پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 8

ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 00:27:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ خوتۇنىنى ئۇرىدىغان زادى قانداق ئەر؟...بۇ سۇئال ئوتتۇرىغا تاشلانسا شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن مۇنازىرە ۋە دەتالاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا بەزىلىرىمىز ئەرلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆز قىلساق، يەنە بىرقسىملىرىمىز ئاياللار تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىشىمىز، يەنە بەزىلىرىمىز ئىككىلا تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگەن ھالدا ئۆز پىكىرىمىزنى ياقلىشىمىز مۇمكىن، مەيلى كىم قانداق كۆز قاراشتا ، قانداق پىكىردە بولسۇن، ئومۇمەن ، جەمئىيىتىمىزدىكى كشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ، چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىز بۇ ئۈچ تەرەپكە ئا، ب ، س دەپ ھەرپ بەلگىلەپ، كۆز قاراشلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايان قىلىپ باقايلى!

ئا تەرەپ: ئەرلەرنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى خوتۇننى ئۇرۇش توغرا ، ھەقلىق دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.
1. خوتۇننى ئۇرۇش ئەرلىك ھەيۋىنىڭ بەلگىسى، خوتۇندىن قورۇقماسلىقىنىڭ ئەمىلى ئىپادىسى.
2. خوتۇن كىشىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تولۇق باشقۇرغىلى، ئەرنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس قىلغىلى بولىدۇ.
3. ئاياللار بەزىدە پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق سادىر قىلىۋىرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك چارە.
4. بەزى ئاياللار ياخشى گەپ قىلسا ئاڭلىماي، تاياق يىگەندىن كېيىن ئادەم بولىدۇ.
5. ئايال كىشىنى چىڭ باشقۇرمىسا، ئەرنىڭ بېشىغا چىقىدۇ، بىز ئۇرمىساق، بىزنى ئۇرىشى مومكىن.
6. ئەر كىشى دېگەننىڭ قەھرىمۇ ، زەھىرىمۇ بولۇشى ، خوتۇنىنى ھەم يىغلىتالايدىغان ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك، ئەركەك دېگەن شۇنداق بولىدۇ.
7. بەزى ئاياللار بەك ۋاتىلداق، ئۇرۇشقاق، ئەر كشى ئۇلارغا گەپتە تەڭ كېلەلمەي تاياققا زورلايدۇ.
يۇقارقى قاراشلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئەرلەر خوتۇنىنى ئۇرسا بولىۋىرىدۇ، خوتۇننى ئۇرىدىغان ئەر نوچى، ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق ياخشى ئەردۇر.

ب تەرەپ: ئاياللارنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنى ئۇرۇشى خاتا، ئاياللارنى ئۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.
1. ئەر- ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر، ئاياللارنى ئۇرۇش، تىللاش ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى قانۇنسىز قىلمىش.
2. ئەرلەر خوتۇننى ئۇرسا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ، ئاياللارمۇ ئەرلەرنى ئۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەرلەرمۇ خوتۇنىنى ئۇرمىسۇن.
3. ئاياللار نىڭ جاپاسى تولا، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلىگەننى ئاز دەپ، بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ، ئەرلەر ئۇلارنى ئۇرسا بولامدۇ؟
4. ھەرقانچە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئايال كىشىنى ئۇرسا قەتئى بولمايدۇ، ئازمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار؟ تەربىيە قىلىپ ، پۇرسەت بېرىپ، ئۆزگەرتىشكە تامامەن بولىدىغۇ؟
5. ئاياللار جىسمانى جەھەتتە ئاجىز، ئەگەر ئەرلەر مەن كۈچلۈك دەپ زومىگەرلىك قىلسا، چوقۇمكى بۇنىڭ سورىقىنى تارتىدۇ.
6. تىل- دەشنام، تاياق- توقماق بىلەن ھېچنىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ھەدېسە ئاياللارنى ئۇرۇش ئېنقكى، ئۇلاردا يوشۇرۇن ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ھەتتاكى لاۋۇلداپ تۇرغان قىساس ئوتىنى پەيدا قىلىدۇ، خالاس.
7. بىر ئەرنىڭ ۋىجدانى، پەزىلىتى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۆكۈشىدىن كېلىدۇ، ھەققىي ئەركەك خوتۇنىنى ئۇرمايدۇ، ھاقارەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ھىمايسىگە ۋە مۇھەببىتى ئاستىغا ئالىدۇ.
8. ئاجىز ، يارىماس ئەرلەرلا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ. چاقناپ تۇرغان پاراسەت، زىمىندىن كەڭ مېھرىبانلىق، تاغدىنمۇ بۈيۈك پەزىلەت، دېڭىزدىن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئايال قەلبىنى ئىسكەنجىگە ئالغۇچى- ھەققىي ئەركەكتۇر.
9. خوتۇنى ھەقىقەتەن بەك ئەسكىلىك قىلسا، ياكى ئېرىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنى ئۇرۇپ دەسسەپ يۈرگىچە چىرايلىق ئاجىرىشىپ كەتسە بولىدىغۇ؟...
يۇقارقى كۆز قاراشلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاياللارنى ئۇرۇشقا ، كىشلىك ئىززىتىگە تېگىشكە قەتئىي بولمايدۇ، خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەر شەپقەتسىز، رەزىل ، نادان ۋە چۈپىرەندە ئەردۇر.

س تەرەپ: ھەم ئەرلەرنىڭ ھەم ئاياللارنىڭ مەيدانىغا ۋەكىلىك قىلىپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپكە تەڭ ئىتىبار قىلىدۇ، بۇ تەرەپ، ئاياللارنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، لېكىن بەزىدە ئۇرمايمۇ بولمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.
1. ئاياللارنى ئۇرۇپ تىللاپ، ھاقارەت قىلماستىن، چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بىراق ئاياللار گاھىدا ھەددىدىن بەك ئېشىۋالىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئانچە- مۇنچە ئۇچۇغداپ قويمىسمۇ بولمايدۇ.
2. ئاياللار بەك ئېغىر گۇناھ ، خاتالىق سادىر قىلغاندىلا ئۇرۇش كېرەك، ئۇلارنى ھەدېسىلا ئۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا تاياقتىن قورۇقمايدىن بولۇپ قالىدۇ.
3. ئاياللار تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇرۇپ پۇت- قولىنى سۇندۇرۇۋېتىش كېرەك.
4. شۇنداق ھازازۇل ئاياللار باركى، ئۇلار ئەرلىرىنى بوزەك ئىتىپ « سايىماخۇن» قىلىۋىتىدۇ، شۇڭا ياخشى ئاياللارنى ھەرگىز ئۇرماسلىق، ھېلىقىدەك ھازازۇل ئاياللارنى ئۇرۇپ ئادەم قىلىش كېرەك.

قېنى دەپ بېقىڭ ! قايسى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى سىزنىڭ قارىشىڭىز بىلەن بىردەك ئىكەن؟ سىزچە قايسى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى توغرا؟
ھەممەيلەننىڭ بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى

مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 03:31:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە   س    تەرەپنىڭ قارىشى توغرىمىكىن دەيمەن
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 20:56:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ب تەرەپنىڭ پىكرىنىڭمۇ ئاساسى بار. ئاياللارمۇ ئادەم. ئۇرۇپ نىمە قىلىدۇ. تاياق دىگەننى ھايۋانغا ياراتقان. بۇ دىگىنىم ئاياللارنى ئىختىيارىغا قۇيۇۋېتىڭ دىگىنىم ئەمەس. قاتتىق باشقۇرۇش كىرەك. ئەلبەتتە.

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 17:25:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندى سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز ئىسمىڭىزغا ئوخشاش  سىردىشىش تۈسىنى ئېلىپتۇ رەھمەت  مەنمۇ ب تەرەپنىڭ پىكرىنى قولايمەن مۇنداق دىسەم ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ  دەپ ئويلاپ قالماڭ . ئۇنداقمۇ ئەمەس . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا  چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن .ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتا قىلغان ، ئېرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھاردىم تالدىم دىمەي خىزمىتىنى قىلغان ،بارلىقىنى ئېرىغا بېغىشلىغان. جاپادا ھەم ھالاۋەتتە بىر گە بولغان ،  بىر ياستۇقققا باش قويغان  جۈپتىنى ئۇرۇشقا قانداقمۇ قولى بارسۇن .
ئاياللارمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ياكى تەنقىد قىلىش كەتمەيدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى باشقۇرۇپ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن سۆيىشى ، ھۆرمەتلىشى ، ئىشىنىشى ، ئاسرىشى كېرەك . شۇندىلا ئىناق ئائىلە بەرپا قىلغىلى بولىدۇ . ھەم ئۇرۇش - جىدەلدىن خالى بولغىلى بولىدۇ ئاندىن كىمنىڭ توغرا ياكى خاتا توغرىسىدا مۇنازىرىمۇ كېلىپ چىقمايدۇ .

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 17:33:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 17:25
سىرداش ئەپەندى سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز ئىسمىڭىزغا ئوخشاش   ...

ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ باكمۇ  تەاسىرلەندىم.    بۇ  تىمىنىڭ  قىزىق نوقتا بولىدىغانلىقىنى  ئويلاپمۇ  باقماپتىكەنمەن.
چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن .ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتا قىلغان ، ئېرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھاردىم تالدىم دىمەي خىزمىتىنى قىلغان ،بارلىقىنى ئېرىغا بېغىشلىغان. جاپادا ھەم ھالاۋەتتە بىر گە بولغان ،  بىر ياستۇقققا باش قويغان  جۈپتىنى ئۇرۇشقا قانداقمۇ قولى بارسۇن .
بۇ  سوزلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى  ئويغا  سالىدىكەن.   رەھمەت  سىزگە!
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

0

تېما

1

دوست

15

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
6 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
2 سەر
شۆھرەت
-1 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 00:41:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 03:31
مېنىڭچە   س    تەرەپنىڭ قارىشى توغرىمىكىن دەيمەن

مىنىڭچە  ب  تەرەپنىڭ توغرا   

0

تېما

1

دوست

15

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
6 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
2 سەر
شۆھرەت
-1 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 00:46:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ب تەرەپنىڭ  توغرا

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 20:24:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ  ب تەرەپنىڭ دىگىنى توغرا ،ئۇرۇش،ھەيۋە قىلىش ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغانلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنى خالاس ،ئاياللارمۇ ئادەم ،شۇڭا ئۇلارنى ئۇرۇش خاتا!

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1415 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1080 سەر
شۆھرەت
960 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 12:42:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى تەرەپنىڭ گىپىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار. ئاياللارنى ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 04:40, Processed in 1.434423 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش