پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 4

ھاياتىڭىزدا ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتىڭىزدا ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز
   
   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    سىز مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    ياش بولغىنىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، مۇھەببەت، دوستلۇق دېگەندەك. ھېچقانداق ئادەم ھەربىر كۈنىنى مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ئۆتكۈزۈپ بولالمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا بىمالال ھالدا يۈزلىنەلمەيدۇ. سىزنى تاۋلايدىغىنى كەچمىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت. سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.

    سىز ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    نېمە ئۈچۈنكىن، بەزى نەرسىلەرنى زادىلا ئۆزگەرىتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم، ھەقىقى غايىمىزنى تاپالمىغىنىمز ئۈچۈندۇر. بەلكىم، يىراقتىكى كەم-كۇتىسىز گۈزەللىكنى قوغلاشقىنىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ئىلگىرى ماختانغان ئىدۇق، خام-خىياللارنى قىلدۇق، تار دائىرىدىكى نىشانىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق. ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قىلىمىز.

    سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ھازىرنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

    ئۆتۈپ كەتكىنى كېتىۋەرسۇن، كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر بولمىغان يۈكنى چۆرۈۋەتكەندە، تۇرمۇش ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا، بىزنىڭ ئۇنى ياخشى ئۆتكۈزمەسلىككە يەنە نېمە ئاساسىمىز بار؟ نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئادەملەر سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەينىڭىزگە قارىماڭ، ئالدىڭىزدىكى دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل.

    سىز ئۇلارنى كونتىرول قىلالمايسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى باشقۇرالايسىز.

    يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي ۋە تىك بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى مېڭىڭ. بىراق چۇقۇم ئالغا قاراپ مېڭىڭ.ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى يوق، قىيىنچىلىق ھەرقانچە ئېغىر، جاراھەت ھەددى-ھىساپسىز بولسىمۇ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ھەم پۇشايمان قىلماڭ. چۈنكى، ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭىزدە، سىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنىڭىز ئەنە شۇ ئازاپلىق ۋە كۆز يېشى تامچىلىغان يول، سىز ئاۋازىڭىزنى قۇيۇۋېتىپ مەغرۇرانە توۋلىيالايسىز. قاراڭلار، مانا بۇ مەن ئۆزەم ماڭغان يول.

    سىز ئەتىنى بىلەلمەيسىز، بىراق بۈگۈننى تۇتۇپ تۇرالايسىز.

    ‹‹ئورمانلىقتا بىر ئاچال يول بار، مەن قەدەم ئىزى ئازراق بولغان ئاشۇ يولدا مېڭىشنى خالايمەن، شۇندىلا مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ››. بىر يولدا ماڭىدىغان ئادەم كۆپ بولۇۋەرسە، ھامان پاتقاق بولۇپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن يەنە بىر يولنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىپ باقمايمىز؟ شۇندىلا بەلكىم باشقىچە بىر نەتىجە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرالىسىڭىزلا، ئەتىڭىز جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    سىز ھاۋارايىنى ئىدارە قىلالمايسىز، بىراق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلەيسىز.

    سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. بىز كۆڭلىمىزنى ئەمدى بوغۇۋالمايلى، ئەمدى ئۇ ئەركىنلىككە چىقسۇن. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قەلبلەر پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالسۇن. سىز چىراينى تاللىماڭ، بىراق سىز ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايسىز. ئۇلاردىن ھاياتىڭىزدا ھەقىقىي سىزنى بىلىدىغان ھەمراھىڭىزنى تاپالايسىز، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك دوستلىرىڭىزنى تاپالايسىز، مانا بۇ بەخت. مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەيلى سىز نىمىلا قىلماڭ، مەيلى قانداق مۇھىتقا دۇچ كەلمەڭ، سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى، شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە بەختلىك ئەمەسمۇ؟

   

مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

1

تېما

49

دوست

2278

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
598 سەر
تىللا
88 دانە
تۆھپە
385 سەر
شۆھرەت
424 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:53:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن ،مەن بەك ياقتۇردۇم ،رەخمەت سىزگە

25

تېما

7

دوست

2129

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
559 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
397 سەر
شۆھرەت
324 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 03:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى، شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە بەختلىك ئەمەسمۇ؟

بۇ قۇرلارنى شۇنداق ياقتۇردۇم .تېما ئىگىسىگە رەخمەت !
   


234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 19:03:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەيلى سىز نىمىلا قىلماڭ، مەيلى قانداق مۇھىتقا دۇچ كەلمەڭ، سىز شۇنى بىلىڭكى، شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بىر ئادەم باركى، ئۇ سىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە ئازابىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ تەسەللىيسى، شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە بەختلىك ئەمەسمۇ؟
دىمەك :
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر يىپى بولىدۇ ئۇنىڭ بىر ئۇچى ئەرنىڭ قولىدا يەنە بىر ئۇچى ئايالنىڭ قولىدا بولىدۇ ئەگگر ئۇ ئۈزۈلگەندە مۇھەببەت شامى ئۈچۈپ قالىدۇ
تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك مەڭگۈلۈك بەختنى ئاپىرىدە قىلىدۇ .
رەھمەت .

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 21:14:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي ھاي، پىشقەدەم ئەسكەر! تېمىلىرىڭىزگە رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:45, Processed in 0.374351 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش