پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 7 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 9

مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 22:13:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز.....


مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، مەيلى باي ياكى گاداي بولۇڭ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش، قانداق ئادەم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلىنىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە تۆۋەندىكى «20 تۈرلۈك مىزان»غا ئەمەل قىلالىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا بەلكىم ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن!

1. بۇ بىر رېئال جەمئىيەت، ھېسىياتقا قوساق تويغۇزغىلى بولمايدۇ، ئىقتىساد بولمىسا ئۆينىمۇ ئوڭشاپ تۇتقىلى بولمايدۇ. كىنو-فىلىملەردىكى ۋەقەلىكلەرگە ئىشىنىپ قالماڭ، ئۇ دېگەن بىر تۈركۈم ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى داۋراڭ قىلىدىغان سورۇنى، پەقەت رېئاللىققا يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرلا ئاسان ئىشىنىپ قالىدۇ.
2. ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتىڭ. بىر يىل، ئىككى يىل، بەش يىل، بەلكىم سىز تۇغۇلىشىڭىزدىنلا باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى شارائىتلاردىن بەھرىمان بولالاشىڭىز ناتايىن، تىرىشىش ئارقىلىق، ھامان %70 تىن ئارتۇق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ دېسىڭىز، پەقەت بوزەك بولىسىز.
3. دوستىڭىز مېھمان قىلسا، ھەرگىزمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، بولمىسا نام-شۆھرىتىڭىز تېزلا تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.
4. دوستلىرىڭىز ئىچىدىن، چوقۇم بىر دانە سىرداش دوست تېپىپ چىقىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھەممىلا جايدا تونۇشلىرىم بار دەپ ئويلىماڭ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە ھەقىقى كۆيىدىغىنى پەقەت بىرلا، سۆزۈمگە ئىشىنىڭ.
5. پال ئاچىدىغان، يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراپ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان نەرسىلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەڭ، ئۇ كىچىك بالىلارنى ئالدايدىغان بىر ۋاستە خالاس. ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى دەيدىغان گەپ بار، ئۆيدە ئولتۇرۇپ داچىنى، ماشىنىنى خىيال قىلغاندىن، ياستۇقنى قىرلاپ راۋۇرۇس بىر قېنىپ ئۇخلىغان ياخشى.
6. ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر بىلەن ئاز ئارىلىشىڭ، ئەمما قارشى تەرەپ ئادەملىك سىياقىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسىلا، كەينىدىن غەيۋەت قىلماڭ. ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا دەيدىغان گەپ بار.
7. ئاز ئويۇن ئويناڭ، بۇ كورىيە ئەمەس، ئويۇن ئويناپ يا ئۆي سالالمايسىز، يا خوتۇن ئالالمايسىز. ئويۇن ئويناش ھەۋىسىنىڭ بولغىنى ياخشى، ئەمما چەك-دائىرىنى كونترول قىلىش كېرەك، نەدىكى ئاقماس خەقنىڭ كۆكتاتلىرىنى ئوغۇرلايدىغان، ئالا-بۇلىماچ رەسىمگە قاراپ خىيال سۈرىدىغان ئىشنى ئاز قىلىڭ، بەلكىم سىزنىڭ شۇ پائالىيەت سورۇنىدا ئىناۋىتىڭىز، دەرىجىڭىز خېلى يۇقىرىدۇ، بىراق بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىۋالغان بولىدۇ.
8. ئادەملا بولىدىكەن، ھەممىسىدە ھورۇنلۇق، لايغەزەللىك بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بولىدىغان بىر خىل خاراكتېر. بىراق بۇلارنى كېيىن ئۆزگەرتىۋېلىشقا بولىدۇ ھەم شۇنداق پۇرسەت بار. چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. مەلۇم نەرسىگە ياكى سودىغا نىسبەتەن، باشقىلار ئىشنى باشلاپ بولغاندا ئاندىن يادىڭىزغا يەتمىسۇن، باشقىلار پۇلنى تېپىپ بولغاندا، ئاندىن بېرىپ مەنمۇ تاپسام بولغۇدەك دېگەن خىيالنى قىلماڭ. ھېچكىمنىڭ ئىشەنچىسى يوق نەرسە بازار ۋە پۇرسەت سانىلىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئىشەنچىسى بار بازارنى پاخاللاشتى دەيمىز.
9. ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىگىنى جەزملەشتۈرىۋېلىڭ، جىمجىت كېچىدە، ئۆزىڭىزدىن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىگىنى سوراپ تۇرۇڭ ھەمدە ئاشۇ يۆنىلىش بويىچە ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىڭ. ئەمما ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ قالىدىغان ياكى مەززىسى يوق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
10. توختىماي مېڭىۋەرسىڭىز، بىر يەردىن چىقىدىغان يول ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق قىيىنچىلىققا باش ئەگسىڭىز، مۈشكۈلات سىزنى ئۆيىڭىزدىلا كۆمۈپ قويىدۇ. «جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى» ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ توغرىلىق ئىسپات جىق.
11. ناۋادا ئايال كىشى بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ مۇشۇ پېتى قېرىيمەن دېگەن خىيالدا بولماڭ، كەسىپ ۋە خىزمەتنى ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، تاماق ئېتىپ، بالا بېقىپ، كىر يۇيۇپ ئۆتىمەن دېگۈچى بولماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بەكلا خاتالاشقان بولىسىز.
12. ياخشى ئادەم بولاي دېسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزغا كۆيۈنۈڭ، ھۆرمەتلەڭ، بالىلارنى ياخشى، ئەخلاقلىق تەربىيىلەڭ، ئائىلىدە مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇڭ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىزدا دېگەن بىلەن قىلىش ئۇنچە ئوڭايمۇ ئەمەس. ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، بۇنداق قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلەتتى، بىراق ھازىرقى زاماندا بولسا، راۋۇرۇس ئىقتىساد بولسىلا جىق ئىشنى بېجىرىپ كەتكىلى بولىدۇ، ئەقىللىق ئادەم بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئوڭايلا چۈشىنەلەيدۇ.
13. بىكار ۋاقتىڭىزنى دائىم تورغا چىقىش ياكى بىر قىسىم ئەھمىيەتسىز ئويۇنلارنى ئويناشقا ئىسراپ قىلماڭ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇڭ، تىجارەت جەريانى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى، دائىملىق قانۇنىي ساۋاتلار قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئۆگىنىڭ. بۇ سىزنى كېيىن ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدا سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلالايدۇ.
14. ھەر تەرەپتىن تارقالغان نەچچە مىڭلىغان ئۇچۇرنى خاتا ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇكى، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كېيىن پۇشايمان ساتىدىغان دورىخانا ئىزدەپ يۈرمەيسىز.
15. بىر ئىشنى قىلغاندا، مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن سىز دەپ يۈرمىسىڭىزمۇ ھەممەيلەن تەبىئىيلا خەۋەر تاپىدۇ. بۇ دەل ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى.
16. چاچ-ساقاللارنى، تىرناقلارنى ۋە ئۈستىبېشىڭىزنى رەتلىك، پاكىزە تۇتۇڭ. جەمئىيەت دېگەن يەكلەش، چەتكە قېقىش مودا بىر سورۇن. شۇنداقلا، بۇ دۇنيانىڭ گۈزەل-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان تويۇنۇش دائىرىسىمۇ چەكلىك، گەرچە سىز ئۇزۇن چاچ قويسىڭىز بىر ئاز كېلىشكەن كۆرۈنسىڭىزمۇ، بىراق يەنىلا باشقىلارغا پاكىز، ئازادە تەسىر بېرىش مۇھىم.
17. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئەر كىشى بولغاچقا، كۈتۈنۈشنىڭ، ئاسراشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىماڭ. ھېچ بولمىغاندا يېمەك-ئىچمەك تەرەپتىن سەل قارىماڭ، پەمىدۇر، كۈدە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بانان ھەممىسى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەردۇر. ناۋادا پايدىسىنى ھېس قىلالمىسىڭىز، بېرىپ دوختۇردىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھېچ بولمىسا كېسەل كۆرسىتىشكە كەتكەن پۇلنى تېجەپ، قىز دوستىڭىزغا ياكى ئايالىڭىزغا گىرىم بۇيۇمى ئېلىپ بېرەلەيسىز.
18. ئالغا ئىنتىلىدىغان ئادەم، ھەرگىزمۇ دائىم كىملەرگىدۇر تايىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ كېتىشنى ئويلىماڭ. ئادەم دېگەن شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى تايانچ بولالايسىز!
19. مەغلۇبىيەتكە نىسبەتەن، بەك ئەستايىدىل ھېسابلىشىپ كەتمەڭ. ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى، مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ھەمدە شۇ ئارقىلىق تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەپ قايتا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. 20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا، ئۇ ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ؛ 30 يېشىڭىزدا يېنىڭىزدا تۈزۈك بولمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىزنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىگىنى، تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەكلىگىنى بىلدۈرىدۇ؛ ناۋادا 40 يېشىڭىزدىمۇ يەنىلا تۈزۈك پۇلىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا سەۋەپنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ. نامرات ئادەمنىڭ بايغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار، يەنە كېلىپ خېلى يۇقىرى. نامراتلار يەنە بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ، بۇ ئەزەلدىن بار ئىش. بىراق شۇنداق نەتىجىگە خاس سەۋەپ بولۇشى ياكى مۇناسىپ تاللاش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.
20. ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بولىدۇ، گەپ ئۆزىڭىزگە شۇنداق بىر پۇرسەتنى بېرىش بەرمەسلىكىڭىزدە  
مەنبە     مىسرانىم تورى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:05:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن. كۆچۈرىۋالدىم. بۇندىن كىيىن ئۆزۇم پات-پات ئوقۇش بىلەن ئوغلۇمنىمۇ ئوقۇپ چىقىشقا يىتەكلەيمەن.
رەھمەت!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز باشقىلارغا يول كۆرسەتكۈچ چىراق بولۇپ ،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغۇسى .
رەھمەت  

باھا سۆز

سىرداش ئاۋۋال ئۈزەمگە ........ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:29

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:29:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 23:28
بۇ تېمىڭىز باشقىلارغا يول كۆرسەتكۈچ چىراق بولۇپ ،نامر ...

ئاۋۋال  ئۈزەمگە  ........
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:33:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 23:29
ئاۋۋال  ئۈزەمگە  ........

بۇ  « 20 تۈرلۈك مىزان» نى  ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز يەكۈنلەپ، بېيىپ بولغاندىن كېيىن مۇنبەرگە ئەۋەتتىڭىزمىكىن دەيمەنغۇ .

باھا سۆز

سىرداش مەنمۇ شۇ ئويدا بولۇپ قالدىم يوللىمايدىغان گەپكەنتۇق ئەمما بۇمۇ ياخشى بوپتۇ مەندەك نامراتلار پايدىلىنار تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:36

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 23:33
بۇ  « 20 تۈرلۈك مىزان» نى  ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز يەكۈنلەپ ...

مەنمۇ  شۇ  ئويدا  بولۇپ قالدىم  يوللىمايدىغان گەپكەنتۇق  ئەمما  بۇمۇ ياخشى بوپتۇ  مەندەك نامراتلار  پايدىلىنار،  ئورتاق بېيىش  سىياسەتكە  ئۇيغۇن  ھە؟
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:39:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 23:36
مەنمۇ  شۇ  ئويدا  بولۇپ قالدىم  يوللىمايدىغان گەپكەنتۇ ...

بېيىپ قالغاندا   «ھاجىتىنى راۋا قىلايلى ئەمما غۇرورىغا تەگمەيلى» دىگەن  تېمىڭىزدا ئېيتقاندا باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم قىلارسىز .

باھا سۆز

سىرداش دىگىنىڭىز كىلە. زاكات يوكمۇ؟ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:41

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:41:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 23:39
بېيىپ قالغاندا   «ھاجىتىنى راۋا قىلايلى ئەمما غۇرورىغ ...


دىگىنىڭىز  كىلە.   زاكات  يوقمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-21 23:42  

مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
29 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
20 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 11:22:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە ئولتۇرۇپ داچىنى، ماشىنىنى خىيال قىلغاندىن، ياستۇقنى قىرلاپ راۋۇرۇس بىر قېنىپ ئۇخلىغان ياخشى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 07:29, Processed in 0.809665 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش