بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سۆھبەت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ مۇنبەردە كۆپ ئوقۇغان، زىيالىي سۈپەت كىشلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. مۇنبەرداشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ نام- ئاتىقىغا يارىشا گەپ - سۆزدە ۋە ئىش- ھەرىكەتتە بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، قىسمەن «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇغ» «زىيالىي» تورداشلىرىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تۈگۈل، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ تونۇپ يېتەلمەپتۇ. ھەتتا، قىسمەن بىر قىسىم تورداشلار دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا باشقىلارنى ئەيىپلەيدىغان، ھاقارەت تۈسىدىكى گەپلەرنى قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار. يەنە بىر قىسىملار ئېغىزىدا «مىللىتىم» دەۋاتقان بولسىمۇ، «مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىز بار» دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئاشۇ «ئۇلۇغ بوۋا» لىرىمىزنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۇلۇغ بولغانلىقىنى بىلمەستىن، قۇرۇق پو ئېتىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن باشقىلارغا چالۋاقاپ مۇنبەرنىڭ ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزىدىغان ئەھۋاللار قىسمەن مەۋجۇت. شۇ سەۋەبتىن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە نىمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ يول كۆرسەتكۈچ بولامدىكىن، دېگەن ئۈمىدتە تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆچۈرۈپ يوللىدىم. گەرچە بۇ ماقالىنى يازغان كىشى بەك كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئالاھىدە ئۇنۋانلارغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، خېلى كۆپ ساندىكى «بىلىملىك» كىشلىرىمىز كاللىسىغا كەلتۈرۈشتىنمۇ ئاجىز كېلىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. شۇڭا، تورداشلىرىمىزنىڭ بۇنى كۆچۈرمە ماقالە دېمەي تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خاتا جايلىرى بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلەر! بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن سۆھبەت كەچ سائەت 11 دىن 6 مىنۇت... ئىلىكتىر لامپىسى بىلەن كۈندۈزدەك يۇرۇتۇلغان ياتاق بىناسى بىردىنلا جاھالەتكە مەھكۇم بولدى. نۇر، جاھالەت، يەنە نۇر، يەنە جاھالەت. .. بۇ ئىككى ئاتالغۇ بەلكىم كىشلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ئېنىق ئىزاھاتقا ئېرىشەلمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. دەرەخ شاخلىرىدا تاقلاپ ئويناۋاتقان ھىلال ئاي خىيالىمغا جۆر بولماقتا ئىدى. --- خې يى بېي با ( بىر رومكا ئىچىپ قويامسەن) --- ۋو بۇ خې ( مەن ئىچمەيمەن) --- ۋېي شېنما؟ ( نىمىشقا) --- مۇسىلىن رېن بۇ خې جىيۇ( مۇسۇلمان ھاراق ئىچمەيدۇ) ئۇلار ھەيران قالدى. نىمىشقا دەمسىز؟ --- سىلەر ھاراق ئىچمەمسىلەر؟ دەپ سورىدى ياتاقداشلىرىم. --- مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان ھەرقانداق ئىچىملىك ھارام قىلىنغان دەپ جاۋاپ بەردىم. --- ئۇنداقتا بىز بۇرۇن كۆرگەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچەتتى، تاماكا چېكەتتى، ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. --- ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدۇ، لىكىن تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى، ئاشۇ ھاراقخۇمار قېرىنداشلىرىمنى مۇسۇلمان ئەمەس دىيىشكە مەندە ئاساس يوق ئىدى. ئۇلارنى ھاراق ئىچىش بىلەن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەپ، توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىش مېنىڭ باشتىن - ئاياغ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولۇم ئىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ياتاقداشلىرىممۇ ماڭا ھاراق - تاماكا تەڭلىمەيدىغان، ھەمدە بەزى ئىشلاردا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. لىكىن، بۇ قېتىمقى قىسقىغىنا دىئالوگ مېنى ھەر قېتىم خىياللار قوينىغا باشلاپ كېتەتتى. بۈگۈنمۇ ماتىريال ئىزدەۋېتىپ، قولۇمغا يۇرتۇمدىن ئالغاچ كەلگەن << قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ خەنزۇچىسى چىقىپ قالدى.مۇقاۋىدىكى يۈسۈپ بوۋام ماڭا قاراۋاتقاندەك، مەندىن قانداقتۇ سۇئاللارنى سورىماقچىدەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەپسۇسلىنىش ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا يەنە قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم. كۆزىتىش، بىلىش، تەھلىل قىلىش، يەكۈن چىقىرىش - تەپەككۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان جەريانلىرى بولۇپ، بەلكىم بۈگۈن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلىغانلىرىم، تەھلىلاتلىرىم، يەكۈنلىرىمنى جەملەيدىغان كۈندۇ. ئادەم مېڭىسى ئاللاھنىڭ پۈتكۈل كائىناتقا بەرگەن ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مۇكەممەل بولغان نېئمىتىدۇر. ********************************************
ئالدىمدا تۇرغان ئاپئاق ساقاللىق، ئاپئاق تون كىيگەن، ئاپئاق سەللىسىنى يارىشىملىق ئورىۋالغان نۇرانە سىيمالىق بۇ بوۋاي كىم؟؟؟ ھە! مەن تۇنۇۋالدىم بۇ يۈسۈپ بوۋام ئىدى. --- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈسۈپ بوۋا! دەپ چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردۈم. لىكىن سالىمىم جاۋابسىز قالدى. يۈسۈپ بوۋام مەندىن يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. مەن ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ يەنە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. ئۈچ نۆۋەت مۇشۇنداق تەكرارلاندى. ئاقىۋەت بوۋام يۈسۈپتىن سورىدىم: --- ئى يۈسۈپ بوۋا! نە سەۋەپ مەندىن يۈزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز؟ --- سەندىن جاھالەتنىڭ مۇدھىشلىرىنى كۆردۈم، شۇڭا يۈزۈمنى سەندىن ئۆرۈدۈم. --- نىمە؟ بوۋا، مەن 21- ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋرىدە، ئىلىم پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ئىرادا، يەنە تېخى جوڭگۇنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان بېيجىڭ شەھىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان زىيالىيمەن، قانداقسىگە مەندىن جاھالەت مۇدھىشى كېلىدۇ؟ --- ئۇنداقتا جاھالەت دىگەن نىمە؟ --- مەرىپەتسىزلىك، ئىلىمسىزلىك، نادانلىق. يۈسۈپ بوۋام قولۇمنى تۇتۇپ: --- خاتالاشتىڭ ئوغلۇم، جاھالەت دىمەك_ ھەقىقەتسىزلىك. ئىبلىسقا قارا، ئۇ پۈتكۈل پەرىشتىلەرگە مۇددەرىس بولغان، ئىلىم- مەرىپەتتە ئۇنىڭ ئىلمى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئىلمىگە تەمەننا قويۇپ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈدى.شۇنداقلا، جاھالەت يولىنى تاللىدى. ئەگەر ئىنساندىكى ئىلىم ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، سەندىكى ئۇ ئىلىم ھەرگىزمۇ سېنى جاھالەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئەكىسچە، سېنى قاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقۇزىۋېتىدۇ. بوۋام يۈسۈپ مەندىن يەنە سورىدى: --- سەن ئۆزۈڭنى 21- ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋرىدىكى زىيالىي دەپ تەرىپلىدىڭ، ئۇنداقتا ئېيتىپ باق، زىيالىي ئۇقۇمىنى قانداق چۈشۈنەرمىز؟ ئۇنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى قانداق بولىدۇ؟ رولىچۇ؟ --- زىيالىي دىمەك - ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەك. ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئادەتتىكى ئاممىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئاممىغا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش. --- ئۇنداقتا سەن زىيالىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بايان ئەيلە. مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، چۈنكى مەن بۇ توغرىلىق ئويلانغان بولساممۇ، ھازىرقى جەمىيەتتىكى زىيالىي قاتلىمى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھېلىقى ۋەزىپىنى ئۆتەش ئۇقۇمىدىن خېلى يىراقلىقتا ئىدى. بوۋام يۈسۈپكە قارىدىم: --- ئى بوۋا، يول كۆرسەتكەيسىز، دىدىم مەن. --- زىيالىي دىمەك، ئالدى بىلەن ھەقىقەت ئىگىلىرى بولۇشى كېرەك، ( بۇ دەۋىردە تېخىمۇ شۇنداق)ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مول بىلىمگە، ئىلىم- مەرىپەتكە، ئۇچۇرلىشىش دەۋرىدە تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىدىيىسىگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرى دىمەكتۇر. ئۇلارنىڭ مىللەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسى - ئۈممەتكە باش بولۇش، ئۇلارنى يېتەكلەش، توغرا يولغا باشلاش، جاھالەت قوينىدىن تارتىپ چىقىرىش، ئۈممەتنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدەش ھەمدە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بويىچە داۋالاش. شۇنداقلا، نادانلىق، خۇراپاتلىق، بىدئەت كۆز قاراشلاردىن قۇتۇلۇش ھەمدە مىللەتنى شۇ قاراشلاردىن قۇتقۇزۇش. قىسقىسى، مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن ئالىم -پەيلاسوپلار، يازغۇچى - شائىرلار، جەمىيەتشۇناسلار، مائارىپشۇناسلار، كارخانىچىلار چىقتى. بۇ -- بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. لىكىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلققە باش بولۇپ ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدىمەكتە يوق، جاھالەتكە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ بارىدۇ ياكى ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كېتىپ بارىدۇ. -- نىمە؟ ئارىمىزدىكى شۇنچە كۆپ دوكتۇر ئالىملىرىمىز جاھالەت ئىچىدىمۇ؟ -- دوكتۇر دىمەك پەقەت ئوقۇشۇڭغا بېرىلگەن دەرىجە ئۇنۋانى، سېنىڭ مەلۇم ساھەدە خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقىڭنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ ھەقىقەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ. سېنىڭچە ئالىم دىگەن نىمە؟ - سورىدى بوۋام يۈسۈپ. -- ئالىم دىمەكلىك مەلۇم ساھەدە پىشىپ يېتىلگەن، شۇ كەسىپتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىلىم ئەھلىلىرى، دىدىم مەن. -- خاتالاشتىڭ ئوغلۇم، ئالىم دىمەك بىلگەن ھەربىر ھەقىقەتكە ئەمەل قىلماقلىق. ماڭا چۈشەندۈردى: ھازىر ئەتراپىڭغا نەزەر سال، ئانا يۇرتۇڭنى كۆزەت، سەن زىيالىي دىگەن شۇ بىر تۈركۈم ئۈممەتنىڭ ھالىغا قارا! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئۆز ھەرىكىتى، تۇرمۇشى، ئىش پائالىيەتلىرى، تەتقىقاتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىرىمۇ خېلى بار، لىكىن ئومۇمىيلىقتا يەنىلا ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ. قالغان ئاشۇ بىر تۈركۈم ئۈممەت ھەرخىل سورۇنلاردا، ئۆز تەتقىقاتلىرىدا، دەرس مۇنبەرلىرىدە بىزنىڭ ئارىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ، ئالىم چىققان، دەپ پەخىرلىنىدۇ. ھەتتا كىتابىم <<قۇتادغۇبىلىك>> تىن نەقىللەر كەلتۈرۈشىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ ئىچىدە زادى قانداق مەزمۇننىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەم شۇ توغرىدا ئويلانمايدۇ. ئى ئوغلۇم، مەن ئۇشبۇ كىتابنى سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشۇڭلاردا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن قالدۇرغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا! ھەقتىن يىراقلىشىش، ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى، ئىنسان بىلەن جەمىيەت، ئىنسان بىلەن كائىنات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە چىرىكلىشىش، ئۇلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئاشۇ كىرزىسلارنىڭ تۈپ سەۋەبىياتى دەل مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقىڭلاردا ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەتلەردە بەلگىلەنگەن ھەق يولدىن چەتنىگەنلىكىدە. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا! ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش، ئەيش- ئىشرەتكە بېرىلىش، ناخشا - ئۇسسۇلغا مەستۇ - مۇغەررەق بولۇش، مال- دۇنيانى دوست تۇتۇش، .ئەمەل- مەنسەپكە بېرىلىش قاتارلىق چۈشكۈن ئىدىيەلەر ئۇلار ئارىسىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى بۇ خىل چىركىندىلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، مىللەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتسىمۇ، لىكىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالمىدى. ياكى، قۇتۇلۇشنى ھەق يولدىن ئىزدىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈنۈمسىز قالدى، ياكى، كىشلەرنىڭ ئۇ خىل چۈشكۈن روھىغا ھىچ تەسىرىتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ كىتابىم ئارقىلىق قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەشكە ئۇرۇندى. لىكىن، ئۇلار مېنىڭ ئۇ كىتابنى قانداق ئۇسلۇبتا، نىمە مەقسەتتە يازغانلىقىمنى چۈشەنمىگەنلىكى، ياكى، چۈشەنگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇمۇ ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارا! ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ مېنىڭ كىتابىم ھەققىدە ماختىنىشىدۇ، بىزنىڭ مىللەتتىن مۇنداق ئالىم چىققانھەي، دەپ ئۆزلىرىچە مېنىڭ ئۇشبۇ كىتابىمنى تار دائىرىدە چەكلەپ قويۇشىدۇ. مەن ئۇ كىتابنى قانداقتۇ مەلۇم مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەق يولغا توغرا ئەگىشىشى ئۈچۈن يازغان ئىدىم. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرى كۆككە كۆتۈرگەن مېنىڭ كىتابىم ‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› كىمۇ ھەقىقىي ئەمەل قىلمايدۇ. چۈنكى مەن كىتابىمدا ھاراقنى مىڭ خىل گۇناھنىڭ ئانىسى دەپ يازغان ئىدىم ھەم بۇ ئىشتىن چەكلىگەن ئىدىم. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ھالىغا قارا! نۇرغۇن يازغۇچى- پەيلاسوپلار، ئالىمىڭلار ھەقىقەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدۇ. ھەتتا، ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە سىلەرنىڭ بىر كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىڭلارنىمۇ قەيت قىلدى. سىلەردىكى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ تاكى جەممىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىيلىرىڭلارغىچە مىللەت توغرىسىدا بەس مۇنازىرە قىلىشىسىلەر، مىللەتنىڭ كىيىنلىكى ھەققىدە ئىچىڭلارنى ئاچچىق قىلىسىلەر، ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئىللەتلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەپلىرى ھەقىدە تەلقىنلەرنى قىلىسىلەر، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ كۈنلەپ تەلقىنلەرنى قىلغىنىڭلاردىن ئۆزەڭلاردىكى ئەڭ كىچىك بىر كەمچىللىكنى، مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق بىر كىچىك ئىشنى تەرىك ئېتىشىڭلار ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىدى. ئەي ئوغلۇم! نەسىھىتىمگە قۇلاق سال! مەن ساڭا ھەق يولنى كۆرسىتەي، سەن كىتابىم ‹‹قۇتادغۇبىلىك››نى ھەقىقىي چۈشەن، ئۇنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل! ئۇنىڭدا سىلەر ماڭماقچى بولغان يول بار. سىلەرنىڭ، مېنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەتچىسىگە، بوۋاڭلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەگەشكەن، بوۋاڭلار مەھمۇد قەشقىرى ئەگەشكەن، بوۋاڭلار ئابدۇقادىر داموللا ئەگەشكەن، ئەجدادىڭلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمىتىلى ئەپەندى ئەگەشكەن يولغا مېڭىڭلار، شۇندىلا يولۇڭلاردىن ئازمايسىلەر! بۇ يول سىلەرنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولۇڭلار! ئى ئوغلۇم، بۇ يول شۇنداق بىر يول، بۇ سىلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چىقىش يولى، ئەمىنلىك يولى. بۇ يولدا مېڭىش ئۇنچىۋۇلا ئوڭاي ئەمەس. ھەقىقەت بەئەينى لاۋۇلداپ تۇرغان ۋولقان، يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت. ئۇنى پەقەت كۆيۈشتىن قورقمىغانلارلا تۇتالايدۇ. سەن بۇ ئارقىلىق ئۆز روھىڭنى پاكلىغىن، روھىڭ ناپاك ھالەتتە يۈز مىڭ پارچە كىتاب يازغان تەقدىردىمۇ، ئۇ باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ. بۇندىن كىيىنكى ۋەزىپەڭ ھەرگىزمۇ قەغەز يۈزىدە يېزىپ قويۇش بىلەن كامالەت تاپمايدۇ. ئۆزۈڭدىن باشلاپ تۈزەت، ئۆزۈڭنى ھەقىقەتكە ماسلاشتۇر. ئەگەر ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇنسا ئىدى، دۇنيا پىتنە- پاساتقا توشۇپ كەتكەن بولاتتى. ئى ئوغلۇم، سەن قەۋمىڭدىكى ئاشۇ زىيالىيلارغا ئېيت، ئەمدى ئۇلار ئۆز نەپسىنى (ھوقۇق-مەنپەئەت، نام- ئابروي، يىمەك- ئىچمەك، ئەيىش- ئىشرەت قاتارلىقلاردىن) تۈزەتسۇن، بىدئەت خۇراپىيلىقنى تاشلىسۇن، جاھالەت بىلەن خوشلاشسۇن، يېزىش، سۆزلەش، بەس- مۇنازىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۆزى، ئۆز ئائىلىسى، ئۇرۇغ- تۇغقانلىرى، يارۇ دوست- بۇرادەرلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈزەتسۇن. ئەگەر كىتاب ئارقىلىق ئىنسان تۈزىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، سىلەر يولدىن ئازمىغان بولاتتىڭلار. چۈنكى، سىلەرگە مىڭ يىللار ئىلگىرى ھەق يول كۆرسىتىلگەن كىتاب بېرىلگەن ئىدى. ئەگەر كىتاب ئارقىلىق ئىنسان ئۆزگىرىدىغان بولسا، دىيارىمىزدىكى يازغۇچىلار، پەيلاسوپلار، ئەدىپلەر يازغان كىتاب ئارقىلىق سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قەۋملەردىن بولار ئىدىڭلار. ئەگەر ھەقىقەت قەغەز يۈزىدىلا ئېيتىلىپ، قەلبتىن ئورۇن ئالمىسا، ئىنسان ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداقمۇ ھەقىقەت ھەقدالىرى دىيەلەيمىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قىلبىڭلار، تىلىڭلار، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىي ھەقدالىرى، سەمەرىلىرىدىن بولۇڭلار! ئەگەر مۇشۇ ئۈچتىن بىرى كەم بولىدىكەن، سىلەر بۇ كىرزىستىن مەڭگۈ، مەڭگۈ، مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىلەر! بۇ سىلەرنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇشۇڭلاردىكى بىردىنبىر يول! ئى ئوغلۇم، بار! قەۋمىڭگە ئېيت، بۇلارنى قەۋمىڭگە يەتكۈز! ئەگەر سەن بۇلارنى قەۋمىڭگە يەتكۈزمەيدىكەنسەن، سەن بىر ناباب ئىنسانسەن. قەۋمىڭگە ئېيت، ئۇلار ھەر بىر ئىشنى ئۆزىدىن، ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن، ئەتراپىدىكىلەردىن باشلىسۇن! بۇ يولدا چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىلچىلىكمۇ(قىلنىڭ ئېغىرلىقىدىمۇ) ئېغىرلىق، جاپا يوق. سىلەر دەل شۇ ۋاقىتتا يولباشچىمىزغا، بوۋاڭلار سولتان سۇتۇققا، مەن بولمىش يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، مەھمۇد قەشقىرىگە، ئابدۇقادىر داموللامغا، مەمىتىلى ئەپەندىگە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا يۈز كېلەلەيسىلەر! بار ئوغلۇم، بۇلارنى قەۋمىڭگە يەتكۈز. ئەگەر بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىكەنسەن، سەن بىر ناباب ئىنسانسەن. بار، ئوغلۇم بار، قەۋمىڭگە يەتكۈز!!! بار، ئوغلۇم ، قەۋمىڭگە يەتكۈز!!! بار، ئوغلۇم بار، قەۋمىڭگە يەتكۈز!!! ................. يۈسۈپ بوۋامنىڭ ئاۋازى ئاستا- ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى، جۇلالىنىپ تۇرغان سىماسىمۇ ئاستا سۇسلىماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى، سىماسىمۇ ئاستا- ئاستا يوقىدى. **************** چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. يېنىمدا ئاخشامقى قۇتادغۇبىلىك تۇراتتى. دەرەخ شاخلىرىدا خەندان ئۇرۇۋاتقان قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ئايرىلىپ چىققان تاڭ سۈبھىسىدىن دالالەت بېرىۋاتاتتى.كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى بوۋام يۈسۈپ ئەمدىلىكتە ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان زور ئىشەنچنى كۆرگەن ئىدىم. -- خاتىرجەم بولۇڭ بوۋا، مەن چوقۇم يەتكۈزىمەن، دىدىم ئۆز- ئۆزۈمگە. كارۋاتتىن ئاستا چۈشۈپ چۆگۈننى قولۇمغا ئالدىم... شەھىرى بېيجىڭ 1- ئىيۇن **********************************************************
-- ئىرپان ئىلىكتىرون لۇغىتىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.
|