مەكتەپ مۇدىرى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار بۇ تېمىنى يوللايمۇ يوللىمايمۇ دەپ ئۇزاق ئويلاندىم .چۈنكى توردا توغرا بولغان ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش ، ھەممىدىن مۇھىمى باشقىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ،ياخشى ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا يەتكۈزۈپ ،ئۆزئارا تۇلۇقلاش، ئۆگۈنۈش، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى . شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ تېما قىيداش، ئاغرىنىش، ۋايساش بىلەن ياشاشقا كۆنۈپ قالغان ،كونا قىلىپلىق نەرسىلەرنى يېڭىش ئورنىغا ، باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى مۇھىمراق كۆرىدىغان كىشلەرگە نىسپەتەن پايدىلىقمۇ پايدىسىزمۇ؟ -دېگەن نوقتا ئۈستىدە كۆپرەك ئويلاندىم . لېكىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، مائارىپ ئېڭىنى يېڭىلاش شۇ رايوننىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىدا ئوينايدىغان رولىدىن ، بۇ تېمىنى يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . مائارىپ ئىشلىرىدا جان پىدالىق بىلەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن مۇدىرلىرىمىزغا تەشەككۈرلەر ،مەدھىيەلەر ئوقۇش بىلەن بۇ تېمىنى يوللاشنى باشلىدىم. ئاسماننىڭ ئاخىرى دېگەن نەسىرلەر توپلىمىدىن مۇنداق بىر نەسىرنى ئوقۇپ قالدىم:«مەن ئىزدەيدىغان نەرسىلەر بۇ يەردە يوق ئىدى ، ئەمما يۇقىرى مەنسەپكە يامىشىدىغان پەشتاقلارنى تاپقىلى بولىدۇ. يېڭى ماشىنىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار ماشىنىغا ئېرىشتى . بېيىماقچى بولغانلارنىڭ پۇلى بانكىنى تولدۇردى. پەقەت مېنىڭ ئارزۇيۇملا ئەمەلگە ئاشمىدى .چۈنكى مەن مۇھتاج بولغان نەرسىلەر ناھايىتى قىس ئىدى .لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى بەكمۇ خالايمەن. شۇنداق مەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى دۇنياغا مۇھتاج .بۇ يەردە يېڭى كىنو ، يېڭى سائەت، يېڭى زىببۇ – زىننەتلەر بار ، لېكىن يېڭى ئىدىيە يوق. باھارنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرى يەنىلا بىز تالاي قېتىم كۆرگەن ۋە پۇرىغان گۈللەر.بىز كونا نەرسىلەردىن يېڭى نەرسە ئىزدىدۇق ،خۇددى مومايلار يېڭى چۈمبەل ئارتقاندەك.بۇ يەردە ئانىلار يېڭى ئىنسانلارنى تۇغدى ،لېكىن ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە يېڭى ئىدىيە تۇغۇلمىدى. بۇ يەردە ئانىلارنىڭ سەگۈنچەكلىرىدە تەۋرىنىۋاتقىنى كونا ئۇقۇملار، ئېيتىلىۋاتقىنى كونا ئاھاڭلار. بۇيەردە ئامانەتكە تايىنىپ ياشايدىغانلار مىليونىر بولۇپ كەتتى. ساۋادسىزلار باشلىق بولدى. بۇ يەردە ئاياللارنىڭ سۆلىتى ئەرلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، موللىلار ھاراقكەشلەر سورىنىغا قاتنىشىدىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئىدىيە يوق. بالىلار تۇغۇلۇپلا قېرىپ كېتىدۇ. ئۇلار كونا دەۋرنىڭ بۆشۈكىدە ئۇخلايدۇ.يېڭى دوپپا كىيىپ ، يېڭى ئىدىيەلەرنى رەت قىلدۇق. يېڭى شەھەردە كونا ھېكايىلەر. ئۆيلەر يېڭى ،ئىدىيەلەر كونا. ئۇلار يېڭى ئۆيدە تۇرسىمۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى پىكىرلەر پەيدا بولمايدۇ. ----、“ئۇرفات (ئافغانىستان ) مۇشۇ قۇرلارنى كىتابتىن كۈچۈرۋېتىپ «ھەي ئىدىيە! ›› دەپ قويدۇم .بىلىش ۋە چۈشەنچىلىرىمىز ،كۆزقاراش ، ئاساسلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان رىئال تۇرمۇشىمىز ، مائارىپ ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى . مەكتەپ مۇدىرى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار راست قىزىقارلىقمۇ؟ ياكى تەمسىز قىرتاقمۇ ؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس ... كىشىلەر مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مۇنداق تىپلارغا ئايرىپ باققان. 1. مەنپەتپەرەسلەر تىپىدىكىلەر: خاراكتىر ئالاھىدىلىكى: ئوقۇتقۇچىلار جاپالىق ئىشلاۋاتقان بولسىمۇ، بارلىق ئېلىشقا تېگىشلىك نەپ كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. بۇ خىل مەكتەپ مۇدىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى سۇسلايدۇ ، خوشامەت بىلەن قورساق باقىدىغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارغا يول ئېچىلىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا پاسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتۇش تەتقىقاتلارغا سەل قارىلىپ شەخسىيەتچىلىك كۈچىيىپ كېتىدۇ. 2. ھاراقكەشلەر تىپىدىكىلەر: ھاراق سورۇنلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈشىدىكى شوتىغا ئايلاندۇرىۋالىدۇ. كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى- نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ، ھەتتا بىر قىسىم ئايال ئوقۇتقۇچىلار بۇ رەھپەرگە ياخىشى كۆرىنىش ئۈچۈ ن ھاراق سورۇنلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالىدۇ. جەمىيەتتتىكى ئاتا – ئانىلار ئارسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئابرويى چۈشىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا نۇقسان يېتىدۇ. 3. ھوقوق مەستانىلىرى تىپىدىكىلەر؛ ھە دىسە ھوقۇقىنى پاش قىلىپ كىملەرگىدۇر تەھدىت سالىدۇ .ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ھەممىسىنى %100 توغرا دەپ قارايدۇ. ھوقۇقى ئۈچۈن ئايرىم قىسىم ئادەملەرنى قۇربان قىلىشتىن ھەتتا پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ . ئۇنىڭ نەزىرىدە قانداق قىلىپ قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز بوي سۇندۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ، بىرەر مەسلىنىڭ توغرا خاتالىقىدىن بەكرەك «كىم؟›› مېنىڭ گېپىمنى بەكرەك ئاڭلايدۇ، مەسلىسىگە كۆڭۈل بولىدۇ. ئاقىۋىتى- بىر تۈركۈم خۇشامەتچىلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. قول ئاستىدىكىلەر خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. مەكتەپ ئىچى گۇرۇھلارغا بۆلىنىپ ،بۇ ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 4. ھوقۇق ئويۇنى ئوينايدىغانلار؛ بۇ تىپتىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى قول ئاستىدىكى كىشلەرنىڭ مۇناسىۋېتىدىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا پىتنە – پاسات تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىچىك خاتالىقنى چوڭ خاتالىق قىلىپ ،بىر دەمنىڭ ئىچىدە يېيىۋېتەلەيدۇ . ئۆزىگە يېقىن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ئۆزى «مەندىن ئېشىپ كېتىدۇ›› دەپ قارىغان بىرەر ئادەمنىڭ يامان تەرەپتىكى ئۇچۇرىنى سىڭدۈرۋېتىدۇ. ئۆزى بىيۋاستە ئوتتۇرغا چىقمايمۇ ئوتتۇردىكى ۋاستە ئارقىلىق جەمئىيەت ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھوقۇق ئويۇنلىرىنى قويالايدۇ .قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خاراكتېر ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئۆسۈشىدىكى ۋاستە بولۇپ قالىدۇ. ئاقىۋىتى- ئوقۇتقۇچىلار گۇمانخور بىر – بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ھەتتا بىر – بىرىگە يۈرەك سۆزىنىمۇ دىيىشتىن قورقىدىغان ،بۇرۇقتۇرمىلىق شەكىللىنىپ، گۇمانخورلۇق كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئوقۇتۇش شەكىلەن نەرسىگە ئايلىنىدۇ. 5.ئۆچ ئالىدىغانلار تىپىدىكىلەر: بۇرۇن ئۆزى ئۆچەكىلىشىپ قالغان ئادەملەردىن ياكى ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن ئۆچ ئېلىشنى ئاساس قىلىپ بەزى كۆرنۈشلەرنى ھازىرلايدۇ ،باشقىلارغا قارشى تەرەپنى شۇنداق قوللاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئانچىكىم بىرەر شەخس ئۈستىدىكى تەھلىلىنى تۇتۇۋېلىپ، زەربە بېرىش ئوبيكتىنى تاللاپ زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىڭىدا ئويۇن ئويناش بىلەن ئويۇن ئوينىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولغاچقا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق بىر تىرىشچانلىق ئۆزىنى كۆرسىتىش ، ۋە ئورنىنى تارتىۋېلىش خاراكتېرىنى ئالغان ئويۇن بولۇپ كۆرىنىدۇ. خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن زىدىيەتلەرنى شەخسى ئۆچ – ئاداۋەت خاراكتېرىگە كۈتۈرۈپ كۆپتۈرۋېتىدۇ. ھەتتا ئىدىيەسى چاتاق، ئىدىيەسى ياخشى ئەمەس دېگەندەك قورقۇنۇچلۇق بۆكلەرنى كىيگۈزۈپ ،نۇرغۇن ئاۋارگىچىلىكلەرگە قۇيىدۇ. بۇ خىل مەكتەپ مۇدىرى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت - ئوقۇتقۇچىلار نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىدۇ . بىر -بىرىدىن ئاغرىنىش كۈچىيىپ ھەر خىل ئاممىۋىي سورۇنلاردا بىر- بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ياخشى بولمىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. 6. ئۆگىنىش تىپىدىكىلەر: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق ئۆلچەم پىرىنسىپلارنى تۈزۈپ چىقالايدۇ. ئوقۇتۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىزچىل ئۆگىنىدۇ . ھەممىدىن مۇھىمى ئادىمىيلىككە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشىغا ياردەمدە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىلمىي باھالاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق تۈرلەرنى قوللايدۇ . ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يېيىۋەتمەيدۇ. كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارنى توغرايېتەكلىيەلەيدۇ. مەسىللەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىدۇ. ئايرىم ئادەملەر ئىچىدە غول –غۇلا پەيدا قىلىپ باشقلارنىڭ ئاغزىدىكى ئاساسسىز سۆزلەرنى قالپاق قىلىپ كىيگۈزۈپ قويمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقىلارغا ئۆچ كۆرسەتمەيدۇ . ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ ئىلھاملاندۇرىدۇ. مۇدىرلىق سالاپىتىنى ساقلايدۇ ،غەيۋەت قىلمايدۇ. رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ تەدبىر بەلگىلەش خاراكتېرلىك نۇرغۇن ئوقۇتۇش لاھىيىلىرى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ. پوچىلىق ۋە « سېنى مەن ئۆستۈرگەن ›› دېگەندەك تەمە سۆزلەرىنى قىلىپ باشقىلارغا بىسىم پەيدا قىلمايدۇ . شەخسكە چوقۇنۇش خاراكتېرلىك خاتا ئىدىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئوقۇتۇش ئىلمىي ماقاللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتاب – ماتىرياللارنى كۆرۈش ئادىتىگە ئىگە. بۇ تىپتىكى مۇدىرلارنىڭ كۆپرەك بولۇشى بالىلارنىڭ بەختى. ئىجابىي جەھەتتىن ئۈگىنىش تىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرىدىن باشقا يەنە يېتەكچە تىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرى ، رەھبەر تىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرى ۋە پىداگوگ تىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى بار، بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كۆپرەك بولۇشى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەختى، بىراق جەمىئيىتىمىزدە بۇنداق بەخىتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار زادى قانچىلىكتۇ؟... يۇقىرقى تىپلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھېكايىلەر رىئاللىقىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدۇ. بىر كەسىپدىشىمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر مىسالنى ئاڭلىغان ئىدىم . مەكتىۋىدە كاسىر سايلاش ئۈچۈن ئامما ئىچىگە ئاۋازغا قويغاندىن كېيىن ئامما بىر ئوقۇتقۇچىنى كۆرسەتكەن ،مۇدىر ئۇنى تازا ياقتۇرمىغاچقا مۇنداق ئۆلچەمنى چىقارغان . «خەنزۇچە ئوقۇغان بولۇش، توي قىلغان بولۇش ،كادىرنىڭ بالىسى بولۇش، ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان بولۇش. ›› بۇ ئۆلچەمنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم . قىممەت قارشىمىزدىن ئېغىپ قالساقمۇ ،بىر مەكتەپنى باشقۇرۋاتقان يېتەكلەۋاتقان بىر رەھبەرنىڭ مۇنداق ئۆلچەمنى چىقىرىشى . ماڭا «نادانلىقنىڭ يېڭى ۋاريانتلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تەڭ تۇغۇلىدۇ ›› دېگەن سۆزنى ئەسلىتىپ قويدى . 21 -ئەسىرنىڭ سان ئۆزگىرىشى ئالدىدا تەمتىرەۋاتقان سۆيگىمىز ، يىگىلەۋاتقان ئادىمىلىكىمىز، خۇنۇكلىشۋاتقان قىممەت قارشىمىزنىڭ مائارىپتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كەسىپكە ھۇجۇم قېلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەجىبا بىز بالىلىرىمىزغا پۈچەكلەشكەن روھىي تۇغمىلارنى قالدۇرۇپ ئۇلارنى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى سېزەلمەيدىغان ئوچۇق قارغۇلاردىن قىلىپ قويماقچىمۇ؟؟؟ بۇ قۇرلار ،مەملىكەت بويىچە ئۈلگە بولىۋاتقان杜郎口中学نىڭ تەرەقىيات جەريانىمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەقىيدىسىنىڭ ،يۇرتىنى خەلقىنى سۆيۈشتىكى چىن ھېسيتاتنىڭ ،توغرا بولغان مائارىپ قارشىنىڭ رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىش -ئىزلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ يۈرۈكۈمنى تىلغاپ ئۆتتى.... بىزگە يات بولۇپ كەتكەن « ئىت ۋە ئارسلان ›› ھەققىدىكى قۇرلارنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدىم . مەكتەپلىرىمىزدە يېڭى بىنالار سېلىنۋاتقان ئوقۇتۇش ئەسلەھىلىرىمىز يېڭىلنىۋاتقان بولسىمۇ كونا قاراشلاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمەسلىك، قاتتىق ۋاستىلەردىكى يېڭىلىقلارنى خۇدۇكسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ. توغرا يىتەكلەشكە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان قار كۆزلىرىمىز بىزدىن توغرىلىقنى ،ئىلمىلىقنى يەنە كېلىپ ھەركەتتىكى ئاكتىپلىقنى ،سۇنماس ئىرىدىنى تىللىمەكتە ... بىز قانداق مۇھىتتا ياشايلى مۇھىتنىڭ خۇجايىنلىرى ئۆزىمىز .مۇشۇنداق ئوخشاش بولمىغان تاللاش ۋە مۇھىتلاردا ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ۋاقتلىق قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى« زىيالىي›› نامىنى قارا رەڭدە بۇياپ بىر قىسىم ناتوغرا ھەركەتلەرنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ ئېرىشكەن مەنپەتلىرىدىن نېمىلەرگە ،قانداق خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ...چۈنكى ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكى يەنىلا ئۆلۈم . ئۆلۈمنىڭ قىممىتى ھاياتلىقىمىزدىكى توغرا ھەركەتتە...ئاخىرىدا شۇنداق دىگۈم بار ؛ كەسىپنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان نۇرغۇن مەنپەت ئالدىدا زامانىمىزنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى تاللاش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ قوشۇمچە مەزمۇن: --ھوي سەن بۇياققا كىلە، سىرىق چىراي بىرسى قوپال ئاھاڭدا مىنى چاقىردى، تەلەپپۇزى ياقمىغاچ ئاڭلىمىغان قىياپەتتە تۇرىۋەردىم. --ھوي بىزنىڭ شوجاڭ چاقىرىدۇ، قۇلىقىڭ گاسمۇ؟قارىغاندا مەكتەپ مۇدىرى ئوخشايدۇ، ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ باردىم. --نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ --22 گە --مەن تىخى سىنى 18 گە كىرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. --ئاتا-ئاناڭ نىمىش قىلىدۇ؟ --دىھقان --دىھقاننىڭ بالىسى بۇنداق ناھيىگە يىقىن مەكتەپتە نىمىش قىلىدۇ؟ نەچچە پۇل خەجلەپ كەلدىڭ؟ --پۇل خەجلىمىدىم، ئىمتاھان نەتىجىمىزگە ئاساسەن تەقسىم قىلدى. --قارىغاندا بىرەر باشلىقنىڭ بىرنىمىسى ئوخشايسەن، سايىۋىنىڭ كىم؟ --ئائىلىمىزدىن مەنلا ئوقوغان، 70 پۇشتۇم كەتمەن چاپىدۇ. ئاچچىقىمدا جاۋاب بەردىم. --قارا ما گۇينىڭ كىچىككىنە تۇرۇپ گىپىنىڭ ھاراملىقىنى، ماۋۇ شوجاڭ جۇمۇ بىلىپ قوي. --ئالى مەكتەپ دىگەننىمۇ بىلەمسەن؟ --شۇيەردە ئوقوپ كەلگەچ ئىمتاھانغا قاتنىشالىدىم. --نىمە كەسىپتە ئوقوغان؟ --باغۋەنچىلىك --مەكتەپتىن ئازراق يەر بىنام ئىچىپ بەرسەك تىرامسەن؟ --مەن ئوقوغۇچىلارنى تەربىيلەيدىغان باغۋەن بولغىلى كەلدىم، يەر تىرىغىلى كەلمىدىم. مانا بۇ مىنىڭ ئوقوتقۇچى بولۇپ كۇلىپ 2 كۈندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قىلىشقان تۇنجى پارىڭىم. بەلكىم مەندەك شۇنچە ياۋاش يۇمشاق ئادەمنى ھازىرقىدەك ئىسيانكارغا ئايلاندۇرىۋەتكىنى ئاشۇ تۇنجى غۇرۇرۇمغا تەككەن پاراڭلار بولۇشى مۇمكىن. مەنبە: تەۋپىق مائارىپ تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 17:25
|