكەر سېلىپ ئۇسسۇزلۇق قىلىپ بېرىپ تۇرىدى. پەرھاد كۈن بويىچە شېكەر سۈيىدىن باشقا ھېچنېمە يېمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى كۈندىن- كۈنگە يامانلىشىۋاتاتتى. زىۋىدەم ئانا ئاخشاملىرى چىقىپ ئۇنىڭ كۆڭلەك- چاپىنىنى سالدۇرۇپ، كېچىدە يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، تاڭ سۈزۈلۈش ئالدىدا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى كىيىندۈرۈپ قويدى. زىۋىدەم ئانا ئۇنىڭ شىمىنى يۇيۇپ بېرىشنى سورىغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىمىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ئىچ تامبال يوق ئىدى.

بىر كۈنى كۈچ زىۋىدەم ئانا پەرھاد ئۈچۈن شويلا قىلىپ ئېلىپ چىقتى. پۈتۈن شەھەر ئۇيقۇغا چۆمگەنىدى. ئەمما كوچا بويىدىكى بۇ دەرەخلىقتىن پەرھادنىڭ سۇس ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زىۋىدەم ئانا كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى ۋە ئاشنى پەرھادقا ئىچكۈزدى. پەرھاد ئاشتىن بىر نەچچە قوشۇقلا ئىچتى. ئۇنىڭ كۆڭلى بولسا ھېچنېمىنى تارتمايتتى. زىۋىدەم ئانا ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتتى. ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ ئەپتىدىن قول كۆيەتتى. زىۋىدەم ئانا قول ياغلىقنى يول بويىدىكى ئېرىقنىڭ سوغۇق سۈيىگە چىلاپ پەرھادنىڭ چېكىسىگە يېپىپ قويدى. ئەتراپ جىمجىت ئىدى، پەقەت پەرھادنىڭ غىژىلداپ نەپەس ئېلىشىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زىۋىدەم ئانا پەرھادقا قاراپ ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ سەككىز بالىسىنىڭ چوڭ بولۇش جەريانى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. بالا دېسە جان بېرىدىغان بۇ مېھرىبان ئانا ئۈچۈن بالا مېھرىدىنمۇ ئارتۇقراق ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئۇ پەرھادنىڭ ئانىسىنىڭ مۇشۇ يەردىن يۈز مېتىر يىراقتىكى بىنادا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. پەرھادنىڭ باغچا ئالدىدىكى ئۈچ- تۆت يىللىق ھاياتىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغۇچى بۇ ئانا پەرھادنىڭ ئانىسىنىڭ سوقۇپ يۈرەكنىڭ بارلىقىغا، ئىنسانلىق ھېس- تۇيغۇنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى. پەرھادنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلغان ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى. ئۇ پەرھادنىڭ بېشىنى سىلىدى: «بالام پەرھاد، ئەجەپ قىينىلىۋاتىسەن بالام» دېدى ئانا بۇقۇلداپ يىغلاپ، پەرھادنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ بارغانسېرى ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. «يىغلىما بالام، يىغلىما!» دەيتتى ئانا، ئەمما ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلۈۋاتاتتى. ئۇ بىر قولىدا پەرھادنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتسە، بىر قولىدا ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. پەرھاد يىغلاۋاتاتتى. ئۇ شۇنچە يىللاردىن بىرى ئانىسىنىڭ «بالام!» دەپ چاقىرىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە يىغلايتتى. ئۇ ئانىسىنىڭ باشقا ئانىلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىللىق چىرايىنى كۆرەلمىگەنلىكىگە يىغلايتتى. ئۇ ھېچنىمىگە كېرەككە كەلمەي توپىدىن بەتتەر بولۇپ ياتقان مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە يان بىر ئانىنىڭ كېلىپ بېشىنى سىلاپ «بالام!» دەپ چاقىرغانلىقىغا يىغلايتتى. ئۇنىڭغا تەشەككۇر ياشلىرىنى تۆكۈپ يىغلايتتى.
زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئاندىن: «ئەتە مەن ئاتا- ئاناڭ بىلەن كۆرۈشەي، ئەھۋالىڭنى ئېيتاي. ئەگەر ئۇلار ئىنساۋىغا كەلسە، ساڭا ئىگىدارچىلىق قىلار، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتار» دېدى.
- ئاۋارە بولماڭ ئانا،- دېدى پەرھاد سۇس ۋە بوغۇق ئاۋازدا،- تېنىم ساق، قولۇمدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان چاغدا ماڭ ئىگىدارچىلىق قىلمىغان ئادەملەر ئەمدى ئىگىدارچىلىق قىلارمۇ؟ بىراق، ئانام بۇ كوچىدىن زادى ئۆتمەيۋاتىدۇ. ئانامنى كۆرمىگىنىمگە ئىككى يىل بوپتۇ. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئانامنى بىر قېتىم كۆرۈۋالسام مەيلى ئىدى،- پەرھاد جىمىپ قالدى، بەلكىم ئۇ ئانىسىنى خىيال قىلىۋاتقاندۇ. زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ يېنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇردى. پەرھادنىڭ قىزىتمىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتاتتى. پەرھاد قالايمىقان جۆيلۈشكە باشلىدى، زىۋىدەم ئانا ئۆيگە كىرىپ پەرھاد ئۈچۈن قايناقسۇ ۋە دوختۇرخانىدىن ئەكەلگەن قىزىتمىسىنى پەسەيتىش دورىسىدىن ئېلىپ چىقتى-دە، پەرھادقا دورا ئىچكۈزدى. پەرھاد ھاسىراپ نەپەس ئالاتتى. زىۋىدەم ئانا قول ياغلىقىنى ھۆل قىلىپ بىر نەچچە قېتىم پەرھادنىڭ چېكىسىگە قويدى. دەل بۇ ۋاقىتتا بولسا پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىسسىق ئۆي، يۇمشاق يوتقاندا يېنىپ شىرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلار پەرھاد دېگەن بالىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداق بىر بالىنىڭ بولغانلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى.
پەرھاد ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. شەرق ئاسمىنى ئاقىرىشقا باشلىغاندا زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى-دە، ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

ئەتىسى زىۋىدەم ئانا، تىجارەتچى بوۋاي يۈي دېجاڭ، پىركازچىك ليۇ شۆلۈي قاتارلىق ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان مۇشۇ ئەتراپتىكى ئاھالە ۋە تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرى پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۆيدە پەرھادنىڭ ئانىسى بار ئىدى. ۋەكىللەر پەرھادنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرىپ داۋالىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ پەرھادنىڭ ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەشتى. پەرھادنىڭ ئانىسى بولسا بىرىنچىدىن، پەرھادنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مائاشىنى بەرسە؛ ئىككىنچىدىن، پەرھادقا ئۆي بەرسە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى شەرت قىلدى. نەق مەيداندا شەھەرلىك قاتناش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوپۇر: «بالىنى ئالدى بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرىپ داۋالىتىپ ساقايتىڭ، ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى مەن ھۆددىگە ئالاي» دەپ ۋەدە بەردى. زىۋىدەم ئانا: «ئۆينى مەن تېپىپ بېرەي» دېدى، پەرھادنىڭ ئانىسى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچى بولۇپ ۋەكىللەرنى ئۇزىتىپ قويدى. شۇ كۈنى ئۇلار پەرھادنى ئۆيگە ئەكىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئەۋەتتى. بۇ گەپلەرنى پەرھاد ئاڭلىدى. ئۇ يىغلىمىدى ياكى رەنجىمىدى. پۇت- قوللىرى كۆپۈپ ئىششىپ ئوتتەك قىزىپ ياتقان پەرھاد يەنىلا سېمونت تاختاي ئۈستىدە ئۈن- تىنسىز ياتاتتى. زىۋىدەم ئانا كۆزىگە ياش ئېلىپ: «كۆڭلۈڭنى بۇزما بالام! ساڭا ئاتا- ئاناڭ ئىگە بولمىسا مەن ئىگە بولىمەن. ئالدى بىلەن سېنى داۋالىتايلى، ئاندىن كېيىن سېنىڭ نوپۇسىڭنى تېپىپ ئۆز نوپۇسۇمغا ئالغۇزىمەن، سەككىز بالام توققۇز بولىدۇ. سېنى ئۆزۈم ئۆيلەيمەن» دېدى پەرھادقا تەسەللى بېرىپ.
پەرھاد دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. ئەمما ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى...

زىۋىدەم ئانا قاتارلىقلار مەسلىھەت قىلىشىپ، پەرھادنىڭ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرمەكچى بولۇشتى. خەنزۇ پىركازچىك ليۇ شۆلۈي رەڭلىك مېتاللار ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىگە تېلېفون بەردى. شىركەتنىڭ قوغداش بۆلۈمىدىن تۆت ئادەم كەلدى-دە، پەرھادنى كۆرۈپ: «بىز بۇ ئادەمنىڭ تونۇمايمىز» دەپ كېتىپ قېلىشتى. ئۇلار پەرھاد بۇرۇن ئىشلىگەن 2- قۇرۇلۇش رايونىنىڭ 3- ئەترىتىگە تېلېفون بەردى. تېلېفوننى ئەترەت شۇجىسى ئېلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: «پەرھادنى بىز ئاللىبۇرۇن ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ھېيت كۈنى يېقىنلاشماقتا ئىدى. پەرھاد بىرەر ھەپتىدىن بېرى شېكەر سۈيىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يېمەيتتى. يېسىمۇ قەي قىلىپ ياندۇراتتى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا ئىدى. زىۋىدەم ئانا كۈندە ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرغان دورىمۇ كۆپ تەسىر قىلالمىدى. زىۋىدەم ئانىنىڭ تەشۋىشى كۈچىيىۋاتاتتى. ئۇ ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى بولۇشىغا قارىماي ئۈمىدسىز ھالدا ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرەخلىقتە چىۋىنغا يەن بولۇپ، توپا- چاڭغا مىلىنىپ ياتقان پەرھادنىڭ يېنىغا كەلدى، پەرھادنىڭ كۆز چاناقلىرىدا چاپاق ئۆرلەپ قالغانىدى . كېسەل ئادەم ئۆلۈمگە يېقىنلاشقاندا كۆزى چاپاقداپ قالىدىغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ باغچا ئالدىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ، كۆپچىلىك ئۆزلىرى پۇل يىغىش قىلىپ پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇشتى، كاۋاپچىلار، باققاللار، سامسىپەزلەر ئىختىيار قىلغۇچىلار ئاز- تولىدىن پۇل تاشلىدى. بىر پەستە يىگىرمە نەچچە كوي پۇل يىغىلدى. قالغان پۇلنى زىۋىدەم ئانا ئۆزى چىقىرىپ پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولدى، دەل شۇ سائەتتە زىۋىدەم ئانىنىڭ تۇرپاندىكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كەلدى ظذ، پەرھادنىڭ ئىشىنى بالىلىرى ۋا جامائەتچىلىككە تاپشۇرۇپ، ئۆلۈم پەتىسى ئۈچۈن تۇرپانغا كېتىپ قالدى. ظذ، پەرھاد بىلەن يىغلاپ خوشلاشتى.

جامائەتچىلىك پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئالدىراشتى. بىراق، پەرھاد دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلدى. ظذ: «مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمەن. مېنى تىنچ ياتقىلى قويۇڭلار، مېنى قوزغىماڭلار» دەپ كۆپچىلىككە يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن نومۇس قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق سۆرىلىپ يۈرۈشى ئاتا- ئانىسى ئۈچۈن تۈگىگۈسىز بىر كۆڭۈل غەشلىكى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن، ئاتا- ئانىسىنىڭ جامائەت ئالدىدىكى خۇدۇكچىلىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆلۈشنى خالايتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى. شۇ كۈنى كېچىسى سىڭلىسى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى ۋە ئاكىسىنى قۇچاقلاپ يىغلىدى. پەرھاد سىڭلىسىغا تەسەللىي بەردى ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ «ئانامنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى» دېدى. ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانسېرى، ئانىسىنى شۇنچە كۆرگۈسى كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقى توغرىسىدا كەچۈرۈم سوراشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى كۆز يېشى قىلىپ، تۈن قاراڭغۇسىدا پەرھاد ياتقان بۇ يول بويىدىن كېتىپ قالدى. پەرھاد كېچىچە ئانىسىنى خىيال قىلىپ چىقتى. ظذ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئانىسىنىڭ ئەركىلەتكەنلىرىنى، مەڭزىگە سۆيگەنلىرىنى، قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، ئانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئانىلىق مېھرىگە تولغان ئىللىق چىرايى، مېھرىبان كۆزلىرى ئەكس ئەتتى. ئۇ خىيالىدا ئۆزىنىڭ 4-5 ياشلىق ۋاقتىغا قايتتى. يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقتى. ئانا ئۇنى ئەركىلىتىپ سۆيدى. ظذ، ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى... پەرھاد شۇ خىياللارنى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بىرى كۈلكە كۆرمىگە چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم پەيدا بولدى. بىر پەستىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئۆچتى. ئۇنىڭ خىيالى بۆلۈنگەنىدى. ئۇ ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ- كىچىك تىندى. ئۇ ئۆمرىدە ئانىسىنى خۇشال قىلغۇدەك تۈزۈكرەك بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلدى. ياندا ئۆز تاۋۇزلىرىنى ساقلاپ ياتقان تاۋۇزچى پەرھادنىڭ «ئانا! ئانا!» دەپ سۇس ئىڭرىشىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، پەرھادنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ پەرھاد، مەن ئاناڭنى چاقىرىپ كېلەيمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرھاد بېشىنى چايقىدى. ئۇ كۆڭلىدە بۈگۈن كېچە ئانىسىنى چوقۇم ئۇنىڭ يوقلاپ كېلىپ قالىدىغاندەك سېزەتتى. ئۇ «شىپىر» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن بېشىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇراپ قارىدى. بىراق، ئانىسى كەلمىدى. ئۇ كېچىنى تەقەززالىق بىلەن ئۆتكۈزدى. ئانىسى بولسا كەلمىدى. تاڭ سۈزۈلدى، پەرھادنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلدى. ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.

1986- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى. ھەممە ئادەم، ھەممە ئائىلە ھېيت تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ كۈنى پەرھادنىڭ بىر نەچچە دوستلىرى ئۇنىڭ يوقلاپ كەلدى. پەرھاد ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ: «مەندىن رازى بولۇڭلار» دەپ ئۇلار بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ دوستلىرى ھېيت ھارپىسىدا پەرھادنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ شۇندا دەۋاتسا كېرەك ئويلاتتى. ظذ، شۇ كۈنى راڭپىزا سېتىۋاتقان خۇيزۇ بوۋاي يۈي دېجاڭغا ئىشارەت قىلدى. يۈي دېجاڭ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. پەرھاد جامائەت يىغىش قىلىپ بەرگەن يىگىرمە نەچچە يۈەن پۇلنى يانچۇقىدىن ئېلىپ: «مەن بۇ يىل سىزگە 32 يۈەنگە قەرزدار بولدۇق. ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئاز بولسىمۇ بۇ پۇلنى ئېلىڭ، پۇلنىڭ قېپقالغان قىسمىغا رازى بولارسىزمۇ؟» دېدى-دە، قولىدىكى پۇلنى يۈي بوۋايقا تۇتقۇزدى. يۈي بوۋاي يۈي بوۋاي كۆزىگە ياش ئېلىپ: «مەن كوچىدا ئۇنتۇپ كېتىپ قالغان 400 يۈەن پۇلنى تېپىپ ماڭا ئاپىرىپ بەرگەن ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇمايمەن، پۇلىڭىز ئۆزىڭىزدە تۇرسۇن. 32 يۈەن ئۈچۈن مەن رازى» دېدى ۋە پەرھاد بەرگەن پۇلنى يەنە ئۇنىڭ تۆش يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. پەرھاد ماگىزىنچى ليۇ شۆلۈيگە ئىشارەت قىلدى. لىيۇ شۆ لۈي پەرھادنىڭ يېنىغا كەلدى، پەرھاد: «مەن سىزدىن ھاراق ئىچتىم، يەيدىغان نەرسە ئالدىم. مەندە 20 يۈەندىن ئارتۇق پۇلىڭىز بار، مانا بۇ پۇلنى ئېلىڭ!» دەپ، يۈي بوۋاي ئالغىلى ئۇنىمىغان پۇلنى لاۋليۈنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ليۇ پىركازچىك: «مەن سىز ئىچكەن ھاراقلارنى، يېگەن نەرسىلەرنى سىزگە ھەقسىز بەردىم. مېنىڭ سىزدە پۇلۇم يوق» دەپ پەرھادتىن پۇلنى ئالمىدى. پەرھاد شۇ كۈنى كۆپ ئادەملەر بىلەن ۋىدالاشتى...

كەچ كىردى، ھارپا ئاخشىمى ئۆي- ئۆيلەر خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. بىر قىسىم كىنو- تىياتىرخانىلاردا ھېيتنى تەبرىكلەپ ئويۇن قويۇلۇۋاتقان بولسا، بىر قىسىم ياشلار سورۇندا جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە تانسا قىزىتىۋاتاتتى. بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا بولسا زىياپەت بولۇۋاتاتتى، رۇمكا ئۇرۇشتۇرۇلۇۋاتاتتى. بىر مۇنچە ئائىلىدىكىلەر مەخسۇس قۇربان ھېيتقا ئاتاپ تېلېۋىزوردا بېرىلگەن ناخشا- مۇزىكىلاردىن لەززەت ئېلىۋاتاتتى. ھەممە ئائىلىلەر يىراق- يېقىندىكى بالا- چاقىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشقانىدى. ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئائىلىدىكىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ كېلىشكەنىدى. ھەممە ئائىلىلەردە خۇشاللىق تەنتەنە قىلماقتا ئىدى. جۈملىدىن پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ھېيت پەيزىگە چۆمگەنىدى. ئانا بولسا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ يېڭى كىيىملىرىگە دەزمال سېلىۋاتاتتى. ئۈستەل ئۈستىگە بولسا ئەتە ھېيت ئۈچۈن تەييارلىغان ساڭزا، ھەرخىل پىرەنىك، نازۇ-نېمەتلەر توشۇپ كەتكەنىدى. ئەتە قۇربانلىق ئۈچۈن سويىدىغان قوي بالكوندا باغلاقلىق ئىدى. چىرايلىق بىزەلگەن بۇ ئۆي غەمدىن يىراق ئىدى. مۇشۇ سائەتتە ئۆزلىرىدىن يۈز مېتىردەك نېرىدا توپىغا مىلىنىپ، جان تالىشىۋاتقان بىر ئىنساننىڭ يەنى شۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىغا ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان بىردىنبىر ئوغلىنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ ئېسىدە يوق ئىدى.

پەرھاد سېمونت تاختاي ئۈستىگە گاھ ھوشىدىن كېيىپ، گاھ ھوشىغا كېلىپ ياتاتتى، ئۇ ئاغرىق ئازابىدا بىر تولغانىدى- سېمونت تاختاي ئۈستىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ يەنە ھوشىدىن كەتتى، خېلىدىن كېيىن ھوشىغا كەلدى. ئۇ نېمىدىندۇر قاتتىق قورقۇۋاتاتتى. ئۇ پەقەت «ئانا! ئانا!...» دەپ سۇس ئىڭرايتتى. ئۇ سېمونت تاختاي ئۈستىگە چىقىپ يېتىش ئۈچۈن مىدىرلاپ باقتى، ئەمما ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئۇ «ئانا! ئانا!...،» دەپ ئىڭرايتتى.

1986- 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشقا تەييارلىنىپ چىققانلاردىن بىرەيلەن پەرھادنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ پەرھادنى سېمونت تاختاي ئۈستىگە ئېلىپ قويۇش ئۈچۈن باردى-دە، پەرھادنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردى. جامائەت بىر- ئىككىدىن بۇ يەرگە يىغىلدى. پەرھادنىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭ نەپەس ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. پەرھادنىڭ ئانىسى بۈگۈن ئەتىگەن ھېيتلىق ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان توق رەڭلىك ئېسىل كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا ئاق كۆڭلەك كىيىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئائىلە ئادەملىرى مەھەللىدىكى جامائەتنىڭ نەپرەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى ئاستىدا پەرھادنىڭ جەسىتىنى ھارۋىدا سۆرەپ ئۆيىگە ئېلىپ مېڭىشتى. نەچچە يىل ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، سانسىزلىغان كېچىلەردە دېرىزىسىگە تەلمۈرۈپ قاراپ ئۆتكەن، ھاياتىدا ئۆيگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن پەرھادنىڭ جەسىتى ئۆيگە كىردى. ھايات چېغىدا ئانىنىڭ «بالام» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاشنى ئارمان قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ سۆزنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىگە بولالمىغان پەرھادنىڭ جەسىتى «بالام، پەرھاد بالام!» دېگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

جامائەت بىردىن- ئىككىدىن ئۆلۈم پەتىسىگە كېلىشكە باشلىدى. ئاتا- ئانىنىڭ گۇناھكار كۆزلىرى بولسا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن جامائەتكە قاراشقا پېتىنالمايتتى. پەرھادنىڭ باغچا ئالدىدىكى تۆت يىللىق ئېچىنىشلىق ھاياتىغا گۇۋاھ بولغۇچى تىجارەتچىلەر ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر پەرھاد ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە ئىدى.

ئازاب- ئوقۇبەتتىن، بۇ دۇنيانىڭ تۈگىمەس خورلۇقلىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلغان پەرھاد گويا ئۇيقۇغا كەتكەندەك تىنچ ياتاتتى.



1986- يىل ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئۆتكەن يىلى ئوقۇغان چېغىمدا كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار ئاققان ئىدى...

باھا سۆز

سىرداش مېنىڭ تۇنجى كۈرۈشۈم . ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم، پەرھاتنىڭ بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمىسە باغرى تاش تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:33

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 23:28
بۇنى ئۆتكەن يىلى ئوقۇغان چېغىمدا كۆزلىرىمدىن ئىختىيار ...

مېنىڭ  تۇنجى  كۈرۈشۈم   .   ئۈزۈمنى  تۇتۇۋالالمىدىم، پەرھاتنىڭ  بىچارە  ھالىتى  كۆز ئالدىمدىن كەتمىسە  باغرى تاش ئانىغا بولغان  غەزىپىم  ھەسسىلەپ ئاشتى،  بۇ ئايالنىڭ    ئۈزىنىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشكەن بالىسىدىنمۇ ئەتىۋا كۈرۈشكە  نىمە سەۋەپ بولدى؟

باھا سۆز

مەرىپەت بەلكىم ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغاندۇ... تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:35
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:35:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 23:33
مېنىڭ  تۇنجى  كۈرۈشۈم   .   ئۈزۈمنى  تۇتۇۋالالمىدىم، پەر ...

بەلكىم ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغاندۇ...

باھا سۆز

سىرداش بالىسىنى ئۈگەيلەيدىغان ئاشۇ ھايۋاندىن باشقا ئنىڭغا ئەر چىقماسمىدى؟ ( كەچۈرۈڭ سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم) تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:39

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:39:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 23:35
بەلكىم ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغاندۇ...

بالىسىنى  ئۈگەيلەيدىغان  ئاشۇ ھايۋاندىن باشقا  ئنىڭغا  ئەر  چىقماسمىدى؟   (  كەچۈرۈڭ  سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم)

باھا سۆز

مەرىپەت ھاياجېنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئىشلارنى سوغاققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:42
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:42:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 23:39
بالىسىنى  ئۈگەيلەيدىغان  ئاشۇ ھايۋاندىن باشقا  ئنىڭغا ...

ھاياجېنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئىشلارنى سوغاققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

باھا سۆز

سىرداش ماقۇل. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 22:27

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 10:19:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئەنە شۇنداق،ھايات يولى ئەگرى-توقايلىققا،مۇشەققەتلىككە تولغان ئۆتكۈنچى جەرياندۇر.ھەركىمنىڭ تەقدىرى ھەرخىل...

باھا سۆز

سىرداش كوزدىن كەچۈرگىنىڭىزغا رەھمەت. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 22:28
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 11:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى دىسەم بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم ھەم ئاخىرىنى ئوقۇپ  تۈگىتىشكە يۈرىكىم چىدىمىدى . ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم . كۆز ياشلىرىمنى ھەر قانچا قىلساممۇ توختىتالماي تتىم .
ھەم جاھاندا مۇشۇنداقمۇ باغرى تاش ئاتا - ئانىلارنىڭ بارلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ئىشەنمەي دىسەم بۇ ھەقىقى ۋەقە مېنى ئىشەندۇرۇشكە ھەم ئاشۇ ئادەملەرگە بولغان غەزەپ - نەپرىتىمنى قوزغاشقا تۈركە بولماقتا ئىدى .
بىزدە « ئاتىغا قالغان كۈل يىتىم ، ئانىغا قالغان گۈل يىتىم » دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى  . ئەمما بۇ بىچارە يىگىت ئانىغا قلىپمۇ گۈل يىتىم بولماق تۈگۈل كۈل يىتىممۇ بولالماپتۇ .
قىسقىسى ئاشۇ ئاتا - ئانىلارھسايۋانچىلىكمۇ  بولالماپتۇ .
سىرداش ئەپەندى دىگەندەك ئاشۇ ئانىغا مۇشۇ رەھىمسىزدىن ئەردىن باشقا بىرسى تېپىلمىغانمىدۇ . ئۆز بالىسىنى سىرتتا تاشلاپ  قويىدىغانغا يۈرىكى قانداقمۇ  چىدىغاندۇ .
ئامالىم بولسىدى ئاشۇ تاش يۈرەكلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن .

باھا سۆز

سىرداش ھىسياتىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن، مەن ئۈگەي دادىدىن بەكرەك ئاشۇ ئەر سارىڭى بولغان ئانىغا بەكرەك نەپرەتلىنى تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 15:03

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 15:03:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-11-15 11:23
راستىنى دىسەم بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىت ...

ھىسياتىڭىزغا   ھۆرمەت قىلىمەن،    مەن  ئۈگەي  دادىدىن  بەكرەك   ئاشۇ ئەر سارىڭى بولغان ئانىغا بەكرەك نەپرەتلىنىمەن..
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 23:09:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دۇنيادا شۇنداق باغرى تاش ئانىلارمۇ بارئىكەن.....شۇ خۇتۇنغا ئاخىرەتتە چۇقۇم سۇراق بار بولغاندىمۇ قاتتىق سۇراق بار....

باھا سۆز

سىرداش توغرا دەيسىز. ئۇمۇ بىر ئانا ھە؟ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 23:28
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:34, Processed in 0.401505 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش