مائاشىم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئوقۇغاچقا ئون بەش يىل ئېلىپ ساۋاق، مائاشىم، «مۇئەللىم»دەپ ئەل ماڭا بەردى ئاتاق، مائاشىم، ئەجىر قىلدىم تەر تۆكۈپ تۈندە ئويغاق، مائاشىم، ئەۋلادلارنىڭ دىلىغا ياقتىم چىراق، مائاشىم، ئىشلىدىممەن كۆزلىمەي سېنى ئۇزاق، مائاشىم.
تارتۇقلىدى ئەل مېنى، بەردى سېنى ھەمياندىن، مىننەت قىلماي-ئاغرىنماي چەشنى سېتىپ خاماندىن، بولمىساممۇ بۇزرۇكۋار ئاق نان بەرگەن دېھقاندىن، ئالقىش-سادا ياڭرىدى شۆھرىتىمگە ھەر ياندىن، تۇرمۇش يولۇم ئېچىلدى داغدام-پارلاق، مائاشىم.
ئاي توشقىچە كەلدىڭسەن قوللىرىمغا شاراقلاپ، يۈرمىدىممەن قېنى دەپ سېنى سوراپ-سوراقلاپ، تەلمۈرمىدىم كۈن ساناپ-كالېندارنى ۋاراقلاپ، ئۆتتۈم مەنمۇ باياشات كەتمەي ئەلدىن يىراقلاپ، ئالغاچ سېنى باشتا مەن ھەر ئايدا ساق، مائاشىم.
بىراق، ئەمدى قۇرۇلدى ساڭا تالاي قاپقانمۇ، سالالمىدى ھەميانغا سېنى ھالال تاپقانمۇ، بىر تىيىنغا زار بولۇپ ئاچالمىدىم ئالقانمۇ، تۇرمۇش غېمى، ئۆي غېمى مېڭەمنىمۇ چاققانمۇ، ھەق گېپىمنى دەپ سالدىم تۈرۈپ قاپاق، مائاشىم.
مۇئەللىممەن، ئۆتىدۇ كۈنۈم كىتاب، بور بىلەن، چۈشەلمەيمەن«دېڭىز»غا بېلىق تۇتۇپ تور بىلەن، ئۇرالمايمەن ئۆزۈمنى پۇلغا ئومۇم خور بىلەن، ئەمىلىممۇ يوق مېنىڭ، جان باقمايمەن ھور بىلەن، مېھتىمچۈن مۇھتاجمەن ساڭا ھەر ۋاق، مائاشىم.
نان يەي دېسەم تېرىشقا ئالقانچىلىك يېرىم يوق، ساتاي دېسەم يا چارۋا، يا ئۆستۈرگەن جىرىم يوق، ئوقۇپتىمەن بىلىم دەپ، ھۆنىرىم يوق-پىرىم يوق، ئۇن، ياغ، گۆشكە، كۆكتاتقا سەندىن باشقا كىرىم يوق، نەگە كەتتى ئۆز بەختىم ئاچماي قۇچاق، مائاشىم؟
سېلىقكەشلەر قۇرۇقداپ توم قىلمىدى ھەمياننى، بەش-ئالتە يۈز سوم بىلەن باقالمىدىم بىر جاننى، بەزى ئۈچ ۋاق تاماققا دالمۇ قىلدىم بىر ناننى، چىدالماستىن كۆتۈردۈم مۇشتۇمۇمنى، چۇقاننى، سۈكۈت قىلىپ ئەمدى مەن ئۆتەي قانداق، مائاشىم؟
تۇتۇلىسەن گاھىدا زىياپەتكە، سوۋغىغا، پۇرسەت بولۇر توي-تۆكۈن بىزنىڭ كىچىك دوغىغا، چىلاشسىمۇ ۋىجدانى خوشامەتتىن شوۋىغا، ئاڭلاپ كۈندە دەشنامنى تىلى بارماس توۋىغا، قالدىم پەستە، ئۆزگىگە بولدۇڭ پەشتاق، مائاشىم.
كەتكەچ سېنىڭ يېرىمىڭ كۈندە كەلگەن باغاققا، يېتىشەلمەي خوتۇننىڭ يېلىمىغا-تاغاققا، تاختا بېشىدا نان تۇرماي نوغۇچمۇ يەپ تاغاققا، يۈز-كۆزۈممۇ بەئەينى ئوخشاپ قالدى ياغاققا، بولدى ماڭا ئۆز ئۆيۈم گويا دوزاق، مائاشىم.
ئۆتمەس مالنى مەجبۇرلاپ تېڭىپ تېخى ئال دەيدۇ، شەربەت تۇرسا قولۇمدا، زەھەر تەڭلەپ بال دەيدۇ، سېتىپ چەكنى، زايۇمنى ھەمميانغا چىڭ سال دەيدۇ، گۆرە قويۇپ جېنىڭنى بەختىڭگە ئاچ پال دەيدۇ، ئالدامچىلار قەدەمدە قۇرۇپ قىلتاق، مائاشىم.
«ئىئانە»دەپ كۈندە بىر يەرلىك پەرمان-ھۆججەت بار، قۇتۇلماق تەس پۇل يوق دەپ، ئۆلچىمى بار، مۆھلەت بار، رەت قىلدىممۇ بېشىمغا مىڭ بىر بالا-كۈلپەت بار، ئاچقا ئۆلسەم ھېچ گەپ يوق، خەققە بەرسەم شۆھرەت بار، قالدۇرغىنىڭ شۇ ماڭا سۇئال-سوراق، مائاشىم.
«يەر تەۋرەش»تىن ئىلگىرى بەردىڭ ماڭا بەلگە سەن، «پۇل بايغا، سۇ سايغا»دەپ ئاقتىڭ چۆكۈپ سەلگە سەن، ئەجدىھاغا يەم بولدۇڭ، نەپ بەرمىدىڭ ئەلگە سەن، باش ئەگدۈردۈڭ ئاھ، ئەجەپ قۇرۇق شۇئار-يەلگە سەن، ئېلىپ كەلدىڭ ئاپەتنى ماڭا شۇنداق، مائاشىم.
جەرىمانە بار يەنە ئىشلەپ جاپا تارتساممۇ، بىمارلىقتا دوختۇردا جان قىينىلىپ ياتساممۇ، بالام قېلىپ تالادا، ئۆي-مۈلكۈمنى ساتساممۇ، ئاتا-ئانام كۆز يۇمۇپ ئىڭىكىنى چاتساممۇ، غەزەپ-زاردىن قان-ياشقا تولدى چاناق، مائاشىم.
ئۆتەلمىسە بىر بالام ئىمتىھاندىن-سىناقتىن، ئۇچراپ زەربە-ھۇجۇمغا، ئوقلار ياغار ساداقتىن، تۆۋەنلەيدۇ دەرىجەڭ(ئۆتەلمەيمەن چاتراقتىن)، قۇتۇلالماي ياشايمەن ئون يىلغىچە قالپاقتىن، ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆتكەلدىن تاقىتىم تاق، مائاشىم.
تۇتۇپ قالار بەزىدە چىقمىدىڭ دەپ ھاشارغا، -كەتمەن چاپماي نان يەمسەن،-دەيدۇ مېنى،-بىكارغا، ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن ئوخشىساممۇ چاكارغا، ئۆ نەپسىمچۈن ئات توقۇپ چىقمىساممۇ شىكارغا، گاھ، ممۇنبەر، گاھ ئېتىزدا چاپتىم ساياق، مائاشىم.
قالايمىقان سېلىققا چەك بار، تالاي پەرمان بار، سېلىقكەشكە ئاھ، نىچۈن يەنە يوچۇق-ئىمكان بار؟ مۇئەللىممەن، قاىشايمەن، دىلدا ھەسرەت-پىغان بار، ھەقنى ھەق دەپ جۆيلىمەس، ئەتراپىمدا شەيتان بار، ئۆتەرمۇ بۇ تۇرمۇشۇم تاپماي روناق، مائاشىم؟
يېزىپ قەرزگە ئىسمىمنى كاسسىر بىلەن خوشلاشتىم، ھالاللىق دەپ-ئەجرىم دەپ سېنى بەزى تالاشتىم، مۇدىر غوجام ھۈرپەيسە پەشۋا ئاتتىم-مۇشتلاشتىم، نېسى ئۈچۈن ھۆنەرۋەن-كاسىپ بىلەن دوستلاشتىم، تاپتىم روھىي تەسەللى ئىزدەپ قاۋاق، مائاشىم.
ئايدىن-ئايغا سۆرۈلۈپ تەگمىگەچكە قولۇمغا، قەرز ئىگىسى ئوچىرەت بولدى ئوڭغا-سولۇمغا، ئايلاپ ئۆيگە قاۋىلىپ، ماڭالمىدىم يولۇمغا، ئىناۋىتىم-يۈزۈممۇ باقتى ئاقچا-پۇلۇمغا، ئۆتتى بىر كۈن مىڭ يىلدەك ساناپ ساناق، مائاشىم.
ئالار سېنى باشقىلار ۋاقتىدا-ئاي بېشىدا، بولۇپ يۈرگەچ پەرۋانە داشقازاننىڭ قېشىدا، بولمىسىمۇ تامايىم خەقنىڭ يىگەن ئېشىدا، «تىلەمچى»دەر ئىچىدە، «ئىنژېنېر»دەپ تېشىدا، بولۇپتىمەن شۇ قۇرۇق نامغا مۇشتاق، مائاشىم.
يۇقىرىدىن بەرسىمۇ ئىلھام، مەدەت، راسخۇتنى، خالىغانچە يۆتكەيدۇ ساختا قىلىپ خامچوتنى، تىزگىنلەيمىز دەپ چۆلنى، گاھى سۇنى، گاھ ئوتنى، قۇلاق سالماس ساداغا دوراپ مۇردا ۋە بۇتنى، ئىتلىرىغا ئالتۇندىن ياساپ يالاق، مائاشىم.
قارىمايدۇ ئىشلىگەن خىزمىتىمگە-ئىشىمغا، زەن سالمايدۇ تېشىمغا، ئوسما قويسام قېشىمغا، پەرق ئەتمەيدۇ جا قالپاق كەيسەممۇ مەن بېشىمغا، بېرىلەمسەن سەن مېنىڭ ساقىلىمغا-يېشىمغا؟ توۋا دەيمەن ئۆزۈمگە تۆمۈر تاۋاق، مائاشىم.
شەكىلۋازلىق، رەڭۋازلىق ئىكەكلەيدۇ تېنىمنى، ئىشلەپ ئەللىك دەپتەرگە، خورىتىمەن جېنىمنى، سىڭدۈرەلمەي ياشايمەن يېگەن پۇچۇق نېنىمنى، ساختىلىققا كۆنگىچە ساتسام دەيمەن قېنىمنى! «ئېسىت!»دەيمەن ئۆزۈمنى قىلىپ مازاق، مائاشىم.
خوشامەتكە رايىم يوق، ئەمەسكەنمەن يالاقچى، لالما ئىتقا تالاندىم، بولالمىدىم شاتراقچى، شۇ سەۋەبلىك ئالدىمدا قۇترار دەللال-پايلاقچى، قارا قوساقلار ئالدىدا بولۇپتىمەن چاتاقچى، نامراتلىقتىن بېشىمغا تەگدى توقماق، مائاشىم.
ئالالمىدىم چۆنتەك بوش، قالدىم چەتتە ئۇنۋاندا، يەڭ سودىسى قىلالماي ئوغرىلاردەك پىنھاندا، چەكتىم تالاي رىيازەت يىراق سەھرا تاماندا، (يوق پۇشايمان ۋە لېكىن ئۆتسەم ئانا ماكاندا)، بولدۇم قايغۇ-شادلىقتا ئەلگە ئورتاق، مائاشىم.
نامراتلىققا كۆنۈپمۇ كەتتىم، ئۆلۈپ كەتمىدىم، ئاقتىم سەلدە غۇلاچلاپ، ئوتتا كۆيۈپ كەتمىدىم، ئالسام سېنى قولۇمغا يايراپ-كۈلۈپ كەتمىدىم، ئەمما، سەندىن ئۈمىدنى تامام ئۈزۈپ كەتمىدىم، تۈگەرغۇ دەپ ئويلايمەن ئالۋاڭ-ياساق، مائاشىم.
شۇڭا، ساڭا ئاتاپ مەن قاتتىم ئاچچىق قوشاقنى، «مۇخەممەس»دەپ ئات قويدۇم تاللاپ ۋەزىن، تۇراقنى، سېلىقكەشكە بەتلىدىم ۋەزنى تاغدەك سوراقنى، بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇھەررىر قۇرغان قات-قات توساقنى، مېنىڭ ئاھۇ-زارىمغا سالغىن قۇلاق، «مائاشىم»!
1998-يىلى، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭىسار-سۆگەت. |