ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ (يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بارمىقىمنى كېسىمەن
(ساتېرا)
ئەييۇھانناس جامائەت! بارمىقىمنى كېسمەن! ئۆز-ئۆزۈمگە مىڭ لەنەت! بارمىقىمنى كېسمەن! يېزىپ قالسام ئەمدى خەت، بارمىقىمنى كېسمەن! چەكسەممۇ گەر مەيلى دەرت، بارمىقىمنى كېسمەن! پىغانىمنى كۆرۈپ يەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
ئاتا-ئانام:تىرىشىپ ياخشى ئوقۇ بالام دەپ، جېكىلىگەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزمىگىن ھارام دەپ. ھە، شۇڭلاشقا ئۆ گەندىم ھەر بىلىمگە سالام دەپ، شامۇ-سەھەر تىرىشتىم باردۇر تېخى چالام دەپ، يېتىلدۈردۈم ماھارەت، بارمىقىمنى كېسمىەن!
گاھ سۇغاردىم ھەتتاكى دانالارنىڭ ئېتىنى، ھېكمىتىگە زەن سالدىم ئاڭلاپ مەستخۇش گېپىنى. ۋاراقلىدىم تارىخنىڭ نۇرلۇق ئالتۇن بېتىنى، نەقىشلىدىم يۈرەككە ئۇنىڭ ھەر قۇر خېتىنى، باغلاپ چەكسىز مۇھەببەت، بارمىقىمنى كېسىمەن!
يۈرىكىمگە تۇتاشتى شائىرلىقنىڭ سەۋداسى، بىلىنمىدى ھاياتنىڭ باشقا سالغان غەۋغاسى. چىللىغاندا بەيگىگە ئىجادىيەت سەيناسى، ئات سالدىما مەنزىلگە بولۇپ قىزغىن شەيداسى، ھەر قەدەمدە جاسارەت، بارمىقىمنى كېسىمەن!
مۇئەللىم-شۇ ئۇلۇغ نام چېكىپ دىلنىڭ تارىنى، مۇنبەر تامان يول ئالدىم پۈكۈپ ئوتلۇق غايىنى. نۇر تاراتتىم ئەۋلادقا چېقىپ زۇلمەت غارىنى، ئىجادىمدىن گۈل تىزدىم بولۇپ ئەلنىڭ شائىرى، بولدى ھەمكار پاراسەت، بارمىقىمنى كېسىمەن!
مەن يۈرگەندە كىتابنىڭ ھەر قۇرىغا ئىنتىلىپ ، ئوينىغانلار شۇ چاغدا رېستۇراندا ئېچىلىپ. كېلىپ قالار ئالدىمغا بىر كۈنلىرى بېزىرىپ : ‹‹-گېپىم بارتى ئاغىينە ، دېيەلمىدىم قىزىرىپ....›› باسار شۇ چاغ پالاكەت، بارمىقىمنى كېسىمەن!
(ئاڭلىغانتىم بىر كۇس-كۇس:‹‹بىزلەر ئالغان چوڭ دېپلوم، ئالدىمىزدا بىر تېيىن پۈتتۈرگەنلەر تېخنىكۇم!›› يۈردۈم ئاڭا پەرۋاسىز،ساقلىمىدىم ئەسلا غۇم، مانا كەلدى ئالدىمغا قىلغىنىچە تەبەسسۇم، قېنى پوچى سالاپەت؟!) بارمىقىمنى كېسىمەن!
قاقشاپ بىرەر :‹‹-خىزمەتتە سايلانغانتىم مۇنەۋۋەر، ئىش-ئىزىڭنى ياز دەيدۇ باشلىق دېگەن بەچچىغەر! ئاغىينىلەر ئىچىدە سەن ھەممىدىن زەر-گۆھەر! يازغىن ئاداش،بۇنىڭدىن چىقار كاتتا بىر ئەسەر، ئىش-ئىزلىرىم ئالامەت!››، بارمىقىمنى كېسىمەن!
رەت قىلالماي قولىدىن بىر تال سىگارت ئالىمەن، ئىشىم بارتى دېيەلمەي ،يازىمەنا-يازىمەن! بىر راستىغا ئايانماي توققۇز يالغان قاتىمەن، ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ ھارغىچە گەپ ساتىمەن، تىلى بەكمۇ پاساھەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
يېزىۋاتسام تەر تۆكۈپ ئويناپ كېلىپ سايىدا، دەيدۇ:‹‹-دەرھال پۈتكۈزسەڭ ئۇرغۇزاتتىم ھازىرلا! ›› پۈتكىنىدە ماختايدۇ : ‹‹-بەكمۇ كاتتا، جايىدا!›› تونۇيالماس ئۆزىنى ئوقۇپ بېقىپ گاھىدا ، ‹‹-يازدىكىنە كىمنى؟››دەپ، بارمىقىمنى كېسىمەن!
ۋەدە بىرەر:‹‹-پالانچى رېستۇراندا تېپىشىپ، چىقىرايلى ھاردۇقنى چىلاشقۇچى ئىچىشىپ!›› ‹‹-رەھمەت!›› دەيمەن چاندۇرماي ئاچچىقتا قول قېقىشىپ، قۇتۇلغىنى شۇ ئۇنىڭ،يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ، دەپ قالىمەن:‹‹كاساپەت!››، بارمىقىمنى كېسىمەن!
ئاران كەلگەن شەنبىگە زار بولغانچە مۇڭلۇنۇپ، ھېرىپ-چارچاپ خىزمەتتىن قاقشاپ يۈرسەم تولغۇنۇپ، نېمە ئانچە زۇلۇم بۇ؟ ئىچ-ئىچىمدىن بوغۇلۇپ، دەيمەن: سوقسا ماشىنا يېتىۋالسام سوزۇلۇپ، شۇ ئەمەسمۇ پاھ، راھەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
بىرى دوستۇم، ئاغىينەم، بىرى ھەتتا ساۋاقداش، بىرى قايسى چاغدىدۇر بىللە ئىچكەن قاۋاقداش، بىرى تونۇش-بالنىستتا بىللە ياتقان ياتاقداش، بىرى تۇغقان،بىرلىرى تەكتىمىزدىن ساپاقداش، كۆزىدە مۇڭ -خىجالەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
يازدىم يەنە تالايغا ئۇنۋان ئۈچۈن ماقالە، چالا قالماس سالام خەت، دوكلات، ئۇچۇر- ئالاقە، يازدىم ھەتتا توي باغاق ،نەزىر ، قاتار چاينامە، تونۇشتۇرۇش ،ئىلتىماس ،ئولتۇراق ئۆي جاينامە، بولدى بەكمۇ مالامەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
چۇلغاپ ئەقلۇ-زېھنىمنى گاھى چاغدا بىر سېھىر، چاقناپ قالار كاللامدا شۈنچە تېرەن بىر پىكىر. يازاي دىسەم ماقالە،يا ھېكايە،يا شېئىر... ئالار قات-قات بېسمغا ياكى مۇنكىر،يا نىكىر، نەدە ۋا قىت ۋە پۇرسەت؟ بارمىقىمنى كېسىمەن!
مەن يازغاننى قىزارماي ‹‹مېنىڭ›› دەپلا ئىشلەتسە، ‹‹ۋاقتىم يوقتى›› دېگەنگە نەرە تارتىپ كىشنەتسە، گاھى ئاستا شىمىرلاپ پاقالچاقتىن چىشلەتسە، ئامال يوقمۇ پىقىرغا ئوغا-زەھەر ئىچمەسكە، بولدى قىزىل قىيامەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
بىلمەمدىكىن بۇ خەقلەر دەرسىمنى كىم ئۆتەرنى؟ دۆۋە-دۆۋە تاپشۇرۇق يەنە مېنى كۈتەرنى؟! كەم قالسا گەر باشلىقىم دەپتىرىگە پۈتەرنى؟! باش-ئۈستۈمگە ھاقارەت، تىل-دەشنامنى تۆكەرنى؟! چەكتىم بەكمۇ رىيازەت، بارمىقىمنى كېسىمەن!
(ئەمدى تېخى ياشىدىم ئىككى مۆچەل-توققۇز ئاي، گەجگىلىرىم قاينىدى ،چاچ ئاقاردى بىر تالاي. نېرۋام كەتتى قوچۇلۇپ، بولۇپ قالدىم بىر بوۋاي، داۋاسىنى قىلغىلى ئاھ ،كىملەردىن يول سوراي؟ نەدىن كىلەر شاپائەت؟!بارمىقىمنى كېسىمەن!)
-ئۇرغۇپ تۇرار تالانتى كاتتا شائىر! -مىڭ لەنەت! -شېئىر دېگەن زۆھرەغۇ،خۇددى تاھىر!- مىڭ لەنەت! -گەپ كەتمەيدۇ يېزىشقا بەكمۇ ماھىر!- مىڭ لەنەت! -قورقماس مۈشكۈل خەتەردىن گويا سادىر!- مىڭ لەنەت! ئەسلى ئۆزۈم ھاماقەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
شۇڭا دەيمەن:بولغۇچە كىملەرنىڭدۇر دورغسى، سەنمۇ ئۆگەن تىرىشىپ، مانا گەپنىڭ توغرىسى. ئويۇن دېسەچىقامدۇ سەندەكلەرنىڭ يورغىسى؟! ۋاي داد! يوقال يېنىمدىن ئەي ۋ اقىتنىڭ ئوغرىسى! قىلما دىلنى جاراھەت! بارمىقىمنى كېسىمەن!
«شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىن ئېلىندى. سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ساتېرانى ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ قەلەم تۇتقان بارماقلىرىنى كېسىپ تاشلىشىغا سەۋەبچى بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-10 20:18
|