نىدا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئارەزىڭنى ئاي دېدىم، چولپاننى سەندىن ئىزدىدىم، كۈن دېدىم ۋەسلىڭنى مەن، ئاسماننى سەندىن ئىزدىدىم.
ئۆرتىنىپ چاقماڭلىرىڭنىڭ تۈندىكى ئاۋازىدا، لەۋلىرىڭدىن چوغ سوراپ، گۈلخاننى سەندىن ئىزدىدىم.
چۆكمىلەر بار قىن-قىنىمدا ئۇيۇغان زەرداب بىلەن، بىر يولى كۆيدۈرگىلى ۋولقاننى سەندىن ئىزدىدىم.
كۆزلىرىمدە ئاقمىغان دەريانى دەريا دەمدىمەن؟ تاشقىنىمغا قاينىغان ئەفغاننى سەندىن ئىزدىدىم.
نەرە تارتىپ بارلىقىمدىن بۇ جۇنۇنلۇق دەشتىدە، لەرزىگە كەلسە جاھان تۇغياننى سەندىن ئىزدىدىم.
باغلىدىم ساچىڭ بىلەن ھەققە بويۇننى قاتمۇ-قات، ئۆلگىلى ئىشقىڭدا جان، ئىمكاننى سەندىن ئىزدىم.
مەن غېرىبنىڭ باغرىدا سولدى چىمەنلەر ياش تۆكۈپ، تۇپرىقىمغا ئۈنسە دەپ رەيھاننى سەندىن ئىزدىدىم...
2012-يىلى، 10–ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىسار.
|