مۇناجات (3)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
دىلبىرىم باغرىڭنى ئاچ! بەرگى چىمەنلەردىن كېتەي، ھۆر-پەرىلەر قايدا سەنسىز، ئەنجۈمەنلەردىن كېتەي.
قارغىسۇن گۈللەر مېنى، سانچىپ تىكەن يانتاقلىرىم، پاش ئېرۇر رەسۋالىقىم، شىرىن سۇخەنلەردىن كېتەي.
تۆكمىگەي يامغۇرلىرىڭ ياش توزۇسا ياپراقلىرىم، سارغىيىپ چۆللەر ئارا پەسلى لېۋەنلەردىن كېتەي.
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈپ قالسۇن مېنىڭ تۇپراقلىرىم، مەن ئۆزۈمگە توقۇغان جۇلدۇر كېپەنلەردىن كېتەي.
مەن چىقىپ كەلسەم كېچەڭدىن چاقنىغاي چاقماقلىرىم، باش ئېلىپ مەشرەپ بىلەن قەشقەر، خوتەنلەردىن كېتەي!
2012-يىلى، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭىسار. |