پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 6

يۇمۇردىن ھۇزۇرلىنىڭلاڭ لار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 01:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوشىدىن كەتتى....

ئاپىسى  : تىز بول، دورا ئەكەل، داداڭ ھۇشىدىن كەتتى،
ئوغلى: دادامغا نىمە بولدى؟
ئاپىىسى: يازغان ماقالەڭدە پەش، چىكىت بولمىغاچقا، ئوقۇۋىتىپ تىنىقى يىتىشمەي قىلىپ ھۇشىدىن كەتتى.



ئېنگىلىزچە بىلىمەن...


گىرمانىيىلىك بىر بۇلاڭچى سوتلىنىپتۇ. سوتچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؟
-ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسەن؟
-بىرلا ئىغىز سۆزنى بىلىمەن.
-قىنى دەپ باقە؟
-پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى چىقار...




پويىز كېلىپ قالىدۇ


ۋېل كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتاتتى. ئېكراندا بىر ساھىبجامال قىز پەيدا بولدى. دەريا بويىدىكى بۇ قىز يېشىنىپ سۇغا چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كىيىمنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز ئۇنى توسۇۋالدى.
پويىز ئۆتۈپ بولغاندا، قىزمۇ سۇغا چۈشۈپ بولغانىدى. بۇ چاغدا، ۋېل يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ غۇدۇرىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى:
_ ئاناڭنى!
_ نېمە بولدى، ئەپەندى؟ _ دەپ سورىدى ۋېل.
_ نېمە بولاتتى؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى ئاچچىقلانغان ھادا، _ بۇ كىنونى بەشىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەر قېتىم مۇشۇ يېرىگە كەلگەندە پويىز كېلىپ قالىدۇ.



ئاياللار بولمىغان بولسا

بىر ئايال ئېرىنىڭ ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى قاداۋېتىپ كوتۇلداپتۇ:
_ ئەگەر دۇنيادا ئاياللار بولمىغان بولسا، سىلەر ئەرلەر قانداق ياشىغان بولاتتىڭلار!
_ بۇنىڭدىن غەم يېگۈدەك نەرى بار؟ ئەگەر ئاياللار بولمىغان بولسا، بىز ئەرلەر ئىشتان كىيىمەن، دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيتتۇق.




ھەقسىز نىكاھتىن ئاجرىشىش

داننى خانىم: جېننى، ئاڭلىشىمچە ئېرىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىپسەن، ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە ئاران بىر ھەپتىلا ۋاقىت ۋاقىت كېتىپتۇدەك. سەن ئادۋوكاتقا نۇرغۇن پۇل بەرگەن ئوخشايسەن-ھە!
جېننى: نەدىكىنى، بىر تىيىنمۇ بەرمىدىم.
داننى خانىم: نېمىشقا؟
جېننى: چۈنكى، ئاشۇ ئادۋوكات مېنىڭ بولغۇسى ئېرىم بولۇپ قالدى





تەسىرات

بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە ئاق سىر سۈركەپ:
— مەن گەپ قىلمىغىچە مىدىرلىماڭ ھە! — دەپ تاپىلاپتۇ.
يولدىشى ئۆيگە كىرىپلا:
— بۇ ھەيكەلنى ئالدىڭما؟ — دەپتۇ.
— ئۆتكەندە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم باركەن، بەك چىرايلىق كۆرۈندى. شۇڭا مەنمۇ بىرنى سېتىۋالدىم، — دەپتۇ ئايالى، يولدىشى گەپ قىلماپتۇ.
ئەتىسى يولدىشى بىر بولكىنى ئېلىپ ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ – دە پەس ئاۋازدا:
— چاققان يە، مەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە تۇرغاندا، بىر ئىستاكان سۇمۇ ئىچەلمەي بەك قىينالغان، – دەپتۇ.

ياخشى ئۈلگە

كىيىملىرى جۇل– جۇل بىر تىلەمچى خوجايىننىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
خوجايىن: مەن ساڭا پۇل بېرەلمەيمەن، بەرسەملا ھاراق ئىچەرسەن.
تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
خوجايىن: ئۇنداقتا قىمار ئوينامسەن؟
تىلەمچى: ئەزەلدىن قىمار ئوينىمايمەن.
خوجايىن: قىزلارنى ئىزدەرسەن ھەقىچان.
تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان.
خوجايىن: ئۇنداقتا بەك ياخشىكەن، مەن ساڭا 100 كوي بېرەي. بىراق مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە بارىسەن، مەن ئايالىمغا ھېچقانداق كەمچىلىكى يوق ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.

ئامال بار

بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ قاپتۇ، چىشىنىڭ ئاغرىقىدا ۋاي– ۋايلاپ قوشنىلارنىمۇ ئارامىدا قويماپتۇ. بىر قوشنىسى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىدىن:
— يولدىشىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى، بىرەر ئامال قىلمىدىڭىزما؟ — دەپ سوراپتۇ.
— قىلدىم، — دەپتۇ ئايال، — بىر نەچچە كۈن بولدى مەن قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋالدىم.

ياردەملىشىش

بىر قىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، شىركىتىدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.
— دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، خىزمەت جەھەتتە سىلەرگە ئېغىرلىقىمنى سالدىم، سەت بولدى – ھە، — دەپتۇ قىز.
— ياقەي، دەپتۇ بىر يىگىت، — سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر نەچچىمىز بۆلۈپ قىلىۋاتىمىز، مەن گېزىت ئوقۇيمەن، چوڭ خانقىز تېلېفون ئۇرىدۇ، كىچىك خانقىز باش لىدىر بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ...

تۇغۇلغان كۈندىكى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق

بىر لىدىر ئاغىنىسىگە مۇنداق دەپتۇ:
— تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، كاتىپىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
— نېمىدېگەن ياخشى – ھە! — دەپتۇ ئاغىنىسى.
— ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ماڭا بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىشىمنى، كۈتۈلمىگەن سوۋغا بارلىقىنى ئېيتتى، — دەپتۇ لىدىر.
— ۋاھ، نېمىدېگەن ياخشى، ھەقىقەتەن بەختلىكسەن، — دەپتۇ ئاغىنىسى.
— مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، — دەپتۇ لىدىر، — بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرسەم، كاتىپىم بىلەن باشقا خىزمەتداشلار بىرلىكتە شام ياندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
— راستما؟ ھەقىقەتەن بەختلىكسەن، خىزمەتداشلىرىڭنىڭ ھەممىسى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن – ھە! خۇشال بولغانسەن؟ — دەپتۇ ئاغىنىسى ھەۋەسلىنىپ.
— بىراق، ئۇ چاغدا مەن ياتاققا يالىڭاچ كىرىپتىكەنمەن، — دەپتۇ لىدىر.

خاتا ئاپتىمەن

لاتارىيىدە بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر كىشىدىن كىشىلەر سوراپتۇ:
— قانداق بولۇپ بۇ ساننى ئېلىشنى ئويلىغان؟
— مەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەتتە دېگەن ساننى چۈشەپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن يەتتىنى ئۈچ كۈنگە كۆپەيتىپ 24 دېگەن نومۇرنى سېتىۋالدىم، — دەپتۇ ئۇ كىشى.
— بىراق يەتتىنى ئۈچكە كۆپەيتسە 21 بولىدىغۇ، — دەپتۇ كىشىلەر ھەيران بولۇپ.
— شۇنداق بولامدۇ، ئەستا خاتا ئېلىپ قاپتىمەندە، — دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئەپسۇسلىنىپ.

بەلگە قويۇش

دادا بالا بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تىنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق بارلىقىنى بايقاپتۇ.
— نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى! — دەپتۇ دادىسى.
— ماقۇل، مەن بەلگە سالاي، — دەپتۇ بالىسى.
قايتىشتا دادىسى بالىسىدىن:
— نەگە بەلگە سالدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.
— مەن بوردا قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم، — دەپتۇ بالىسى.
— ھەي دۆت، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ دادىسى، — ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى!

قانداق بولىدىكەن

بىر چاشقان كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتسا، بىر پىل ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپتۇ. چاشقان كىنونى پەقەت كۆرەلمەپتۇ – دە، ئاچچىقىدا پىلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇياق– بۇياققا قىمىرلاپ، ئارقىسىغا قاراپتۇ – دە، پىلغا:
— ھە، تۇرۇۋالسا قانداق بولىدىكەن؟ — دەپتۇ.

ئۇخلاپ قالدى


    ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
    — ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟– دەپ سوراپتۇ.
    — ئۇخلاپ قالدى، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.



لوگىكىلىق خۇلاسە


پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: «كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە» دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: « مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.



ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن


    ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟
    ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.
    ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
    ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.



نېمىنى ئويلىدىڭ


    قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، بىر ئوغرى پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
    سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟
    ئوغرى: ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.



يەڭگە بىلەن سىڭىل


    سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
    يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-21 09:16  

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 01:43:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يۇمۇرلاركەن ، خوشاللىق بېغىشلىغىنىڭىزغا رەھمەت !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 20:01:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

1

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
38 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 22:02:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن، كۆپ كۈلۈپ كەتتىم. رەخمەت سىزگە.

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 22:51:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە بۇرۇن كۆرۇپ بولغان بولساممۇ، ھېرپ-چارچاپ كەلگەندە يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ ھاردۇغۇم چىققاندەك بولدۇم.
رەھھھھھھھمەت!

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:28:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن رەھمەت...

233

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5082 سەر
تىللا
904 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4200 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 00:01:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ يۇمۇر ئېيتىشىنى ئۆگنىۋاپسىز- ھە،  ئەمدى بۇندىن كېيىن يۇمۇرلىرىڭىزنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇردىغان بولدۇق .
ئارام كۈنلىرىمىزگە خوشاللىق ئاتا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:23, Processed in 0.412796 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش