چۆلدىكى ئانا(شىڭگىل ھېكايە) ئاتاۋۇللا تۇرسۇن توختى قۇم بارخانلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بۆككىدە توغراقلىققا جايلاشقان ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىدا پىكاپتىن چۈشۈپ، كىگىز سېلىنغان سۇپىدىن ئورۇن ئالدىم. سۇپىدا ئولتۇرۇپ ئوماق ئاسلانلىرى بىلەن ياتسىرىمايلا يېنىمغا كەلگەن ئالا مۈشۈككە، پەگادا دانلاۋاتقان بىر توپ توخۇغا، سەل نېرىراقتا ئوتلاۋاتقان قوي – ئۆشكىلەرگە، يوغان توغراققا باغلاپ قويۇلغان ئاتقا قاراپ بۇ چۆلدىكى ‹‹ ئارامگاھ ››قا قىزىقىپ قالدىم. بەكرەك قىزىققىنىم سۇپىنىڭ يان تەرىپىدىكى بادرا دۇكانغا ئېسىپ قويۇلغان، ئانچە – مۇنچە توپا قونغان يالتىراق خالتىلاردىكى كىيىم – كېچەكلەر بولدى. — بۇ كۆڭلەك نەچچە پۇل؟ – ماڭا ھاپىلا – شاپىلا چاي تەييارلىغان قارامۇتۇق ئايالدىن سورىدىم. — 20 كوي بالام، – دېدى ئايال كۆڭلەكنى ئېلىپ يەڭلىرى بىلەن يالتىراق ئۈستىدىكى تۇپىلارنى سۈرتكەچ. كۆڭلەكنى سېتىۋالدىم – دە، ئاشخانىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئۇچامدىكى كۆڭلەك بىلەن ئالماشتۇرۇۋالدىم. خىزمەت بىلەن چۆل – جەزىرىدە يۈرۈپ، ياقىسى تۈگۈل پەشلىرىمۇ قارىداپ كەتكەن كۆڭلىكىمنى سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئەخلەت سېۋىتىگە پۇرلاپ تاشلىۋەتتىم. — تۆۋە بالام، نېمە قىلغانلىرى بۇ؟ ‹‹كىگىزنى ئاسرىغان بورا، يېڭىنى ئاسرىغان كونا›› دېگەندەك، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى چۆرىسەك يامان بولىدۇ، جۇمۇ!؟ ئايال كۆڭلەكنى كاساڭغا تاشلاپ كۇچانىڭ توقاچ سوپۇنى بىلەن يۇيۇشقا باشلىدى. تاماق پىشقىچە يۇيۇلۇپ توغراق شېخىغا يېيىلىپ بولدى، تاماق يېيىلىپ بولغۇچە كۆڭلەكمۇ قۇرۇدى. مەن قوزغىلىشقا تەمشەلدىم. — توختىسىلا بالام، – دېدى ئايال چىرايلىق قاتلانغان كۆڭلەكنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، بۇنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا. مەن بىردەم قولۇمدىكى ئاپپاق كۆڭلەككە، بىردەم كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن بۇ ئايالغا قارايتتىم. قەلبىمنى قانداقتۇر بىر ئىللىق سېزىم چۇلغۇۋالغانىدى. بۇ چۆلدىكى ئاددىي بوستانلىقنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنى شۇ تاپتا ئانامغا، بولۇپمۇ ھېچقانداق بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان مۇشۇ چۆلنىڭ ئانىسىغا ئوخشاتتىم. مەن كەتتىم، ئەمما ئەس – يادىم ئاشۇ ئانامدا قالدى...
|