رەشىكنامە
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كۆزلىرىڭنى يۇم، يېنىشلاپ تاڭدا چولپان كۆرمىسۇن، ئاي يۈزۈڭنى ئامرىقىم، يۇلتۇزمۇ پىنھان كۆرمىسۇن.
چۈشمىگەي شولاڭ زېمىنغا، چىقمىسۇن ئاپتاپلىرىڭ، كۈنگە باقما، سەن ئۆزۈڭ كۈن، سېنى ئاسمان كۆرمىسۇن.
چاچمىغىن جىلۋەڭنى چوغدەك سۇ، ھاۋا، تاشلارغا ھەم، ئوتلىرىڭنى مەن يۇتاي، تەپتىڭنى گۈلخان كۆرمىسۇن.
ھىدلىرىڭنى ھىدلىغان گۈللەرنى رەشكىم چەيلىگەي، لەۋلىرىڭنىڭ غۇنچىسىنى لالە-رەيھان كۆرمىسۇن.
چاچلىرىڭ ئۆركەشلىسۇن خىلۋەتلىرىڭدە مەن ئۈچۈن، قاشلىرىڭ ئويناقلىغاندا ھۆرى-غىلمان كۆرمىسۇن.
ئەيلىمە ئاھۇنى مەست رەپتارى سېھراتىڭ بىلەن، قىلما ناز، تەبەسسۇمىڭنى نۇرى ئەپشان كۆرمىسۇن.
قىزغىنارمەن كۆز ئەمەس، ھەتتاكى سۆزلەردىن سېنى، ھەق ماڭا ئەگكەن بويۇڭنى زاتى ئىنسان كۆرمىسۇن!
2012-يىلى، 11-ئاينىڭ1-كۈنى، يېڭىسار. |