پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 6

ئۆتۈنۈش (نەسىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 00:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 ئۆتۈنۈش

سوغاق قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كېچىسى ، كۆڭلۈم نىمىشقىدۇر تولىمۇ يېرىم ، كۆزۈمگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمەي سىرتقا چىقتىم ،كۈندۈزدىن بېرى ياققان قار دەل- دەرەخلەرنى ۋە ئەتراپنى ئاق لىباس بىلەن پۈركىگەن ئىدى .قاتار كەتكەن يول چىراقلىرى كېچىنى كۈندۈزدەكلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى .مەن شۇنچە قېلىن كىيىنگەن بولساممۇ قىشنىڭ قاتتىق سوغىقى يۈزلىرىمگە نەشتەردەك سانچىلىپ ، پۈتۈن بەدىنىمنى شۈركەندۈرىۋەتتى.مەن بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي ، باش- ئايىغى يوق چىگىش خىياللار ئىلكىدە ئالدىمغا قاراپ نىشانسىز ، مەقسەتسىز مېڭىۋەردىم ........


      كۆڭلۈمدە بىر خىل تەنھالىق ، مەيۈسلىك  ھۆكۈم سۈرەتتى ، گەرچە يوللاردا ئاندا- ساندا ئادەملەر ، ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولسىمۇ گويا مەن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئۆزۈملا باردەك ھېس قىلاتتىم . ھاۋا شۇنچە سوغاق بولسىمۇ ئاسماندىكى ساناقسىز يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى ، شۇتاپ خىيال كەپتىرىم ، قىش شامىلىدا ئۇچۇپ يۈرگەن قار ئۇچقۇنلىرىدەك ھەر تەرەپكە پەرۋاز قىلماقتا . گەرچە بۇ كېچە شۇنچە يارقىن شۇنچە ئايدىڭ بولسىمۇ ، قەلبىم خۇددى گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىنكى قۇيۇقلىشىۋاتقان قاراڭغۇلۇقتەك ، كۆڭۈلسىز كەچمىشلەر قەلبىمنى پارا قىلماقتا . يۈرىگىم ئۈنسىز يىغلىماقتا ، كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئېقىپ چۈشۈپ مەڭزىمنى يۇماقتا ، كۆكسۈمنى ئېغىر بىر تاش بېسىۋالغاندەك ، گېلىمنى ئاچچىق بىر نەرسە ئېچىشتۇرماقتا ........



         مەن ئازاپلىق خىيال دېڭىزىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كېچىدىكى يۇلتۇزلارغا قارىدىم ، ئۇلار مىنىڭ دوستۇمدەك تۇيۇلدى ،ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك، ماڭا قاراپ قولىنى ئۇزىتىۋاتقاندەك بىلىندى .

         ئېھ ! ... كېچە مەلىكىلىرى   مەن سەندىن ئۆتۈنەي !

          مەندەك دەرتمەنگە سىرداش بولغىن   !  تەنھاغا ھەمرا بولغىن  !  يۈرۈگۈمگە داۋا بولغىن   !   مەجرۇھ قەلبىمگە ، كۆڭۈل يارىلىرىمغا شىپا بولغىن !  ..... بۈگۈن بارلىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۈگىتىۋالاي  ،  تۆككەن  ياشلىرىمندىن قارلارمۇ ئېرىپ كەتسۇن  !  

سەن ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا تاشلىۋەتكىن ، ساڭا  ۋەدە بېرەيكى ؛ ئەمدى  ھەرگىز يىغلىمايمەن .  ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ جاكالايمەنكى ؛ دۇنيا قانچە رەھىمسىز بولسىمۇ  ، ھايات ماڭا قانچە ئوڭۇشسىزلىقنى ، توسالغۇلارنى ، ئاچچىق ساۋاقلارنى  ئەكەلسىمۇ ، ياشاش يەنىلا  لەززەتلىك !  ... ئازاپمۇ ... بەختمۇ ئوخشاشلا لەززەتلىك ......



    ئويلاپ باقسام ھاياتلىق ھەممىدىن قىسقا ھەم قىممەتلىك ئىكەن ، بىز ھامان ئىلگىر- كېيىن  بولۇپ قانداق كەلگەن بولساق شۇنداق كېتىدىكەن ، ھەرگىزمۇ پۇل ، ئۆي ، مال - دۇنيا ، شان - شۆھرەتنى ئېلىپ كەتمەيمىز ، ئۇلار ھەممىسى قالىدۇ  . شۇنداق بولغان ئىكەن بىز نىمىشقا  ھايات قالغۇچىلارغا  مۇھەببەت ، ياخشىلىق ، خوشاللىق  قالدۇرماي ، ئەكسىچە ھەسرەت ، ساختىلىق ، رەزىللىك ، يامانلىق ، خاپىلىق ، كۆڭۈلسىزلىك قالدۇرۇپ كېتىمىز ؟؟؟.....

          ھايات مۇھەببەت بىلەن گۈزەل . مەن دۇنيادىن مۇھەببەت بىلەن ياشاپ مۇھەببەت بىلەن كەتسەم دەيمەن .

         تەڭرىم ،  مەن سەندىن ئۆتۈنەي ؛ بىزگە مۇھەببەتنى ، مۇھەببەتتە بەخت ۋە خوشاللىقنى بىزدىن ئايىمىغىن ! سىنىڭدىن ئەتىكى قۇياش نۇرىنىڭ تېخىمۇ نۇرلۇق چىقىشىنى  ئۆتۈنىمەن !

        چۈنكى مەن قۇياش نۇرىنىڭ پارلاپ چىققىنىنى كۆرەلمىگىچە گۈللەرنىڭ رەڭمۇ - رەڭ ئېچىلغىنىنى كۆرەلمەيمەن ............

        سەندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتۈنىدىغىنىم ؛ بىزگە ساغلام تەن ، پاك قەلب ئاتا قىلغىن ! شۇنداق بولغاندىلا بىز ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزغا يىتەلەيمىز !!!

       مەن ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ،  خۇددى چۈشتىن ئويغانغاندەك ، ئۆتۈنۈشلىرىم ئىجاۋەت بولىۋاتقاندەك ، قەلبىمدىكى قارا تۇمانلار تاراپ ، دىلىم بىردىنلا يورۇپ ، ئازاپ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغاندەك  بولدۇم ، ئىزگۈ خىياللىرىم مۇڭ كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ ، ھايات كەچمىشلىرىمدىكى بەخت ئەلبوملىرىنى ماڭا ۋاراقلاتقۇزۇپ ، قەلبىمگە شاتلىق ئاتا قىلىپ ، مىنى ئۈمۈتۋار ياشاشقا دەۋەت قىلدى  .... مەن ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ يىنىك قەدەملەر بىلەن ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم ..........
مەنبەسى : ئەل كۈيى تورىدىن

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 07:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر ئەپەندىمنىڭ ، بۇ نەسىرىنى ئوقۇپ ئىلھاملىرىم ئۇرغۇپ تاشقان ،زەپەر ئەپەندىمگە ئاتاپ شېىرىي كۈيلىرىم يېلىنجاپ تۇرغان، ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلسەم  بۇ ئەسلىدە ئەلكۈيى تورىنىڭكەن ئەمەسمۇ ؟؟
ئىسىت!، بۇ تېما ئەلكۈيىنىڭ ئەمەس سىزنىڭ بوپكەتكەن بولسىدى !؟
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 14:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ:«ئەپەندىمنى مۇنچە ئازاپقا قويغان زادى نىمىدۇ ؟»دەپ ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەقەززا بولدۇم .ھەم ئوقۇپ كېتىۋېتىپ تەسەللى بولغىدەك سۆزلەرنى ئويلاپ يېزىشقا تەمشەلدىم شۇ ۋاقىتتا كۆزۈم مەنبە « ئەلكۈيى » گە چۈشۈپ بۇ  ئويلىغانلىرىم بىردىنلا غايىپ بولدى  ، ھەم بىردىنلا يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم .

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 17:10:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك دەرتمەنگە سىرداش بولغىن   !  تەنھاغا ھەمرا بولغىن  !  يۈرۈگۈمگە داۋا بولغىن   !   مەجرۇھ قەلبىمگە ، كۆڭۈل يارىلىرىمغا شىپا بولغىن !  ..... بۈگۈن بارلىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۈگىتىۋالاي  ،  تۆككەن  ياشلىرىمندىن قارلارمۇ ئېرىپ كەتسۇن  !  

نىمىدىگەن تەسىرلىك  قۇرلار بۇ ،  
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

10

تېما

0

دوست

648

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
147 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
128 سەر
شۆھرەت
115 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 17:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر ئەپەندىگە نەدىن كەلدى بۇدەرت -ئەلەملەر؟ ئاغىينە، سىلەرگە بۇ كۈنلەر دە  نىمە بولدى،ئەمدى؟ ياشلىقىڭدا تارمىغان دەرت- ئەلەملەرنى ئەمدى تارتىۋالاي  دەۋاتامسەن؟

6

تېما

0

دوست

913

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
181 سەر
تىللا
161 دانە
تۆھپە
160 سەر
شۆھرەت
178 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 22:22:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھامان ئىلگىر- كېيىن  بولۇپ قانداق كەلگەن بولساق شۇنداق كېتىدىكەن
بىرىنچى شەخىس كۆپلۈك بىلەن ئىككىنچى شەخس ئارلىشىپ قالغان ئەھۋاللار بار. ياخشى يېزىلىپتۇ!
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 22:32:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمەدىگەن تەسىرلىك ھەم ھىسياتلىق نەسىر بۇ؟ ھەقىقەتەن كىشىنى چۇڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قويدى........
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:05, Processed in 0.484080 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش