پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3608 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 麦提图尔荪 15 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 26 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

  • 麦提图尔荪 19 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 1

ئايرىمخانا قىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 21:26:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شائىرىمىز  نىڭ بۇ شىرىنى مەن تور ئارلاۋېتىپ  كۇرۇپ قالدىم  ھەم بىر تۇققۇنۇمنى ئۇچراتقاندەك بەك خۇشال بولدۇم،   ئىلگىرى بايقاشقا يوللانغانمۇ  بىلمەيمەن   ، شائىرغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن بۇ شىرنى يوللۇدۇم  بەھىرلەنگەيسىلەر


ئايرىمخانا قىزلىرى

(ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت)


قېنى قەدىر-قىممىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
  قېنى ئېسىل خىسلىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟!
قېنى نومۇس-ئىپپىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

قېنى غۇرۇر، شۆھرىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟







كىم ئىدىڭ سەن تارىختا، ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەسلىڭىنى؟
قۇرۇتتۇڭمۇ نەفىسە، نۇزۇگۇمدەك نەسلىڭنى؟  

ئۇيغۇر قىزى دېسەمدىم كۆرۈپ گۈلدەك ۋەسلىڭنى،
  بىلمىدىڭ ئاھ، چەيلىدى كىملەر باھار پەسلىڭنى؟
بولدى ئىبلىس ئۈلپىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى...






ئانىلارنىڭ قەلبىدەك پاكىز ئىدى بۇ تۇپراق،
ئوغۇز سۈتى پۇرايتتى چاچسا ھەر گۈل خۇشپۇراق،
ئەجدادىمىز ئاسرىغان بولۇپ ئاڭا كۆز قاراق،
بۇلغىدىڭسەن، ۋىجدانىم ياغدۇرىدۇ مىڭ سوراق،
تەقدىر ئەمەس قىسمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






چىقىپ كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن كىرىپ تۇيۇق يولغا سەن،
تاشلاپ ئاتا-ئاناڭنى بۇزۇلغاچقا پۇلغا سەن،
خوجايىنىڭ ئالدىدا ئايلاندىڭغۇ قۇلغا سەن،
ماڭالمايسەن ئوڭغا بىر ۋە يا ئەمدى سولغا سەن،
مېھمان كۈتۈش بولدى خىزمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






«رېستۇران» دەپ چىرايلىق ۋىۋىسكىغا باقتىڭسەن!  
بىر شەرمەندە، ۋىجدانسىز خوجايىنغا ياقتىڭسەن،
نەسىھەتكە توختىماي پەشلىرىڭنى قاقتىڭسەن،
كالتە ئىشتان، قىزىل چاچ كوچىلاردا ئاقتىڭسەن،
بازار تاپتى ئىشرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






تالاي سەبىي قىزلارنى ئالداپ ساتتىڭ شەيتانغا،
ئانا ئىدى ئۇلارمۇ ئوغۇز، سۇتۇق سۇلتانغا،
باقار ئىدۇق ئۇلارنىڭ كۆزىدە بىز جاھانغا،
قان يىغلىدى يۈرەكلەر يەتمەي ئارزۇ-ئارمانغا،
شۇمۇ بىزگە ھىممىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى؟!...






ھەمراھ بولۇپ بايۋەچچە، كاتتىلارغا كۈندە سەن،
  يېشىل چىراق ياندۇردۇڭ بوسۇغاڭدا تۈندە سەن،
كوچىلارنى بىر ئالدىڭ، سەت، چىقىراق ئۈندە سەن،
يۈزىمىزگە ياق! دىلغا چاچتىڭ شۇنداق يۇندا سەن،
يۇقتى رەزىل ئىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






شەربەت ئىچكەنتى، سەن ئوتلۇدۇڭ زەھەرنى،
ئاناڭ دەملەپ چاي بەرگەن بېسىپ كەلسەڭ سەپەرنى،  
چەكتىڭ، ئىچتىڭ ئاھ، ئەجەپ تاشقا ئۇردۇڭ گۆھەرنى،
كىم ئۈگەتتى بىلەمسەن، ساڭا بۇ خۇي-ھۈنەرنى؟
ئۆلدى ئەردەك غەيرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






ئون بەش ياشلىق ئالۋاستى! ساتتىڭ خەقكە تېنىڭنى!
نومۇسۇڭنى ساتقىچە، ساتساڭ ئىدىڭ قېنىڭنى،
بارلىقىڭنى ساتساڭمۇ باقالمىدىڭ جېنىڭنى،
خوجايىنغا تۇتقازدىڭ ھەميىنىڭنى-يېنىڭنى،  
دوزاق بولدى جەننىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






سۆيەر ئىدىڭ بالاڭنى، ئاغزىڭ سېنىڭ بۇلغاندى،
  قۇچاقلاردىڭ ئاناڭنى، ئېسىت، تېنىڭ بۇلغاندى،
ئۇيغۇر دەيتتىڭ ئۆزۈڭنى، ئەمدى قېنىڭ بۇلغاندى،
ئېلىپ سېنى تىلغا مەن، تىلىم مېنىڭ بۇلغاندى،
  يەتتى ئەجەل مۆھلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






توۋا دەيمەن، قولۇڭدا «تىجارەت» كە خېتىڭ بار،
بىراق، ئەلنىڭ ئاغزىدا «پاھىشە» دەپ ئېتىڭ بار،
ھايۋان كەبى ياشايسەن، ئوچۇق ساغرا-چېتىڭ بار،
لەنەت قىلساق تالايدۇ، بوسۇغاڭدا ئىتىڭ بار،
كاتتا سېنىڭ «قۇدرىتىڭ»، ئايرىمخانا قىزلىرى.






ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى كوچىدىلا تورايسەن،
  رېستۇرانغا سۆرەيسەن، چۆنتىكىنى سورايسەن،
  قۇچىقىغا تاشلىنىپ «ۋاي جېنىم» دەپ توۋلايسەن،
تىللىرىڭنى چىقىرىپ ئەمەس يەرنى شورايسەن،
رەسۋالىقىڭ دۆلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.






ئېلىپ كەلدىڭ خىروئىن، ئەيدىز ئاتلىق ۋابانى،
نامىمىزنى سېسىتتىڭ، بۇلغىۋەتتىڭ ھاۋانى،
مىڭ بىر تەشۋىش ئويۇمدا، بۇلغارسەنمۇ دۇنيانى؟
بەندىلەرنىڭ ئالدىدا تەڭقىس قىلدىڭ خۇدانى،
تۈگىشەرمۇ مىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى؟؟؟




مەنبە : تەڭرىتاغ مۇنبىرى

  
  
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

69

تېما

16

دوست

3343

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
876 سەر
تىللا
243 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
515 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 13:06:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشىئېر ئاللابۇرۇن بايقاشقا يوللانغان.  شائىر ئالاھىدىن تىمىللىرىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.......
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 12:50, Processed in 0.150923 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش