پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 12

جۇڭگۇ مائارىپى پاھىشىخانىدا نىمە قىلىدۇ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 21:56:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو مائارىپى ئەخلەت مائارىپ >، < جۇڭگو مائارىپى يەنە بىنادىن سەكرىۋالدى >، <جۇڭگو مائارىپىنى ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك > دىگەندەك تۈرلۈك پاراڭلار دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ،مائارىپ توغۇرلۇق زىيالىيمۇ ، قاسساپمۇ ، دېھقانمۇ ، رەھبەرمۇ سۆزلەيدۇ . مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىكى ئادەم بو توغۇرلۇق پاراڭ سالىدۇ .  
   20-30 يىلنىڭ ئالدىدا لۈشۈنمۇ بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىگەن ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە نۇرغۇن لۈشۈنلەر ۋە بىز سىز بۇ توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز !
   ئابدۇرىھىم ئابلەتخاننىڭ قايسى بىر ماقالىسىدە چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىنخۇا ئۇنۋېرستىتى مەكتەپ دەرۋەزىسى ئالدىدا سىيىپ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان سۈرەت بىلەن باشلانغان مائارىپ توغرىسىدىكى بىر ماقالىسىمۇ بار  !     
    ھەممىمىز جۇڭگو مائارىىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ، شۇڭلاشقا مائارىپ توغۇرلۇق ھەممىمىزنىڭ سۆزلەش ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيتى بار : ئۇنداقتا بۇ ماقالەمنىڭ ماۋزۇسىنى نىمىشقا <جۇڭگو مائارىپى پاھىشخانىدا نىمە قىلىدۇ ؟ > دەپ قويدۇم ، دىققىتىڭىز تۆۋەنكى ماقالىدە بولسۇن !









  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ئۈچۈن ،مۇئەللىم تېنىنى ساتتى .
   ئۇ ئۆلدى ، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر پاھىشە ئىدى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى . جۇڭگودىكى ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى . ئۇ تېنىنى سېتىش ئارقىلىق سەبىي ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلدى .
   بىر پاھىشە ۋاپات بولدى ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى ، مەكتەپ ئىچىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى .

   بۇ 21 ياشلىق چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى .  مەكتەپ مۇدىرى : ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلدى .  

    يىنسەي شىيا  گەنسۇنىڭ نامرات بىر يېزىسدىن ئىدى ، بۇ يېزىدىكى قىزلار مەيلى سەت ياكى چىرايلىق بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ پۇل تاپاتتى . ئۇلار ھەر يىلى باھار بايرىمىدا  يوغان چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ نۇرغۇن پۇل بىلەن يېزىسىغا قايتىپ كېلەتتى ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى ، لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنداق قىلمىدى .  يېزىدىكى كىشىلەرگە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى زادىلا كاللىدىسىدىن ئۆتمەيدى ، ئەمەلىيەتتە يىنسەي شىيا يېزىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز ھېساپلىناتتى ، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ  ئۇنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان يارىماس دەپ تىللايتتى .
          شۇ يەردىكى بىر  باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئالدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يىنسەي شىيا تەشەببۇسكۇرلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتتى . ئۇنىڭ تولۇقسىزدىكى ئوقۇشى بەكمۇ ياخشى ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى .
      ئۇ تۇنجى قېتىم مەكتەپكە كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار ھەيران قېلىشتى ،چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن مۇنداق ياش چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى ،شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ خوشال بولدى . سىنىپلار بەكمۇ كونا ئىدى ، دائىم يامغۈر سۈيى ئۆتۈپ كېتەتتى ، ئۈستەل -ئورۇنداقلارمۇ  كېسەك -خىش پارچىلىرىدىن ياسالغانىدى . ھەممىدىن ناچارراقى بولسا ئۇلارنىڭ دوسكىسى ئىدى ، بورا بەكمۇ قىس ئىدى ، يوق دېيەرلىك ئىدى ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قانچە سۆزلۈك ئۆگەتتى .  







   بىر كېچىسى بوراندا سىنىپلارنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ كەتتى ، داسكىنىمۇ بوران ئۇچۇرۇپ كەتتى . ئەتىسى ئوقۇغۇچىلار بۇنى كۆرۈپ بەك ئازابلاندى ، مەكتەپ مۇدىرى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە پۇل ئالغىلى بېرىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى . شۇ كۈنى مەكتەپ مۇدىرى يىنسەي شىياچاقىرىپ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سىزنى كەلسە پۇلنى بېرىمەن دەيدۇ دېدى . ئەزەلدىن يېزىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ ئوقۇتقۇچى 10 نەچچە كىلىموتېر يولنى پىيادە بېسىپ مائارىپ ئىدارىسىنى باشلىقنىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى، ئىشخانا بەكمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى . ئىشخانا تېمىغا ئېسىلغان سۈرەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى . مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەدەپ گەپگە تۇتاتتى ،شۇنداق قىلىپ قاراڭغۇمۇ چۈشتى .
شۇ چاغدىلا بۇ باشلىق ئىچىدىكى ئىشخانىنى شەرەت قىلىپ : مەن بىلەن كىرىپ پۇلنى ئېلىۋېلىڭ دېدى ، ئۇ كىردى ،  بۇ يەردە پەقەت بىر كارىۋات بارلىقىنى كۆردى ، ئەنە شۇ كارىۋاتتا ئۇ تۇنجى قېتىم ئىپپىتىنى يوقاتتى ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ ياشلىقىنى يوق قىلدى ، كارىۋاتتا قىپقىزىل قان تۇراتتى ، بۇ قان ئىشخانىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق بايراقتىنمۇ بەكرەك قىزىل ئىدى .
   ئۇ يىغلىمىدى ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئۆرۈلۈپ كەتكەن سىنىپقا قاراپ يىغلاپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىدى . ئۇ كېچىچە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۆيىگە قايتتى ،  بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمىدى .
   ئۇ ئەتىسى مەكتەپكە كەلدى ، كېسەك تەييارلاپ سىنىپنى قايتىدىن ئوڭشىدى ، لېكىن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يەنىلا دەرس ئۆتكىلى بولمايتتى ، ئۇ بالىلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن     بىزگە خىشتىن سىنىپ سېلىپ بېرىدۇ دەيتتى . شۇندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى 10 نەچچە نۆۋەت مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ خىشنىڭ پۇلىنى ئالالمىدى ،شۇ چاغدىلا مەكتەپ مۇدىرى ھېلىقى كۈنى نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدى .
  يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى . لېكىن پەقەت بىر قانچە ئوقۇغۇچىلا  ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالىدى ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پۇل تاپشۇرالماي ئاتا -ئانىسىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئېتىزغا كېتىپ قېلىشتى ، ئۇ بۇنىڭغا پەقەتلا چىدىمايتتى ، كۆڭلى ئۇنىمايتتى .
       قانداق قىلىش كېرەك :
     يېزىدىكى كۆپىنچى قىزلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردە تېنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى ، ئۇ ئاخىرى يالىڭاچلاندى ، تېنىنى سېتىپ بۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى قارار قىلدى .
       ئۇ باشتىن ئاخىرى يۇيۇندى ، مەكتەپ مۇدىرىغا ، ئۆيىاىكىلەرگە شەھەرگە كىرىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئاپىسى خوشال بولۇپ كۈلدى ، مەكتەپ مۇدىرى بولسا يىغىسىنى تۇتالماي قالدى .
     ئۇ پاھىشخانغا كىردى،  مەينەت كارىۋاتتا  ئىككىنچى قېتىم تېنىنى بۇلغىدى ، ئۇ شۇ چاغدا كۈندىلىك خاتىرىسىگە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇشۇ پاھىشىچىلىكمۇ ئەمەس دەپ يازدى .
      ئۇ بۇ پاھىشخانىدىكى ئەڭ چىرايلىقى ئىدى ، گىرىممۇ قىلمايتتى . ئەزەلدىن يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنىمۇ كىيمەيتتى . لېكىن ئۇنىڭ تاپاۋىتى ئەڭ ياخشى ئىدى .  ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ خېرىدارلىنى تارتىۋالغاچقا دائىم باشقىلارنىڭ ئۇرىشىغا ئۇچىرايتتى ، ئۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئورۇنغا ئالمىشاتتى ، قىلچە خورلۇق ھېس قىلمايتتى ، ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا يېزىسدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايتتى .،
     ئۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن ھەممىنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئەۋەتىپ بەردى،  باشقىلار مەكتەپ مۇدىرىدىن بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا مەكتەپ مۇدىرى جەمئىيتتىكىلەر ئىنئانە قىلغان پۇل دەپلا جاۋاپ بېرەتتى .
      ئاشكارلانمايدىغان ئىش يوق بولغىنىدەك ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پۇللارنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچنىڭ ئەۋەتىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى ، مۇخپىرلار ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىزدەپ باردى ، لېكىن ئۇ رەت قىلدى ،چۈنكى ئۇ پاھىشە ئىدى .
        پۇل بار بولدى ، مەكتەپ شارائىتى ياخشىلاندى،  بىرىنچى ئېيى ، يېڭى چوڭ داسكا بار بولدى ، ئىككىنچى ئايدا مەكتەپ تاملىرى رېمونت قىلىندى، ئۈچىنچى ئايدا ئوقۇغۇچىلار ياغاچتىن ياسالغان ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى . تۆتىنجى ئايدا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلىك كىتاپ دەپتەرلىرى بولدى ، ھەممىسى قىزىل گالاستۈك تاقىدى ، بەشىنچى ئايدا بولسا بىر مۇ ئوقوغۇچى يالاڭ  ئاياق مەكتەپكە كەلمەيدىغان بولدى .  
         ئالتىنچى ئېيى مۇئەللىم مەكتەپكە كەلدى ، ئوقۇغۇچىلار بەك خوشال بولدى ، يىن مۇئەللىم بەكمۇ چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ دېيىشتى ، يىن مۇئەللىم يىغلىدى . ئۇ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپلا يەنە شەھەرگە يول ئالدى ، سەككىزىنچى ئېيى مەكتەپتە گىمناستىكا مەيدانى بولدى . توققۇزىنچى ئېيى ۋاسكىتبول مەيدانى بار بولدى ، ئونىنچى ئايدا مەكتەپتە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق  بار بولدى ،
    ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىگە ئاشنا بولدى ، كېيىن دىقققەتسىزلىكتىن ئۇنىڭ بويىدا قالدى . ئۇ بالىنى چۈشىرىۋەتتى . شۇ ئارلىقتا بۇ ئۆي - مۈلۈك سودىگىرى زىيان تارتقانلىق تۈپۈيلى ئوقۇتقۇچىغا بىر پۇل پۇل بەرمىدى .
    ئۇ يېزىنى سېغىندى ، ئوقۇغۇچىلارنى سېغىندى، قايتىشنى ئويلىدى ، لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچىلار خىشىن سىنىپ سېلىپ بېرىش ئارزۇسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانىدى . شۇڭلاشقا ئۇ ئامال يوق بۇ سودىگەرنى ئىزدەپ باردى ، ئۇ پۇل يوقلىقىنى لېكىن چوڭ بىر پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېردىغانلىقىنى ئېيتتى  . بۇ سودىگەر ئۇنىڭغا بىر چەتئەللىك سودىگەرنىڭ ئۇنىڭ بىر كېچىلىكى ئۈچۈن 3 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى .
   ئۇ ئاخىرى بۇ چەتئەللىك ئىپلاسنىڭ كارۋىتىغا چىقتى ، ئۇ شۇ كۈنى بۇ كېچە ئۆتسە ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ،ئاندىن يېزىغا قايتىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۈلۈمسىرىدى .
     لېكىن ، لېكىن ، بەكمۇ ئەپسوس ، شۇ كېچى ئۇ 3 ئىپلاس چەتئەللىكنىڭ زورمۇ زور باسقۇنچىلىق قىلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى،
     ئۇ تېخى يېقىندىلا ئۆزىنىڭ 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى .
      ئۇ ئۆلدى ، ئەڭ ئاخىرقى ئوغۇقۇچىلارغا خىشتىن سىنىپ قىلىپ بېرىش ۋە مەكتەپكە ئىككى كومپىيوتور ئېلىپ بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي كۆزى ئوچۇق ھالدا كەتتى .
     بىر پاھىشە ھاياتىدىن ئايرىلدى ، بىر ئالىيجاناپ ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى ، بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنى يەنىلا كۆپكۆك ئىدى . بۇ شەھەردىكى ئەمەلدارلار  چوڭ رېستۇرانلاردا يەنىلا  ھاراق ئىچىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى .
  نۇرغۇن كىشىلەر ئېسىگىمۇ ئالمايدىغان بۇ كىچك تاغلىق يېزىدا ئاددى لېكىن تولىمۇ قايغۇلۇق دەپنە مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلۋاتاتتى .
   مۇئەللىمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان رەڭسىز سۈرىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ،
  مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاچتى .
      پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا مەكتەپ مۇدىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئوقىدى :
      بىر قېتىم تېنىمنى ساتسام بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەلەيمەن ،بىر بايغا ئاشنا بولسام بىر يېزا مەكتىپىنى گۈللەندۈرەلەيمەن .
      مەكتەپتىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى .
     جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم بىر پاھىشە ئۈچۈن بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى . .




ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى باغداش تورىدىن ئۆزتۈرۈك ،
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 23:36:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەسىرلىك ھىكايىكەن .رەھمەت سىزگە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 23:59  

بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
10 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
7 سەر
شۆھرەت
6 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 23:54:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 12:10:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. يىن سەيشىيا مۇئەللىمنىڭ تېنىنى ساتقانلىقى كىشىلىك ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا خاتا بولسىمۇ ، لېكىن ، ئۇنىڭ مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.قوشۇنىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلار ناھايتى كۆپ.ئەگەر مائاش بېرىلمىسە مېنىڭچە 95% ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن .قايسى بىر ماتىرىيالدا ئوقۇتقۇچىلارنى مۇنداق 4 دەرىجىگە ئايرىغانلىقىنى كۆرگەن ئېدىم: 1. كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغانلار 2. كەسىپنى ياخشى كۆرىدىغانلار  3. كەسىپنى جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار  4. كەسىپنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار .
  1-تۈردىكى كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، ئۇلار دەل مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇستازلارنى  كۆرسەتسە كېرەك . ئۇلار ئومۇمى سان ئىچىدە ئاران 5% نى تەشكىل قىلىدىكەن. 2-3-تۈردىكىلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا 45% نى تەشكىل قىلىدىكەن . 4-تۈردىكىلەرمۇ 5%نى تەشكىل قىلىدىكەن. بىزدە مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز كۆپرەك بولغان بولسا  مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئەھۋالى بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى.ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى ھىساپلايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلىنىپ بېقىشىنى ، پەقەت بولمىغاندا  مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن ئالغان مائاشقا تۇشلۇقمۇ بولسا  ئەجىر سىڭدۈرۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1415 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1080 سەر
شۆھرەت
960 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 13:03:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مائارىپ ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك.

11

تېما

4

دوست

1431

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
432 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
201 سەر
شۆھرەت
215 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 17:53:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىريالنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمايلا قالدىم. ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي  ئۆكسۈپ - ئۆسۈپ يىغلىماقتىمەن . ئىشخانىغا كىرگەنلەر مەندىن نىمە بولغانلىقىنى سورايتتى ئۇلارغا بۇ پاجىئەنى . مائارىپ ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلغان بۇ قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم ئۇلارمۇ ياقىسىنى تۇتۇشۇپ قالدى .
   نونى ئەپەندىمنىڭ ئېيتقىنىدەك ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ناھايتى ئاز ساننى ئىگەلەيدۇ  . بۇ ھېكايە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . ئويلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . بىز زادى مىللىتىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق؟ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرۋاتىمىز ؟

68

تېما

4

دوست

2516

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
654 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
408 سەر
شۆھرەت
679 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 20:39:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مائارىپچىمۇ ياكى مائاشچىمۇ ؟بۇ قىز گەرچە ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا زىت ئىش قىلغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئۆز مائارىپى ،ئۆز مىللىتى ئۈچۈن پاھىشىلىك قىلىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.ئەگەر قولۇمدىن كەلسىدى ئۆز ئىشخانىسىنى ھەشەمەتلىك زىننەتلىۋىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شارائىتى،ئۇقۇشىنى قىلچە ئويلىماي نەپسانىيەتچىلىك ،شەھۋەتپەرەسلىك  بىلەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ ياشلىق باھارىنى،بىر ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى دەپسەندە قىلغان ئاشۇ مۇناپىق مائارىپنىڭ مەسئۇلىنىڭ كۆتىگە قايناقسۇ قۇيۇپ تازا بىر پۇخادىن چىقاتتىم-ھەي............!!! تېمىڭىزگە رەھمەت.     مائارىپىمىزنى باشقىلار گۈللەندۈرۈپ بەرمەيدۇ، ئۆز مائارىپىمىزنى ئۆزىمىز گۈللەندۈرۈشىمىز كىرەك.ئېغىزدا ھىچقانداق ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ،ئەمەلەيىتىمىزدە كۆرسىتەيلى........!!!   ئورتاق تىرىشايلى،چۈنكى ئۆز مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت كەلگۈسىنى دەپسەندە قىلغان مىللەتتۇر..........
مەرھابا يېڭى يىل

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:45:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ھىكايە ئىكەن. بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا، ھاياتىنى تەقدىم قىپتۇ. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزچۇ؟ ئۇلار يەپ-ئىچىش، راھەت تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەل تۇتىۋاتقاندەكلا، ئۇلار تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقنى، خەلقنى ئويلاپ باقمايدىغاندەكلا.......

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 12:28:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەسىرلىك ھىكايىكەن .رەھمەت سىزگە.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 20:19:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنالا بەك تەسىرلىك ئىكەن .....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:12, Processed in 0.410204 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش