مـــۇنـــاجـــات (1)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
سۈكۈناتلار باغرىدىن چۇقان مېنىڭ قەلبىمگە كەل، چوققىلاردا لەرزىتىپ تۇغيان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
زىلزىلە بولسۇن ۋوجۇدۇم چۆكمىسىدە داغى بىر، نەرىلىك چاقماق بىلەن ئاسمان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
قالدى تاغلار ھەيۋىتى ئاققان ئېقىنلار سەتھىدە، تاغ سۈيىدەك تاش تېشىپ ئارمان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
گۈل ئەمەس قارچۇقلىرىمدا چاقنىغان چوغدەك يېنىپ، قانلىرىم بەرگىڭدىدۇر رەيھان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
ئۆڭمىگەي مۇڭلۇق سادالار جەۋھىرى جان بەرقىدە، تار ئۈزۈپ ئۆركەشلىگەن ئەپغان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
ئاققىنى باغرىمدىكى ئاتەش ئەسەبلەر چەشمىسى، دەۋرىسۇن ئىزگۈ قىيان، توپان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
كۆزلىرىمدە سۇ ئىچىپ تۇلپارلىرىم كىشنەر ھامان، يەتمىگەي پەرۋاز ساڭا، پەيكان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
رىشتىلەر ئەيلەر بايان تاش ئۇستىخانلار كەچمىشىن، پارلىغان چۆللەر ئارا گۈلخان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
سالسا ئالتۇن كەش بىلەن ئەپسانىلەر بۇندا ساما، كۈيلىرىمنىڭ خەمسىسى ــ داستان مېنىڭ قەلبىمگە كەل!
2000-يىل 7- ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭسار.
بۇ غەزەل«قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 16:05
|