پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 121|ئىنكاس: 6

ئانا تۇپراق بىز ئۈچۈن قەدىرلىكسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

345

تېما

60

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3230 سەر
تىللا
1508 دانە
تۆھپە
2683 سەر
شۆھرەت
1288 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 14:53:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تۇپراق بىز ئۈچۈن قەدىرلىكسەن
ئوسمان تالىپ
ئانا تۇپراق، سەن بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىكسەن، مەن سېنىڭ مېھرى- شەپقىتىڭگە زادىلا قانمايمەن. سەن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ، ياق بارلىق مەۋجۇداتنىڭ بۆشۈكىسەن، دۇنيادا سەن ئەللەيلىتىپ باقمىغان مەۋجۇدات بارمىدۇ؟! مەن ئويلاپ، سېنىڭ ئالتۇن بۆشۈكىڭدە ئەللەيلىنىپ ئۆسمىگەن، ئەزىز باغرىڭدىن قاناتلىنىپ، كۈچ جاسارەتكە تولمىغان بىرمۇ جانلىقنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا سېنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ، مېھرى ئاتەش پىشانەڭنى تاۋاب قىلىپ ئۆتىمەن.
ئېھ، ئانا تۇپراق، سېنىڭ نامىڭ- يەر شارى. سەن ئۆز باغرىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئانىسىسەن، مەنبەسىسەن، سەندە مەۋجۇت بارلىق شەيئىلەر ھاياتلىق ئالىمى ئۈچۈن ئابىھايات، سەن ئىنسانىيەت ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى بەخىش ئەتكەنسەن، سەندە نە زارلىنىش، نە ۋايساش بولسۇن؟ بۇنىڭ ئەكسىچە سەن، مەيلى ئۈستۈڭدە، مەيلى ئاستىڭدا تولۇپ تېشىپ تۇرغان نازۇ- نىممەت، مۆجىزاتلىرىڭ بىلەن ئىنسانلارنى بېقىپ كەلدىڭ، مەن شۇڭا سېنى ئالەمشۇمۇل داستىخېنى كەڭ ساھىبخانا دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمەن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئىنسانلار سېنىڭ گۆھەر باغرىڭنى چېپىپ- چايناپ، ئاغدۇرۇپ، كولىغان بولسىمۇ، سېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان نىمەتلىرىڭ زادىلا كېمىپ قالمىدى. سەن ئاغرىنىش ئورنىغا خوشاللاندىڭ، بۇ نىمە دىگەن سېخىيلىق، نىمە دىگەن كەڭ قۇرساقلىق ھە!؟
سەن ئۆزۈڭ ياراتقان جانلىقلار ئالىمىنى ئاخىرىدا ئۆز قوينۇڭغا ئالىسەن. شۇ چاغدا باغرىڭدا ئۆسكەن، ئاشۇ جانلىقلارمۇ ئارمانسىز قوينۇڭغا كىرىدۇ. مەنمۇ باغرىڭدىن ئورۇن ئېلىپ ئارمانسىز ياتىمەن.
ئېھ، ئانا تۇپراق! سېنىڭ مېھىر- شەپقىتىڭگە بىر ئۆمۈر جېنىم تەسەددۇق، باغرىڭدا ياشاش سەن ئۈچۈن مەرسىيە توقۇپ، ئۆمرۈمگە خاتىمە بېرىشمۇ مەن ئۈچۈن بەخىت!
                                                  : «ئانا تۇپراق» تىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 15:14  

بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

2

دوست

19

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
1 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
-2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 14:55:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نەسىر ئىكەن.رەھمەت سىزگە!

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 15:08:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان نەسىر ئىكەن.مۇشۇنداق ئېسل ئەسەرلەر بىلەن بىزلەرنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!رەھمەت سىزگە!
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 17:11:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز  يۇرتىنى سۆيمەيدىغان، ئۆز يۇرتىغا كۆيمەيدىغان  كىم بار دەيسىز .« ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا ،رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس » دەپ ئېيتقان كونىلار، مانا مۇشۇ ھېكمەتتتىنمۇ شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ  ھازىرغىچە  ئۆز يۇرتىنى قەدىرلەپ، ئۇلۇغلاپ  ھەم قوغداپ كەلمەكتە .
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نەسىركەن مەنمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئانا تۇپراق توغرىسىدىكى بىر كۇپلىت شېئىرنى سوۋغا قىلاي قوبۇل قىلغايسىز .

ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق ،
ئۆلسەممۇ ئۇ ماڭا بولغۇسى يۇمشاق .
شۇ ۋەتەن ئىشقىدا ئۇلۇغ نىمە بار ؟
  سىغمايدۇ كۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق .

11

تېما

4

دوست

1431

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
432 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
201 سەر
شۆھرەت
215 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 00:45:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن چىققان ئۆزگە يەردىن
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆز يەر ياخشى .

ئانا يۇرتنىڭ توپىسى - توتىيا
رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز ئوقۇپ ھۆزۇرلاندىم ھەم ئانا يۇرتۇمغا بولغان سۆزيگۈم ھەسسسىلەپ ئاشتى .

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 02:35:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئۆزگە يۇرتتا شايى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم،
ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي، كەيسەم كۇلايۇ-جەندىمەن!››
بەك ئېسىل نەسىركەن، رەخمەت دوستۇم. قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 22:08:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆز يۇرتىنى سۈيدۇ. قەدىرلەيدۇ. دىمەك ئۆز يۇرتىنى سۆيمەيدىغان كىشىلەرنى ئادەم قېلىپىدىن قىچققان ھايۋان دەپ ئاتاشقا تۇلىمۇ ھەقىلىق . ياخشى نەسىركەن .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:23, Processed in 0.450383 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش