ۋەتەن (نەسىر) ۋارىسجان قاسىم ۋەتەن- ئانا تەبىئەت پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈل قىرغاقلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كۆۋرۈك، قەلىب ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرغۇچى يۇلتۇز، ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ جىلغىلىرىدا تەشنالىق شارابىغا تەلپۈنۈپ چاڭقىغان دىللارغا سۆيگۈ زەمزەملىرىنى تۆككۈچى مۇقەددەس كۈي. ۋەتەن- ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭتۇنجى ئاياغ ئىزى، ۋەتەن ھەۋۋا ئانىنىڭ بۇزۇرۇكۋار چاڭقاشتىن بالقىغان نۇرانە جامالى. ۋەتەن- خىزىرنىڭ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك تەلپۈنۈش كەۋسىرىنى ئىچۈرگەن چاغدىكى ئاھىدىن ئۈنۈپ چىققان ئۆچمەس سادا. ۋەتەن- مەۋھۇم ماكاندىن زەيتۇن چىشلەپ كەلگەن كەپتەرنىڭ كۆزىدىن ئېقىپ چۈشكەن نۇر. ۋەتەن- نوھ كېمىسى توپان بالاسىدا يول تاپالمىغاندا تۇنجى بۇلۇپ كۆرۈنگەن ئەزىم تەڭرىتېغىنىڭ قارلىق چوقىسى، ۋەتەن- كائىنات ئوقىنى سىلكىۋەتكەن قۇدرەتلىك ئاۋاز. ۋەتەن- بۇلۇتلار قاتلىمىدا چايقىلىپ ياتقان ئەگىم ئاينىڭ يىپەكتەك يۇمشاق ۋە يېنىك نۇرلىرى توقۇپ چىققان نازۇك مۇزىكا. ۋەتەن- سۈمۈرۈشنىڭ پايانسىز بوشلۇقىدا چاڭقاپ تىتىرىگەن ئەزمەتلەرنىڭ يۈرىكىدىن تامچىلىغان مەغرۇر بەخىت. ۋەتەن- تەگسىز كۆزلەر نىگاھىدا تۈنەپ قالغان ئاق كېچە. ۋەتەن- تۈن قولۋىقىدا ئۈزۈپ، ئاققۇ كۆكسىدەك سۈبھىنى چاقىرغۇچى ھارارەتلىك قۇياش. ۋەتەن- قېتىپ قالغان چۈش ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنى ئۇلۇغلۇقنىڭ، ئۆزىنى تونۇشنىڭ يىگانە ئاتەشدانىدا پەرۋىش قىلغۇچى ئاق روماللىق ئانا. ۋەتەن- كۆك بۆرىنىڭ ئىزىدىن دولقۇنلاپ ئېقىپ چىققان ئۇپۇقتەك بېجىرىم چەكسىز يورۇقلۇق. ۋەتەن- ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنى باغرىغا بېسىپ ياتقان غەزىنە، ۋەتەنسىز بىر مىنۇت يايراش- ھاراملىقنىڭ، تۇزكورلۇقنىڭ ۋەيرانە كۈلبىسىگە تككۈلگەن كەچۈرگىسىز پەسكەشلىكنى غاجاشتۇر. ۋەتەنسىز بىر مىنۇت ياشاش ئۆزىنىڭ نېجىس جەسىتىنى ئۆزى كۆتىرىپ يۈرۈشتۇر. ۋەتەن- داغسىز سەلتەنەتنىڭ كۆزىگە قۇزغۇن سايىسىنى يۇشۇرغۇچىلاردىن شاھانە قىسىس ئېلىشنى بىلىدىغان يەكلەنمەس تارىخ. ۋەتەن- نەپەسلەردىن ئارىلىشىپ چىقىدىغان چەكسىز خوشاللىق ۋە تۈگىمەس يىغا. ۋەتەن- ھېسابسىز ھارغىن، جىددىيلىكتىن قۇتۇلغان يولۇچىلارنى كۈتىۋالىدىغان بېكەت. ۋەتەن- جاھالەت ۋە نادانلىق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرگۈچى ئازغۇنلارغا ئەقىل گۈلخانىنىڭ ئاتەشلىرىدە پارلاق مەنزىل كۆرسەتكۈچى، قايغۇلۇق دىللارغا شىپالىق نۇر تۆكۈچى ھىدايەت قوياشى، غوۋغالىق ئالەمنى مېھىر سۈيىدە يۇيۇپ پاكلىغۇچى خالىس شەپقەتچى. يالقۇنلۇق ھايات ۋە ئاچچىق كۈلپەتلەر قاينىمىدا ئۆزىنى چۈشەنگەن خەلق، چەكسىز روھى زىمىندا ئۇلۇغ سەجدىگاھ- ۋەتەننى ياراتتى. ۋىجدان، نومۇس، غورۇر، جاسارەت، ئىجادكارلىق ۋەتەننىڭ ئىقبالىيەت مۇنبىرىگە نۇر بەردى. بىز يولۇقۇشنىڭ شىددەتلىك قىرغاقلىرىدىن ھالقىپ ئكتۈپ، مۇنەۋەر خەلق سۈپىتىدە ياشاپ كەلدۇق. بەدەلسىز تەقدىم قىلىش- مۇھەببەت دىمەكتۇر. ۋەتەن ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار تىكەنلىك سىم توساقلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئەەەر ۋەتەن ئۆتكۈر تەپەككۈر، ھەققانىيلىق، ئادەمگەرچىلىك سۇنماس ئىرادە بەرمىگەن بولسا، غايىۋى سىلجىشلار داۋامىدا ئادەملەر ئورنىدا قاقشال سۆڭەك قالغان بۇلاتتى. ئەگەر ۋەتەن رىشتى تاتلىق ئازابلارنى، تەقدىر قىلچىلىك سوغۇق ھەيۋىلىرىگە تېز پۈكمەسلىك جاسارىتىنى ۋۇجۇدىغا پۈتمىگەن بولسا، مەھمۇد قەشقىرى چىڭگىل دالىلىرىنى، تۈرۈك قەبىلىلىرىنى 15يىل كەزمىگەن، تىلشۇناسلىقنىڭ ئۇلۇق قامۇسىنى يارىتىپ، تىل دۇنياسىنىڭ يېڭى ئېراسىنى ئۆركەشلەتمىگەن، بىزنى ئىپتىخارلىق دېڭىزىغا چۆمدۈرمىگەن، يىراق باغداد دىيارىدىن- ئوغۇز سۈتى زۇمرات ماكان قەشقەرگە تەلپۈنمىگەن بۇلاتتى، ئەگەر تاڭلار جۇلاسى ئانا تۇپراقنىڭ جەلىپكار سىماسىنى پۈركىمىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئەرەپ دۇنياسىنى لەرزىگە سالغان، يارقىن پەرزەنتى فارابى ساماۋى سىرلار قاينىمىدا پەلسەپە دېڭىزىنىڭ دولقۇنلىرىغا تىل بەرمىگەن، ھېكمەت كانلىرىدىن جاۋاھىر قېزىپ، توم- توم كىتابلارنى يازمىغان بولاتتى، ئەزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇلۇغۋار نىداسى، ھاياتلىقنىڭ، ياشاشنىڭ كامالى، شان- شەرىپى، تىرىكلىكنىڭ ۋىجدانى تىرنىقى يۈرىكىنى تاتىلىمىغان بولسا، زامان چەمبىرىكىدىن ھالقىپ، كېلەچەككە تىك باققان مۇتەپپەككۈر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭگۈشتەر قۇتاتنامىسىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرمىغان بۇلاتتى، ئەلشىر نەۋائي، تەجەللىي شېرىيەتنىڭ يۈكسەك چوقىسىدا نادىر تەپەككۈرنىڭ تۇزۇماس چېچەكلىرىنى ئەبەدىيەت قولغا تۇتقۇزمىغان بولاتتى......... قانلار، سادالار،دەۋرەشلەرنىڭ ھەممىسى دەردى كۆپ، تەقدىر بۈيۈك جاپاكەش ئەزىز تۇپراق ئۈچۈندۇر. ئۆتمۈش ھەركەتچان ئەزىمەتلەرنىڭ ئارامگاھى ئەمەس، كەلگۈسىنىڭمۇ سايىسى ئەمەس. ھەممە مەدھىيە، ئۇلۇغلۇق، تىنىمسىز ئەمگەكلەر ۋە ھەركەتلەر ئەۋلادنى كۆكلەتكەن زىمىنغا چىرماشقان! خەلق- ۋەتەننىڭ كۆزى. ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە، ياتلار تۆمۈر تاپانلىرىدا چەيلىسە، «لەببەي تەخسىلىرىدە ئۇسۇل ئوينايدىغان»، ھالاۋەتلىك كۈنلەردە ئۆزىنى پەردازلاپ «ۋەتەنپەرۋەر» بۇلىۋالىدىغان، جەڭدە مۆكۈپ يۈرۈپ جان ساقلاپ، جەڭدىن كېيىن ساۋۇت كېيىپ، داۋراڭسىز ئەزمەتلەرنىڭ ئۇچقۇر ئوقىدا يەر چىشلىگەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقىپ، باھادىرلىق ئوردىنى تەلەپ قىلىدىغان ساقتا شۆھرەتنىڭ چۈپرەندە قۇللىرى پەرزەنىتلىك شەرىپىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم! ۋەتەن- ئىس- تۈتەكلەرنىڭ سۈزۈك ئۆركەشلىرىدە ھېكمەت بەلۋاغلىرىدا سىلكىنىپ تۇرىدىغان پاسىبان نۇر. دەۋر كالىندارىنىڭ مۇبارەك يىلنامىسى ئۇپۇقلار سەلتەنىتىدە سېنى ئولتۇرغۇزدى. تاشلار يۈرىكىدە مۇستەھكەم سادا: سازاڭدەك ئۆمىلەپ ياشاش ياكى پىرۇمىتىدەك تىك تۇرۇپ ياشاش ئۆز ئىلكىڭدە، چەبدەس بولمىساڭ يول بارغانسېرى تارىيىپ، نەپەس ئالىدىغان ھاۋامۇ قېچىپ كېتىدۇ. «ۋەتەن- ئۇپۇقتىن ئېچىلغان يولدۇر» دىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 14:52
|