پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 4

بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 00:32:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام  بايقاشتىكى دوستلار!  مەن تور  زىيارىتىدە ئۇلۇغچات ناھىيلىك تەشكىلات بۆلىمى كادىرى رەھمۇتۇللا ھەسەننىڭ‹‹ بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟››سەرلەھىۋىلىك ئەسىرىنى  ئوقۇپ  چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.   بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ  ئاتا- ئانىسى  بار  ياكى  بولغان،ئۇلار  بىزدىن نىمىلەرنى  كۈتمىگەن  دەيسىلەر؟  ئەمما  بىز  ئۇلارغا  نىمە  قىلىپ  بەردۇق؟  بۇ  ھەقىقەتەن  ئادەمنى  قاتتىق ئويغا  سالىدىغان  تىما  ئىكەن.  مەن  تورداشلار  بىلەن  ئورتاقلىشىش  مەقسىدىدە   بۇ  تىمىنى  ئەينەن  يوللۇدۇم.  سىلەرمۇ  ئويلۇنۇپ باققايسىلەر!


  بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟



( رەھمۇتۇللا ھەسەن)



     باشقىلار دائىم ئىنسان بالىسى دىگەن خام سۈت ئەمگەن خاتارلىقلاردىن خالىي بولالماسلىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش تۈزەتسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بىز خاتالىقىمىزنى قاچان تۈگۈتىمىز؟ ئاتىلىرىمىز بىزگە مەڭگۈلۈك تۈۋرۈك بولامدۇ؟ بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟



   ھىلىمۇ ھەم ئىسىمدە: مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە ئۇنمىغان ۋاقتىمدا دادام مىنى يۈتۈپ مەكتەپكە ئاپارغان، دادام مەكتەپكە بىرىش يولىدا ماڭا ئوغلۇم –سىنىڭ ماڭا ئوخشاش بىر دېھقان بولۇپ قىلىڭنى خالىمايمەن سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر كىشى بولۇپ چىقساڭ مەن شۇنىڭغا خوش. مەكتەپ دىگەن شۇنداق ياخشى جاي دەپ مىنى ئالداپ ئۇنمىغىنىمغا ئۇنماي مىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن. ئەنە شۇن تەرەققىدە دادام مىنى خۇددى ئۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقىنى ئاسىراندەك ئاسىراپ، ھەممە ئىشتا ماڭا يول قويۇپ، مىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىم ئۈچۈن، مەكتەپتە خاتىرىجەم ئوقۇشۇم ئۈچۈن ئۆزى كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ، ئۆزى يىمىگەننى ماڭا يىدۈرۈپ، بىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە جەمىئەتكە تۆھپە قوشالايدىغان كىشى بولۇپ يىتىلىپ چىقىشىم ئۈچۈن قەھرىتان سۇغۇقتا تاغدىن ئوتۇن تىرىپ كىلىپ بازارغا ئەكىرىپ سېتىپ، يازنىڭ پىژ-پىژ ئىسسىقلىرىدا تاش كولاپ، يەر تېرىپ،خامان ئېلىپ، ئىشەك ھارۋىسى بىلەن 30كېلومېتېر يىراقلىقتىكى شەھەر بازىلىغا يىسۋىلەك ئەكىرىپ سېتىپ، بالىلىرىىڭ ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن بارىلىقىنى سەرىپ قىلدى.



بۇ جاپاكەش دادا، ئەمدى بالىلىرىنمىڭ ھەممىنى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقاردىم ، ئەمدى مەن خاتىرىجەم بولدۇم دەپ تۇرىشىغا، بىز نادان بالىلار  دادىمىزنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھۆكۈمەت بەرگەن نەچچە مىڭ يۈەن پۇللارنى قىزلار بىلەن، جەمىئەتتىكى ئاغىنىللىرىمىز بىلەن بولىشىغا خەجلەپ تۈگەتتۇق، ئاغىنىللىرىمىزگە، قىزلارغا خەجلەپ بەرگەن نەچچە مىڭ يۈەن كۆزىمىزگە كۆرۈنمىدى، لېكىن ھەر ھېيت-بايراملاردا ئاتا-ئانىمىزغا بەرگەن ئەشۇ نەچچە يۈز يۈەننى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقارمىدۇق، ئۇلار بىزگە تىجەشلىك بولۇشنى ئېيتقاندا سىنى مەن بىقىۋاتىمەن دەپ ئۇلارنىڭ نازۇك قەلبىگە خەنجەردەك تىللارنى سانجىدۇق، ئەگەر ئەشۇ دېھقان ئاتا-ئانىمىز بولمىغان بولسا سەن نەدە؟ مەن نەدە؟ سىنى مىنى چوڭ سۆزلىتىۋاتىقان ئەشۇ پۇل نەدە؟



      بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلساقلا مەيلىغۇ، تىخى توي قىلىدىغان چاغدا بالىلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى دەپ ئۇلارنى نۇرغۇنلىغان ئىقدىسادىي قەرىزلەرگە بوغۇپ قويۇپ، ئۆزىمىز بولسا خوشال-خورام ياشاپ يۈرىمىز، ئەشۇ جاپاكەش دېھقان ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قەرزلىمىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈندە سۇيقاش ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن بىز ئاياللىرىمىز بىلەن ئەرزىمەس سورۇن، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بۇللارنى بۇزۇپ چاچىمىز، ئاتا-ئانىللىرىمىز ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قىلىپ، بالام ئايالىڭ بۈگۈن بىزگە بىر ۋاخ تاماق ئېتىپ بەرسۇن دەپ ئۆتۈنگەندە، بىز قوپال تەلەپپۇزدا ئايالىم بۈگۈن دوستلار ئوتتۇرىشغا بارىدۇ، سىللەرگە تاماق ئېتىپ بىرىپ قەرزى بارمىدى دەپ زىدە بولغان يۈرەكلەرنى تېخىمۇ پۇچىلايمىز. ............................. بىز بالىلار نىمىدىگەن ئەقىلسىز ھە . ئەشۇ كېسەل ئانىمىز بىلەن دادىمىز بولمىغان بولسا سەن نەدە؟ مەن نەدە ھە؟



        بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانىللىرىمىز بىلەن بىر ھويلىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تاقىتىمىز قالماي، ئالدىڭدا نايناقلاپ تۇرغان ئايالىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاتا-ئانىمىزنى قان-قان يىغلىتىپ بىزگە ئۆي سېلىپ بىرىشكە، بىزگە شەھەرلەردىن بىنا ئۆي ئېلىپ بىرىشكە قىستايمىز . ئاشۇ ئانا-ئانىللىرىمىزنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن چىرايلىق ئۆيلەردە ئۇلارنى بىر كۈن قونغۇزۇشقا قوسقىمىز ئاغرىيدۇ يۇ، ئاغىنىللىرىمىز بىلەن بۇ ئۆيدە كۈندە بىر سۇرۇن قۇرۇپ ئاغىنىللىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشا تېرىشىمىز. ئەشۇ كەڭ قورساق ئاتا-ئانىمىز بولمىغان بولسا سىنىڭ بۇ چىرايلىق ئۆيلىرىڭ نەدە؟ ئەشۇ ئاغىننىللىرىڭ نەدە؟  



       مانا مەن بۈگۈن بالىلىق بولدۇم ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كىيمىللىرىڭ توپا ئىكەن بۈگۈن ئايالىم يوق ئېدى ........... دىگەندەك باھانىلارنى تىپىپ ئاتا-ئانىمىزنى كۈتۈشكە قىيمىغان شۇ بىنا ئۆيگە ئاتا-ئانىمىزنى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى بىقىش ئۈچۈن ئۆيگە بالا باققۇچىنىڭ ئورنىدا تەكلىپ قىلدۇق، بىزنىڭ بالىمىز ئازراقلا چوڭ بولىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارنى خۇددى دۈشمىنىمىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىققاندەك سوغۇق مۇئامىللىرىمىز بىلەن يولغا سېلىپ قويدۇ.



ئۇلار نەقەدەر كەك قورساق ھە! ئۇلار نەقەدەر چىداشچانلىق ھە! بىزمۇ ئاتا-ئانا بولدۇق بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ شۇنداق قىلسا بىز قانداق قىلارمىز ھە!!!!!!!!!!!!!!



     يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىز خىزمەت ھەلەكچىلىكى، ئاقماس سورۇنلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، ئاتا-ئانىللىرىمىزغا ھېچنەرسە قىلىپ بىرەلمىدۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە تۇشلۇق جاۋاپ قايتۇرالمىدۇق. ئەگەر ئۇلار بىزنى بىقىپ چوڭ قىلمىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتمىغان بولسا سىنىڭ ۋە مىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزمۇ بولمايتتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى خۇددى بىپايان دىڭىزدەك كەڭرى، ئۇلار بىزدىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى كۈتمەيدۇ، بىز بالىلار ھازىدىن باشلاپ بولسىمۇ  كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ،ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەي، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالايلى.  



يازغۇچى: رەھمۇتۇللا ھەسەن



خىزمەت ئورنى: ئۇلۇغچات ناھىيلىك تەشكىلات بۆلىمى




مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

7

دوست

2129

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
559 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
397 سەر
شۆھرەت
324 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 03:01:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،رەخمەت .ھەقىقەتەن ھەممە ئادەم ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن .مانا بىزمۇ بالىلىق بولدۇق ،پەرزەنتىمىز ئازراقلا كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقمىسا بىزنىڭ ئالدى بىلەن دەيدىغىنىمىز :«سېنى شۇنچە جاپادا مۇشۇنچىلىك قىلسام ،بەرگەن جاۋابىڭ مۇشۇما ،نېمە دەپ باقتىم سېنى »دەيمىز .ئەمما مۇشۇنداق بالىلىق بولغۇچە جاپايىمىزنى تارتىپ ،كام يەرلىرىمىزنى تۇلۇقلاپ ،خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان ئاتا-ئانىمىزغا نېمە قىلىپ بەرگەنلىگىمىزنى ئويلاشمايمىز .ئاتا -ئانىمىزنىڭ قەدرىگە يىتىپ ئەمدى بىر خىزمىتىنى قىلىپ رازى قىلۋالاي دەپ ئويلىغاندا بولسا ئاللىقاچان كىچىككەن بولىدىكەنمىز .

0

تېما

2

دوست

19

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
1 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
-2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 15:20:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن،ياخشى تېما ئىكەن!

233

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5082 سەر
تىللا
904 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4200 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 18:09:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئاتا - ئانا بولمىغىچە ، ئاتا - ئانىنىڭ قەدېرىگە يەتمەپتۇ » دىگەندەك بىزمۇ بالىلىق بولغاندىن كېيىن لا ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ بىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ مۇشۇ كۈنەرگە ئېرىشتۇرگەنلىكىنى بىلگەن بولساقمۇ يەنىلا ئائىلە ۋە خىزمەت ھالەكچىلىكىدە ئۇلارغا  ھېچ قانچە ئىش قلىپ بېتەلمەيۋاتىمىز ، ئۇلار  بىزىنىڭ بىر  ئېغىر ئانا ، ئاتا دەپ ئەھۋال سورىشىمىزنى ھەم بىزنى بىر كۆرۈۋېلىشنىلا ئۈمۈد قىلىپ كۈندە يولىمىزغا قارىماقتا .
بۇرۇن ئېزىز كىس ئەپەندى يوللىغان « ئانا » دىگەن ئاۋازلىق نەسىرنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم . شۇڭا ئاڭلىمىغاان تورداشلارنىڭ بىر قېتىم ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
/bbs/forum. ... 6%D8%A7%D9%86%D8%A7

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 18:19:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 18:09
« ئاتا - ئانا بولمىغىچە ، ئاتا - ئانىنىڭ قەدېرىگە يەتمەپ ...

رەھمەت  سىزگە   گۇلزار
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:44, Processed in 0.554196 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش