ئىلى سەنىمى (تولۇق تېكىستى) 1. يۆلەن قوشۇلما قاش شۇل يارىمنىڭ، نەشپۈت باغى بار. يېرىپ كۆرگىن يۈرۈكىمنى، كۆيگەن داغى بار. 2. ھاي – ھاي يۆلەن ھاي – ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن گۈل قايدا بار، يارىيار، بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار، يارىيار. ھاي – ھاي يۆلەن ھاي يۆلەن بارمۇ ھايات يارىيار، قارچۇغىدەك بويۇڭغا بولدۇم سەيياد يارىيار. 3. ۋاي يار سەنەم ئىزدىمەس كۆڭلۈم سېنى ۋاي يار سەنەم، ئىزدىگەننىڭ يارى بول، گۈليار سەنەم. كىم سېنى يارىم دېسە ئەي يار سەنەم، بول ئۇنىڭغا جانكۆيەر دىلدار سەنەم. 4. مەستۇن ھەيران مەستۇن يارىم ھەيرانىمەن، مۇشۇ كۈنلەردە. ياتسام كېچە ئۇيقۇم كەلمەس، قارا تۈنلەردە. ئوخشايدۇ يار، يۈزۈڭ ئايغا، گۈل غۇنچە ساڭا ھەيران، ئاللا. سەن مېنى يارىم دېسەڭ، جانىمنى قىلاي قۇربان، ئاللا. يارەي، ۋاي–ۋاي سەنەم. مەستۇن يارەي ئايارەي، شېرىن يارەي، ئايارەي، يارەي ۋاي–ۋاي دوستلار. يارەي يارەي ۋاي دوستلار، كەل دېگەچكە مەن بارغان، ۋاي دۇستلار، يارەي ۋاي–ۋاي سەنەم. 5. يۈزۈڭ بىر ئاي 6. شەھىرىڭدە خۇمارىم 7. بىر كۆرۈپ سېنى يارىم كەل دېگەچكە مەن بارغان شەھرىڭدە خۇمارەي. بىر كۆرۈپ سېنى يارىم. قالمىدى مېنىڭ ھالىم. بىر باقساڭچۇ سەن يارىم، تەڭ بولۇپتۇ ئەھۋالىم. يارنىڭ يۆلىكى ياردىن، يارى بولمىسا قايدىن. غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا، شىرىن سۆزلىرىڭ ئاندىن. 8. ئۇكىجان ئېتىڭ ئامانمۇ ئۇكىجان ئاتىڭ ئامانمۇ؟ يۈكلەگەنىڭ سامانمۇ؟ پىراقىڭدا كۆيدۈم مەن، بىر قارىساڭ يامانمۇ؟ يول بولسۇن ئۇكىجان، يول بولسۇن، ئۆرگىلەي، باسقان ئىزلىرىڭ گۈل بولسۇن. 9. يەللە دوست يارسىز ئۆمرۈم مېنىڭ، مىڭ ياشىسام بىر كۈنچە يوق. ئىشقى ئوتۇڭنىڭ ئالدىدا، دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق. (دوستلار، يەنە دوست). نەدىكى گەپنى قىلىپ، ئەندىشىگە قالدى كىشى. چەككىلى تاماكا يوق، مۇڭداشقىلى نەدە كىشى. دوست يەنە دوست ، خانىم يەنە دوست، دوستسىز قويما مېنى زار يىغلىتىپ. 10. يار ساڭا مەيلىم بار قوي كېلەدۇر قوزا بىلەن، يارىيار، ئايلىنىمەن، بىر – بىرىنىڭ ئىزى بىلەن، يار ساڭا مەيلىم بار. كۆڭۈل رىشتەم باغلنىپتۇ، يارىيار ئايلىنىمەن، ھەمسايىمنىڭ قىزى بىلەن، (يار ساڭا مەيلىم بار) 11. سۇۋار ئەي يارەي، ئەي مېھرىبانەي، ئوينايلى (ئەي) كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى. قىزىلگۈلنى ئۈزىۋالدىم بىلەكىمگە، پەرىزاتنىڭ ئوتى چۈشتى يۈرەكىمگە. بىدارىمەن يار ئىشقىدا كېچە–كۈندۈز، يەتسەم گۈزەل يار ۋەسلىگە، تىلەكىمگە. ئەي يارەي ، ئەي مېھرىبانەي. ئوينايلى (يەي ) كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى. قەلەمدەك قاشلىرىڭ، ئايدەك جامالىڭ، كۆيەر ئوتقا سېلىپ قويۇپ (ئەي) نەدۇر خىيالىڭ؟ سېنى كۆرگەچ كەتتىلەر، ئەقلى خىيالىم، قايدا بولۇر يارىم (ئەي) سېنىڭ ماكانىڭ؟ 12. شامۇ شەھەر زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرنى بىلمەس، جاپانى چەكمىگەن ئاشىق ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. ھەي دوست، مەن نالە قىلاي ئايدەك رۇخسار ئىشكىدە، ناخشامغا قېتىپ كۈندۈز–كېچە بىدار ئىشكىدە. سەن–سەن مېنى سەن خارابە قىلدىڭ مېنى سەن، ئوتلارغا سېلىپ كاۋابى قىلدىڭ مېنى سەن. سەن– سەن مېنى سەن سەن ئۆلتىرەيىن دەمسەنەي، بېشىمغا ھەر بالانى كەلتۈرەيىن دەمسەنەي. ئەي دوست ، مەن نالە قىلاي ئايدەك رۇخسار ئىشكىدە، ناخشامغا قېتىپ كۈندۈز – كېچە بىدار ئىشكىدە. 13. چىم – چىم ئەتتىم كاۋاب ئەتتىم زىخ بىلەن، چىم–چىم ئەتتىم چىم بىلەن. ئېسيادىم سەن بىلەن، سەن يۈرىسەن كىم بىلەن؟ باردىم دەريا كەچكىلى، ئولتۇردۇم سۇ ئىچىكلى. كەلسە يارىمدىن خەۋەر، قاناتىم يوقتۇر ئۇچقىلى. 14. ئاق لەيلى يارىمسەن، نىگارىمسەن (مەشۇغۇم) بوينۇڭدا تۇمارىمسەن ( مەشۇغۇم) ئاخشىمى قاراڭغۇدا، ياندۇرغان چىراغىمسەن. (مەشۇغۇم) 15. قارا – قارا قاشلىرىڭ قارا–قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مېنى، قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مېنى. قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالمىسا ئەگەر، كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلپ ئاتساڭچۇ مېنى. (ئەي يارەي، يار مېھرىبانەي) شۇندىن–شۇنغا كەلمىشىم سەن يار ئۇچۇندۇر، جەبرۇ جەپا چەكمىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر. چىمەنىڭگە يەتمەيىن سايرايدۇ بۇلبۇل، بۇ مېنىڭ سايراغانىم سەن يار ئۈچۈندۈر. (ئەي يارەي، يار مېھرىبانەي) 16. يارىم – يارىم دوست باغقا كىرسەم باغچاڭمەن، (.. بالىخان يارىم دوست) ئۆيگە كىرسەڭ زىلچاڭمەن، چۆللەردە ھەمرايىڭ بولاي. ئەقلىڭ بولسا ئويلاپ باق، (بالىخان يارىم دوست) چىكەڭگە قىسقان غۇنچەڭمەن چۆللەردە ھەمرايىڭ بولاي.
پۈتۈك مەنبىئى: « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995– يىل 9– ئاي 1– نەشىرى
ھوزۇرۇڭلاردا:ئىلى سەنىمىhttp://www.uycnr.com/sp/201012/t20101203_69173.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 18:40
|