پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 0

تولۇقسىز7-يىللىق يېڭى سۆزلىككە ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
16 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 15:15:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل –ئەدەبىيات دەرىسلىگىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق چۇشەندۇرلىشى

تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات 7-يىللىق 1-قىسىم

كارتىنا _ ( رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغان تەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .
ئوبىراز _ ئوبىيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كوفىيسى : ئوبىراز ئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق . يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشى ، تاللاش ، پىششقلاش ۋە يوغۇرۇشىدىن كىلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى .
كىزىش _  مېڭىپ يۈرۈش ، ئايلىنىش ، سايائەت قىلىش ، ئارىلاش .
ئىزھار _  بايان قىلىش ، سۆزلەش ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ، بىلدۈرۈش .
سادا _ تاۋۇش ، ئۈن ، ئاۋاز ، كۆچمە : ئىنكاس ، جاۋاپ .
غايىۋى _ مۇئەييەن بىر غايە ، ئىدېئولۇگىيگە ئىگە ؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدىئولۇگىيگە ئاساسلانغان : يۇشۇرۇن .  
تەلپۈنۈش _   تەمشىلىش ، ئىنتىلىش . كۆچمە . مەلۇم تەرەپكە تارتىماق ، ئۆزلۈكسىز سوقماق ،(  يۈرەك ، كۈڭۈل ، قەلىب ھەققىدە )
ياۋايى _ ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان . ئۆزى تەبىئيى ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاس بولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ئىجىتمائى تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ،  ، ۋەھشىي .
نەزەر سېلىش _  كۆز سېلىش ، دىققتىنى بۇراش ، قاراش ،
جەزبىدار _  جەلىپ قىلارلىق ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ، دىققىتىنى تارتىدىغان .
دەقىقە _ سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت .   كۆچمە . قسقىغىنە ۋاقىت ، پەيىت .
مىنگىشىپ _  ئات- ئۇلاغ ، ۋەلىسپىت ، مۇتسىكلىت قاتارلىقلارغا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مىنىش ،  ئارتلىدۇرۇش .
زەن سېلىش _ ئۇي- پىكىر ، خىيال ، زىھىن ، نەزەر سېلىش ، دىققەت قىلىش .
گاھى _   گاھ، ، بەزەن- بەزەن ، بەزى- بەزى ، ئارىلاپ- ئارىلاپ .
خانىش _ خان ، پادىشاھ ۋە ۋاڭلارنىڭ خوتۇنى .
ئەجدىھا  _ ئەپسانىۋى چوڭ يىلان . كۆچمە . قانخۇر ، ياۋۇز ، زالىم . دىھقانلار كالىندارىدىكى 12 مۈچەلنىڭ بەشىنچىسنىڭ  نامى .
ئەينەن _ ھېچقانداق ئۆزگرىشسىز ، ئۆز پېتىچە ، ئەينى بىلەن . دەل ، نەق .
ھەقىقەت _ ئوبىيتىپ رىئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا ئىنكاسى ؛ توغرىلىق ، چىنىلىق ؛ ھەقىقى ئەھۋال .
ئامپىتون _ ئىنگىلىز بۇغۇزىدىكى بىر پۇرتنىڭ نامى .
گېئىن _ ئىنگىلىز بۇغۇزىدىكى بىر ئارال .
تۇمان _ تىمپىراتۇرا تۈۋەنلىگەندە ئاتمۇسفىرانىڭ تۈۋەن قاتلىمىدا ھاسىل بولغان سۇ ياكى مۇز زەرىچىللىرى . كۆچمە . غەمكىنلىك ، غەشلىك ؛   قاراڭغۇلۇق ، زولمەت ، زۇلۇم ؛   تۇپا- چاڭ .  
ئىھتىيات _ يىراقنى كۈرۈپ ، ئالدىنى ئېلىپ ئىش قىلىش ؛ پەخەس بولۇش .
ئىنگىلىز دېڭىزى بۇغۇزى _ ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇغلۇقى بىلەن بىرىتانىيە ئارىلى ئارىسىدىكى بۇغۇز بولۇپ ، شىمالى دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ .
ئالاھەززەل _ تەخمىنەن ، قىياس قىلىنشچە ، مۆلچەرلىنشچە .
دېڭىز مىل  _  دېڭىز- ئوكيانلار ئۈسىتىدە ئارىلىقلارنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى . بىر دېڭىز مىلى ئادەتتە 1852 مىتىرغا تەڭ .
مارى _ ۋىكتور ھىيوگۇنىڭ « نۇرماندى نامىلق پاراخۇتنىڭ خەتەرگە يولۇقىشى » ناملىق ھېكايىدىكى نۇرماندى ناملىق پاراخۇتقا سوقۇلغان يۈك پاراخۇتى .
دەھشەتلىك _ قورقۇنۇچلۇق ، ۋەھىمىلىك ؛ قاتتىق ئازاپقا سالىدىغان ، چىدىغىلى بولمايدىغان ؛ كۈچلۈك ، قاتتىق .
پالوبا _  پاراخۇتنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچۇق ، كەڭ مەيدان ، سەيناسى .  
سۇپا _ ئولتۇرۇش ياكى يېتىپ قوپۇش ئۈچۈن ئۆي ئىچى پىشايۋان ، ھويلا ياكى باغ- ۋارانلارغا خش ياكى كىسەك ۋە تۇپا بىلەن يەردىن 50- 60 سانتىمىتىر كۈتۈرۈپ سېلىنغان قۇرۇلما ، ئۇرۇن ؛ ئىشلەپچىقىرىش ، قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىدىكى ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمدە ئىگزلەتكىلى ، تۈۋەنلەتكىلى بولىدىغان ئورنىنى يۆتكىگىلى بولىدىغان رۇستەك .
ھايات- مامات   ھايات ۋە مامات ، تىرىك قېلىش ۋە ئۈلۈش .
مىخاينىك _ مىخانىكا مۇتەخەسسى ، سانائەت ئشلەپچىقىرىشىدا ماشىنا- ئاپراتلارنى ئشقا سالغۇچى ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇچى كىشى ، مۇتەخەسسىس .
بىخەستىلىك _  دىققەتسىزلىك ، بىپەرۋالىق .
ئىشارە _ كۆز ، قاش ، قول ، باش ھەرىكىتى بىلەن بىرىلىگەن بەلگە ، ئىما ؛ ئىشارەت . ئالامەت ، بەلگە .
بۇرۇچ _  مەجبۇرى ئۆتەشكە ، ئادا قىلىشقا تىگشلىك تېگىشلىك ۋەزىپە .
ماتروس _ دېڭىز ئارمىيسى تەركىبىدىكى ئەسكەر . دېڭىز- ئوكيان قاتنىشىدا كىمە ، پاراخۇتلار ئۈستىدە خىزمەت قىلىدىغان خادىملار .
شۇملۇق _  باشقىلارغا يامانلىق ،  قارا نىيەتلىك قىلىدىغان ، بالا قازا تىلەيدىغان مىجەز ، شۇنداق خاراكتىر .
تەكتى _ بىر نەرسىنىڭ ئاستى قىسمى ، ئۇلى . كۆچمە . ئەسلىسى ، كىلىش مەنبەسى ، كىلىپ چىقىشى ، تىگى . كۆچمە . مەزمۇنى ، ماھىيتى ، سىرى .
ئشىق _ يارغا بولغان مۇھەببەت ، سۆيگۈ .   زور ئىشتىياق .
دەشىت _  ئۈسۈملۈك ئۈنمىگەن ، سۇسىز ، قاقاس يەر ؛ چۆل .
سۇغ _ ھارارىتى ۋە تىمىپىراتۇرىسى بەلگىلىك گىرادوستىن تۈۋەن بولغان . ھارارىتى ، تىمىپىراتۇرىسى تۈۋەن ھاۋا . سوغۇقلۇققا تەۋە يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە ئورگانىزىم پائالىيتىنىڭ سۇسلىشىشى . ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان ، كۈڭۈلگە ياقمايدىغان ، يېقىمسىز ، قۇپال .  
تەپەككۇر _ ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە .
نىكولاي _  چارۇسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسمى .
تۈن _    ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت ، كىچە ؛ كۆچمە . زۇلمەت ، جاھالەت ؛ قاراڭغۇ .
ئاۋۇن _  كۆپ ، جېق ، نۇرغۇن ئادەملەر توپلاشقان .
غالىپلار _ غەلبە قىلىغۇچىلار ، مۇۋاپىقيەت قازانغۇچىلار ، يەڭگۈچىلەر .
شىبە _ ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ، ۋە شەرقى شىمال رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نامى ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە كىشى .
كەرمەك _ ئىككى تەرەپكە تارتىپ ئارىسىنى ئاچماق ، يايماق ؛ كەڭ ، چوڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك .
بىڭسى _ كۈچ- قۇۋۋەت ، ئىقتىدارى ، قابىليەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا .
شۇرا _   باغ ۋە ھويلا- ئاراملارنىڭ توسما تاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆتكىدەك بولۇپ قالغان كەمتۈك يىرى . يۇپۇرمىقى كۈلرەڭ ، ئۈسىتى يالتىراق بولغان تاشلاندۇق يەر ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا ياۋايى ھالەتتە ئۈسىدىغان شۇرا ئائىلىسدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك .
مىس- مىس  _    بىر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ، ھەرىكىتى ئاستا . قولىدىن  ئىش كەلمەيدىغان ، بۇشاڭ .
ئاپقۇر _  پىيالىنىڭ چوڭراق بىر تۈرى .
يەنشەن_  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تاغنىڭ نامى .
لۇجىياگۇ _ يەنشەن تېغىدىكى بىر جىلغا .
چېكەتكە _ بىر خىل ھاشارەت ، خىللىرى كۆپ بولىدۇ . سەكرەشكە ۋە ئۇچۇشقا ماھىر كىلىدۇ . دىھقانچىلىققا زىيانداش ھاشارەت ھېسابىلىنىدۇ . ئاساسەن سامان غوللۇق ئۈسۈملۈكلەرگە زىيان سالىدۇ .
قىياس _ ئالدىدىن بىلىنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن مەلۇم بولمىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش ، مۆلچەر ، پەرەز ؛ ئوخشاش، تەڭ . كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرگە نىسبەتەن ، ئويلاپ چىقىرىلغان تەسىرات ، تەسەۋۋۇر .
تىپىك _ مەلۇم تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن ؛ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، خاراكتىرلىك .
غايە _   كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ، ئارزۇ- ئۈمىد ، ئىستەك ؛ بىرەر ئىش -  ھەرىكەتنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوي ، نىيەت ، مەقسەت ؛
تامان _  تەرەپ .
قۇترىماق _   قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرماق ، جىددى ھەرىكەت قىلىماق ؛ سەلبى ، بىرەر يامان مەقسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىماق . ھەرىكەتكە كەلمەك ، چىقماق ؛ قاپلىماق ، باسماق .
دەمدە _ چاغ ، ۋاقىت ، پەيىت .
كومپاس _  يۈنىلىش بەلگۈلەيدىغان ئەسۋاپ . ئادەتتە ئۇ يۈنىلىش گىرادوسلىرى چۈشۈرۈلگەن يومىلاق تەخسە ۋە دائىم شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماگنىتىلىق تىلىدىن تۈزىلىدۇ .
ئالۋۇن _ ئىزىتقۇ .
پەلەك يەردىن گۈمبەز ، قازان شەكىلىدە بولۇپ كۈرىنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى ؛ ئاسمان ، كۆك . (2) كۆچمە . تەقدىر ، قىسمەت .  
دەرد _ كىسەللىك ئازابى ، ئاغرىق .   كۆچمە . روھىي ئازاپ ، ئەلەم ، غەم- ئەندىشە ، ھەسرەت نادامەت . بىرەر ئىھتىياجىلىق نەرسىنىڭ كەملىكى، يوقىلىقىدىن كىلىپ چىققان غەم- غۇسسە ، باش قېتىنىچىلىقى .
مۈشكۇلات _  ھەل قىلىنىشى قىيىن ، ئېغىر مۇرەككەپ ، تەس .
گىگانىت _  ناھايىتى چوڭ ، بەسىتىلىك ، يوغان ، بۈيۈك ، ئاجايىپ ، خىسلەتلىك ، سالماقلىق .
پىراق _ ئەڭ يېقىن سۈيۈملۈك كىشى ۋە ئۆزى ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان نەرسىسىدىن ئايرىلىش .
قارغىش _ يامان تىلەك تىلەش ، قارغاش ئىشى .
لەنەت _ كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ئەيىبى ، قەبىھ ھەرىكىتى ، ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن بىلدۈرگەن قاتتىق قارغىش .
ئاپەت _    تەبىئەت ھادىسىللرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر زىيان- زەخمەت ، باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق ، ئېغىر بەختىسىزلىك ؛ زور بالا قازا .
يار _   (1) ئەڭ يېقىن كىشى ، بۇرادەر ، ئاغىنە ؛ ئۆز- ئارا تۇنۇشقان ، مۇھەببەتلەشكەن ؛ مەشۇق . كۆچمە . مەدەت ، ئىلھام ، يار- يۈلەك . سۇ ، تەبىئەت ھادىسىلىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئىنتايىن تىك چوڭقۇرلۇق ؛ يارداڭ ، قىيا .
داغ _  Ⅰ① نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە باشقا رەڭدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە جاي . نەرسىلەرنىڭ باشقا نەرسىلەرگە تىگىپ بۇلغانغان جايى . يارا ئىزى ، جارائەت ئىزى . كۆچمە . ئەيىپ ، نوقسان ، گۇناھ  . كۆچمە . ئۆتمۈشكە مەنسۇپ ئىللەتلەرنىڭ رىئاللىقتىكى قالدۇقى .   كۆچمە. كىشىنى نۇمۇس - بەدنامغا قۇيىدىغان ، نامىنى بۇلغايدىغان ئىش- ھەرىكەت ، ۋە گەپ- سۆز .   كۆچمە . ئېغىر مۇسبەت ،  قايغۇ -  كۈلپەت ، جۇدالىق ھىجىران ، ئىشىق مۇھەببەتتىن كۆڭۈلدە قالغان دەرت ئەلەم ، ھەسرەت . قاينىتىلغان ، قاتتىق قىزدۇرۇلغان .  
زەپەر _ ( زەپە )  چىغىرىتماقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غۇللۇق ئۈسۈملۈك . گۈلى ئاچ قۇڭۇر رەڭدە بولۇپ دۇرىغا ئشلىتىلىدۇ . ( زەپە ) شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى . قولغا كەلگەن نەتىجە ، غەلىبە ، مۇۋاپىقيەت . ئادەمنىڭ ئىسمى .
تۇلپار _ نەسىلى ياخشى ، چاپقۇر ، يۈگۈرۈك ئات ؛ ئارغىماق . ئەپسانىلەردىكى ئۇچىىدىغان ئات .
ئېتىكا _ ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى ، تەرەققىياتى ، كىشلەر ھەرىكىتىنىڭ مىزانى . كىشلەرنىڭ بىر- بىرىگە ، كىشلەرنىڭ ، دۆلەتكە ئۈتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى تەلىمات .
نوبىل مۇكاپاتى _ شىۋىتسىيە خېمىكى ، ھەم كەشپىياتچىسى نوبىلنىڭ مىراسىغا ئاساسەن تەسسىس قىلىنغان زور سوممىلىق مۇكاپات . 1901- يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم فىزىكا ، خېمىيە ، بىئولۇگىيە ، مىدىتسىنا ، ئەدەبىيات ۋە تىنچىلىق ئىشلىرى بۇيىچە تارقىتىلىپ كەلگەن . 1968- يىلى بۇنىڭغا ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپات تۈرى قوشۇلغان . ھازىر مۇشۇ تۈرلەر بۇيىچە تارقىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ .   
ئونېۋىرسىتىت _  ئالى ئوقۇش يۇرتىنىڭ بىر خىلى . كۆپىنچە ئونىۋىرسال  ئالى ئوقۇش يۇرتىنى كۆرسىتىدۇ .
تاۋى _   كىشى ئورگانىزىمىنىڭ نۇرمال ھالىتى ، ساقلىق ، مىجەز ؛ كۆچمە .  قۇۋۋەت ، كۈچ ، مادار ؛ قىززىقلىق ، ھارارەت .
پاتىنىت _  ئىجادىيەتچىلەر ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ ئۆزلىرى كەشىپ قىلىغان مەھسۇلااتلارنىڭ پايدىسىدىن بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل مەنپەئەتلىنىشى ، ئادەتتە ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
قىيام _ Ⅰ① شىكەر ، شىرنىلەر ئىرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان قۇيۇق شەربەت . مۇراببا . ئۆرە تۇرۇش ، تىك تۇرۇش . كۈن تىكلەنگەن چاغ ، چۈش . بىرەر ئىش ، پائالىيەتلەردە تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە ، چەك .
بېغىررەڭ _ جىگەر رەڭ.
قارىياغاچ _ قارىياغاچ ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ . ياغىچى قۇرلۇشتا ياكى ئەسۋاپ- ئۈسكىنلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ .
زايە _ پايدىسىز ، بىھۇدە ، بىكار ، زىيادە ؛ ئىسراپ ، ئارتۇق .
كۆز باغلانغان _ قاراڭغۇ چۈشكەن ، قاش قارايغان .
بادىرا _ دىئامىتىرى تەخمىنەن ئالتە سانتىمىتىردىن 12 سانتىمىتىرغىچە بولغان ئۆي ئىمارەتلەرگە ئشلىتىلىدىغان ئۇزۇن ، تۈز ياغاچ .
سىماب _ مىتال ئېلىېمىېنىت بولۇپ ، كۈمۈش رەڭلىك سۇيۇقلۇق ھالەتتە ، زەھەرلىك ئىچكى يىغىلىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ، خېمىيۋى خۇسۇسىيتى پاسسىپ ، كۆپ خىل مىتاللارنى ئىرىتىپ ، سۇيۇق ياكى قاتتىق ھالەتتىكى قېتىشمىلارنى ھاسىل قىلالايدۇ . ئادەتتە دۇرا ، تىرمومىتىر ۋە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارنى ياساش ئۈچۈن ئشلىتىلىدۇ .
تىلفۇنىست _ تىلفۇن لىنىيلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە رىمونىت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، تېخنىك خادىم ، تىلفۇن باش ئاپىراتىدا ئشلىگۈچى خادىم .
بولكا _ ئاق ئۇننىڭ بولدۇرۇلغان خېمىرىدىن دوخۇپكىدا پىشۇرۇلغان بىر خىل نان . ئۆزى ئۇزۇنچاق ، ئىچى ھەرە كۈنكىدە كاۋاكچە بولىدۇ . تەمى تاتلىق .
جىكلەش _  تاپىلاش ، تاپشۇرۇش ، تەكىتلەش .
چاكىنا _ تېتىقسىز ، ئەرزىمەس .
ئەنئەنىۋى _ ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئەنئەنە بۇيىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ئەنئەنە بولۇپ قالغان ، ئەنئەنىگە ئايلانغان ، ئەنئەنىلىك .
ئونېۋىرسال _ ئوخشىمىغان تۈر ، ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى نەرسىلەردىن تەركىپ تاپقان ، كۆپ ياكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ھەر تەرەپلىمە . بىر نەچچە ئىشنى قىلالايدىغان ، ھەممىدىن خەۋىرى بار .
پاششاپ _ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كىچىللىرى كۈزەت قىلىدىغان ، جاڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى . ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كۇچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار .
جازا _   ئەيىپ ياكى جىنايىىتى ئۈچۈن كۈرۈلىدىغان چارە . ياغاچ ياكى تۈرلۈك مىتاللارنىڭ بىر- بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما . نەرسىلەرنى تىزىپ قۇيۇش ۋە كۈتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما . كۆچمە . ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت ، كىبىر .
سازەندە _ بىر ياكى بىر قانچە سازنى مۇكەممەل چېلىشنى بىلىدىغان كىشى ، مۇزىكانىت ، سازچى .
تەڭكەش _ تەڭلەشكەن ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ، تەڭپۇڭ . ماسلاشتۇرۇلغان ، لايىقلاشقان ، ئوخشاش . ( ساز ۋە ناخشا ھەققىدە )
زىننەت _ گۈزەللىك ۋە ھۆسىن بىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم ؛ بىزەك ، ھۆسىن .
ھىممەت _ باشقىلارغا قىلىنغان ياخىشىلىق ؛ ياردەم ، مەرھەمەت ، غەمخورلۇق ، ساخاۋەت .
ئىناۋەتلىك _ خەلق ئىچىدە ئىرىشكەن ھۆرمەتى بار ، ئابرويى بار ، ئىززىتى بار ، نۇپۇزى بار .  
چاغان _ قەمەرىيە 1- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدىغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ، باھار بايرىمى .
چوكان _   ياتلىق قىلىنغان ياش ئايال ، جۇۋان .   تىرەك ، سۈگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ ئەتياز مەزگىلىىدە بىخلىنىپ ، كۆكەرگەن تېلى .
سۆيۈنچە _ كىشىنى خۇشال، مەمنۇن قىلىدىغان خەۋەر ئۈچۈن بىرىلگەن ئىنئام ، سوۋغا .
ناز-ھال _  باشقىلارغا يېقىش ئۈچۈن يۈز- كۆزىنى ئويىنىپ قىلىدىغان ھەرىكەت ھالىىتى ؛ ئەكىلىك .
يات _ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، تۇغقانچىلىقى يوق . تۇنۇشلۇقى يوق ، تۇنۇشمايدىغان . ناتۇنۇش . بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە تەئەللۇق بولمىغان، مۇناسىۋەتسىز . كۆچمە . مۇناسىپ ئەمەس ، راۋا ئەمەس ، ھارام ، يىراق . كۆچمە . مۇخالىپ ، قارىشى ، يات ، زىت ، خىلاپ . باشقىچە ئۆزگىچە ، غەيرى . كۆچمە . دۈشمەن بولغان ، دۈشمەنگە ئوخشاش .
داڭقان _ چۇيۇن ياكى باشقا مىتالدىن قۇيۇلغان ئۈچ پۇتلۇق ، ئىككى قۇلاقىلىق قازان .
ماھى شەبان _  قەمەرىيە كالىندارىدىكى 8- ئاينىڭ ئىسمى ، 8- ئاي .  
پوشكال _ خېمىرنى نىپىز يېىيىپ قىززىتىلىغان ياغقا سېىلىپ پىشۇرىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك . تۇخۇم بىلەن ئۇننى چېلىپ ياغدا پىشۇرىلىدىغان يىمەكلىك .
چەلپەك _  خېمىرنى يوپقا ئېچىپ، ياغدا پىشۇرىلىدىغان بىر
خىل پوشكال .
سىنچاي _  مىھمانلارغا ئاساسەن تاماقتىن ئىلىگىرى بىرىلىدىغان چاي .
تۆرە _ خانلىق تۈۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار . ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە ، نامىغا قوشۇلۇپ كىلىدۇ ياكى ئىسىمنىڭ ئۇرنىدا كىلىدۇ . كۆچمە. يىۇكرات . ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
سالا- سۈلھى  _  كىلىشتۈرۈش ۋە ئۆز رايىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان دەۋەت ، بىرىلىگەن تەكىلىپ ، مەسلىھەت ، كىلىشىش .
مەنچىزە _  
لوزۇڭ _ كونا جەمئىيەتنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى .   شۇ مەنسەپكە ئىرىشكەن شەخىس .
زومرەت _ تەركىبىدە خروم بولغانلىقى ئۈچۈن پاپيېشىل كۈرىنىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق تاش .    ئاياللارنىڭ ئىسمى .  
لەرزان _  ئاستا يىنىك سوققان ، تەۋرەنگەن .
غۇچچىدە _ زىچ ھالدا . كۆچمە . نۇرغۇن ، جېىقلا . ھەممىسى ، پۈتۈنلەي .
جۇر بولۇش _   ماس بولۇش ، لايىق بولۇش ، ئۇيغۇن بولۇش . تەڭكەش ، ئاھاڭداش .
چىغ _ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك . يۇپۇرمىقى تار ۋە ئۇزۇن بولۇپ ، سىۋەت ، بورا ، سۈپۈرگە قاتارلىقلارنى توقۇشقىمۇ ئشلىتىلىدۇ .
ئەۋج ئېلىش _   كۈچىيىش ، زورىيىىش ، يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈلۈش .   يۇقىرى پەللە .
سامان يۇلى _ ھاۋا ئۇچۇق كىچىلەردە ئاددى كۆزگە يۇرۇق يولغا ئوخشاش كۈرىنىدىغان يۇلتۇزلار تۈركۈمى . ئۇ نۇرغۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپىدۇ .
نۇرانە _  نۇرلۇق ، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان .
رىۋايەت _ مەلۇم كىىشى ، ئىش ، نەرسە ياكى مەلۇم ۋەقە توغىرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمىدىن تارتىپ ، ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۈچۈپ كەڭ تارقىلىپ كىلىۋاتقان ئاغىزاكى ھېكايە %D
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:20, Processed in 0.146373 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش