بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-4 10:52
خوش (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
ئۆسكەن يېرىم ، مېنى كەتتى دەپ زادى زارلانما ، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، بىز باردىغان شەھەرنى . يېڭى ھايات نۇرلىرى ، ئەرك غۇنچىلىرى ، ئېچىلىپ دولقۇنلاپ قاينىغان شەھەرنى .
كۆرسەڭ ئىدىڭ ، شەھرىم ، ئاندا مەكتەپ ، ئالىي جايلارنى ، ئاندا زېرەك ، چېۋەر ،تەكشى ئۆسۈۋاتقان كۈچلەرنى . ئاندا كۈرەش ، ئاندا قايناش ، شەربەتلىك باغلار، ئاندا پىشىپ ، ئاندا مەي بولۇپ كېلىۋاتقان يېمىشلەرنى .
مانا بۈگۈن مەنمۇ شۇ دولقۇننىڭ كەڭ قوينىغا ، قىپيالىڭاچ بولۇپ ئۆزۈمنى ئاتىمەن . شۇ شەھەردە ئوزۇق ئېلىپ دىلىمغا ، تاۋلىنىپ ، يۈرەككە يېڭى كۈچلەرنى تاپىمەن .
ئېخ ! دولقۇنلۇق ئۈندىكى قاينام نامايىشلار ، قان بېرىدۇ يۈرەككە ، قىلىدۇ دىلنى مەپتۇن . قارا مۇشت قوللار سوزۇلغاندا تۇغلارغا ، سۈرۈلگەندى قېچىپ ئۈندىنمۇ قاپقارا تۈن .
.......................................................
كېلەر مەن يېڭى قۇۋۋەت توپلاپ يۈرەككە ، ئۆلكەمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا ئىشلەش ئۈچۈن . بىلدۈرۈپ ئاندىن ئالغان ساۋاقلارنى خەلقىمگە ، ئالىي بالداق مېۋىسىنى پاتراق چىشلەش ئۈچۈن .
مەن كەتسەم ، مېنىڭ ئورنۇمغا مىڭلىغان ياشلار بار ، بىزدە ھازىر ، شەھرىم ، ئورۇن قالماس ھەرگىز بوش . سەنمۇ زادى چىقمايسەن ئېسىمدىن ئەسلا - ئەسلا ، مەن كەتتىم ئۇ شەھەرگە ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھىرىم ، خوش !
1939 - يىل ئاۋغۇست ، غۇلجا شائىر بۇ شېئىرنى 1939 - يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭغان ۋاقتىدا يازغان ، شېئىر <<ئىلى گېزىتى >> دە بېسىلغان .
|